تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسى توغرىسىدا بىزنىڭ دەيدىغان سۆزلىرىمىز بار

شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى:

شىنجاڭ پاختىسى توغرىسىدا بىزنىڭ دەيدىغان سۆزلىرىمىز بار

يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە، H&M قاتارلىق بەزى ماركىلار ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، «شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق خەۋەرلەر بارلىق جۇڭگولۇقنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتەنمۇ «جاھاندىكى ئەڭ كۈلكىلىك ئىش».

شىنجاڭدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز سىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئەڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېيتىپ بېرەيلى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر جۇلالىنىپ تۇرغان مەرۋايىت، بۇ يەردە مۇزلۇق بىلەن چۆللۈك تەڭ مەۋجۇت، قۇملۇق بىلەن بوستانلىق قوشنا، ئوت يۇرتى بىلەن قار - مۇز سۈيى بىر - بىرىگە ھەمراھ، ئوتلاق بىلەن كۆللەر گىرەلىشىپ كەتكەن. شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىتتىپاق، دوستانە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئىناق ئۆتىدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ مەكتىپىمىز ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، تاجىك، رۇس قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئون نەچچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، ئادەتتە بىز بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ياشاپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بىز شىنجاڭنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدۇق، يۇرتىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۇق. ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن پاختىكارنىڭ پەرزەنتلىرى بار، ئۇلار تەتىلدە ئۆيىگە قايتقاندا ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئەمگەك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا كېۋەز تېرىش، يىغىش يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلاشقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇپ، بىرلىشىپ تېرىش، ماشىنىدا پاختا يىغىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش قاتارلىقلار ئىشقا ئاشۇرۇلغاچقا، پاختا يىغىشتا كۆپلەپ پاختا تەرگۈچى ئىشلىتىشنىڭ پۈتۈنلەي زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇلارنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، كېۋەزنىڭ بىخ چىقىرىش مەزگىلىدىكى يۇمرانلىقى، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى جۇشقۇنلۇقى، چېچەكلەش مەزگىلىدىكى چاققانلىقى، غوزىلاش مەزگىلىدىكى كەمتەرلىكىدىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىر يىغىۋېلىش مەزگىلىدىكى مول ھوسۇلغىچە بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىش يولىغا بەكمۇ ئوخشايدىكەن.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «ھەممە ئائىلىنىڭ چىقىش يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇشى، روھىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، پۇقرالارنىڭ «ھەميېنى» بارغانسېرى تومپايدى، كۈنلىرى بارغانسېرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، كۆڭلى بارغانسېرى ئېچىلدى، چېھرى بارغانسېرى خۇش تەبەسسۇمغا تولدى. بۇ يىل قىشلىق تەتىل توشۇپ مەكتەپكە قايتقاندىن كىيىن، ئىتتىپاق ئەزاسى ياشلار ئۆزىنىڭ قىشلىق تەتىلدىكى جەمئىيەت ئەمەلىيىتى كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق يۇرتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن ھەمبەھرىلەندى. ئۇلار بەس - بەستە يۇرتىنىڭ مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، بەزى ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئاكىسى ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، كەنتتە ناۋايخانا ئېچىپتۇ؛ بەزى ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئاچىسى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ ياساش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، يېزىدا چاچ ياساش دۇكىنى ئېچىپتۇ؛ بەزى ساۋاقدىشىمىزنىڭ دادىسى ئاغرىپ قېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققاندا ھېسابات تالونىدىكى سان پەقەت ئىككى خانىلىق سان بوپتۇ؛ بەزى ساۋاقدىشىمىزنىڭ سىڭلىسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىگە كىرىپ ھەقسىز مائارىپنى قوبۇل قىپتۇ... ئالاقە تورى دەۋرىدە، شىنجاڭ خەلقىنىڭ سۈرەتلىگىلى بولىدىغان ھەقىقىي گۈزەل تۇرمۇشى ئالدىدا، ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا شىنجاڭ پاختىسىغا داغ تەگكۈزگەن، شىنجاڭغا قارا چاپلىغان ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى ئاشۇ كۈچلەرنىڭ يۈزى قىزارمامدىغاندۇ؟

بۇ يەردە، بىز ئۆز كەچۈرمىشلىرىمىز ئارقىلىق كۆپچىلىككە شۇنى ئېيتىپ بېرىمىزكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز جاراڭلىق ئاۋازدا شۇنداق دەيمىزكى: شىنجاڭ ياخشى جاي! تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن گۈزەل شىنجاڭنى كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىگە كېلىپ، ئۆز كۆزى بىلەن بىز ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىللە ياشاۋاتقان گۈزەل مەكتەپنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.