تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«نۇرغۇن كېسەلنى يېزىدىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان بولدى»

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باي ناھىيەسى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق دوختۇرخانىدا سوقۇر ئۈچىيى ئېلىۋېتىلگەن تۇرسۇن مەمەت دوختۇرخانىغا كېلىپ قايتا تەكشۈرتتى. «ئەگەر ئىلگىرىكى ۋاقىتلار بولسا جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر يېزىلىق دوختۇرخانىدىلا ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقىت، كۈچ ھەم پۇل تېجىگىلى بولىدۇ». تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا: دوختۇرخانىنىڭ پەقەت «جاراھەتلەرنى تازىلاپ تىكىدىغان» دەۋرى كەلمەسكە كەتتى، دېدى.

زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ تۈرتكىسىدە، باي ناھىيەسىدە دائىم تۇرۇشلۇق 300 مىڭ نوپۇس ئىشىكى ئالدىدىلا ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» «كېسەل كۆرسىتىش يىراق بولۇش» «كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسى ھەقىقىي ھەل قىلىندى.

«بۆلۈم - ئىشخانىلار يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش»   ئىقتىدارى ئۆسۈش

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 10 لاردا، باي ناھىيەسى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسىدا تۆۋەنگە چۈشكەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى باشلاپ، ئاغرىقلارنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋالدى؛ جۇڭيى تېبابىتى سارىيىدىكى بىر قاتار 12 كېسەلخانا ئاغرىقلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئۇۋۇلاش، سوزۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يىڭنە سانجىش، پۇتنى دورىلىق سۇغا چىلاش داۋالىشى قىلىۋاتاتتى؛ دوختۇر - سېسترالار ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى؛ كېسەلخانا بۆلۈمىدە باي ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دوختۇر - سېسترالارنى باشلاپ يېڭى بىر كۈنلۈك ياتاق تەكشۈرۈشنى باشلىدى...

2018 - يىلى، چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق دوختۇرخانا يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا ۋە كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، بۆلۈم - ئىشخانىلارنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئوپېراتسىيە ئۆيى ۋە جۇڭيى تېبابىتى سارىيى تەسىس قىلدى. 2019 - يىلى، باي ناھىيەسى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باشلامچى بولغان ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا «بۆلۈم - ئىشخانىلار يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، داۋالاش تېخنىكىسى ئىشخانىسى، تەكشۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىقلارنى دەل جايىدا ياردەم بېرىپ يۆلىدى.

شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ جۇڭيىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق دوختۇرخانا باي ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىدىكى ئۇنۋانى ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالتە دوختۇر - سېسترانىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە كېسەل كۆرۈشى، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۆز جايىدا تەربىيەلىشىدە، چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، نۇرغۇن كېسەلنى داۋالاپلا قالماي، يەنە چۇقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى، سوقۇر ئۈچەينى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى، بەدەن سىرتىدىكى ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئوپېراتسىيەنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدى.

«كېسەل كۆرسىتىش يىراق بولۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، باي ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئورۇنلىرى مۇتەخەسسىسلەر كۆچمە ئوپېراتسىيە ئۆمىكى قۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر ۋاقىت يېزىلارغا چۈشۈپ ئوپېراتسىيەنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ۋە يىراق مۇساپىلىك تەسۋىرىي سۈرەت، يىراق مۇساپىلىك شىنديەنتۇ، يىراق مۇساپىلىك پاتولوگىيە قاتارلىقلار ئارقىلىق يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، باي ناھىيەسى 108 ئاغرىق مىسالىغا يىراق مۇساپىدىن دىياگنوز قويدى، بۇ، 2020 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20.4 ئاشتى؛ 409 ئاغرىق مىسالىنى يىراق مۇساپىدىن شىنديەنتۇ قىلدى، بۇ، 2020 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %88.4 ئاشتى. «يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ دەرىجىسى بويىچە پۇل خەجلەپ ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق، نۇرغۇن كېسەلنى يېزىدىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان بولدى» دېدى ئاغرىق پاتىگۈل ياسىن.

دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش   كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇش

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 11لەردە، باي ناھىيەسى سايرام بازارلىق دوختۇرخانىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىۋاتقان ئۇش مەھەللىسى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمىر ئىبراھىم ئېغىر ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقان دوختۇر - سېسترالارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى.

رەڭلىك B چاۋ، تولۇق ئاپتوماتىك بىيو خىمىيەلىك ئانالىز ئۈسكۈنىسى، مەركەزدىن قاچما ماشىنا، يىراق مۇساپىدىن شىنديەنتۇ قىلىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى، ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتى، كۆپ ئىقتىدارلىق تىترەشنى يوقىتىش ئەسۋابى... كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسىنى كۆرگەن ئىمىر تولىمۇ ھاياجانلاندى، دوختۇرخانىنىڭ شارائىتىدا ناھايىتى زور ياخشىلىنىش بولغانىدى.

2019 - يىلى باي ناھىيەسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، يىراق مۇساپىلىك تەسۋىرىي سۈرەتكە ئېلىش، يىراق مۇساپىلىك شىنديەنتۇ قىلىش، يىراق مۇساپىلىك پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ناھىيە، يېزىلارنىڭ داۋالاش ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، باي ناھىيەسى ناھىيە، يېزا، كەنتلەر دەرىجىگە ئايرىپ داۋالايدىغان كېسەل تۈرى، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا كىرگۈزۈش - چىقىرىش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاش ئۆلچىمى ۋە يۆتكەپ داۋالاش تەرتىپىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش» تۈزۈمىنى تۈزۈپ، «يەككە جەڭ قىلىش»نى «كوللېكتىپ جەڭ قىلىش»قا ئۆزگەرتتى. ئىمىر ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇشتىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇپ قالدى، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، دوختۇرخانىدىكى دوختۇر - سېسترالارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئۇنىڭ كېسىلى يېزىدىلا داۋالاپ ساقايتىلدى.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئاۋۋال دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش، ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولغان ئاتچوت نىسبىتى ئىمىرنىڭ داۋالىنىشىغا قىلچە بېسىم پەيدا قىلمىدى. «بۇ قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا جەمئىي 1505 يۈەن خەجلىدىم، داۋالاش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن مەن خەجلىگەن پۇل پەقەت 235.45 يۈەنلا بولدى» دېدى ئىمىر.

دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئارقىلىق، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، باي ناھىيەسىدىكى 2 - دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلگەنلىرى 1830 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.3 ئاشتى، 2020 - يىلى ناھىيە تەۋەسىدە كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى %91.4كە يەتتى.

مېخانىزم ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش   قوشۇننى مۇقىملاشتۇرۇش

باي ناھىيەسى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى سارىيىنىڭ مەسئۇلى ئاسىگۈل توختى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەتىگەندە ئىشقا چۈشۈپلا، داۋالاش ئۆيىدە سەييارە ئايلىنىۋاتقاندا، دوختۇر - سېسترالارنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشىنىڭ جايىدا بولماسلىق ئەھۋالىنى بايقاپ، ۋاقتىدا تۈزەتتى. ئىككى يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاسىگۈلنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى ھەم تەمكىن بولۇپ قالدى.

دەسلەپتە، تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى سارىيى پەقەت ئۈچ - تۆت تۈرنىلا يولغا قويغانىدى. داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2019 - يىلى، باي ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلاردىكى تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى باشلىدى، ئاسىگۈل تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان كۇرسانتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر يىل تۆت ئايدا، جۇڭيى تېبابىتى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە داۋالاش، جۇڭيى دورىلىرى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاشتىن ئۈسكۈنە، ئەسۋابلار بىلەن داۋالاش قاتارلىقلارغىچە، ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن ئاسىگۈل جۇڭيى تېبابىتى سارىيىنىڭ مەسئۇلى بولالىغۇدەك ئىشەنچكە ئىگە بولدى، بۆلۈمدىكى دوختۇر - سېسترالارنى باشلاپ ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، جۇڭيى تېبابىتى سارىيىنىڭ داۋالاش تۈرىمۇ كۆپىيىپ 22 تۈرگە يەتتى.

قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، باي ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇر - سېسترالارنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«مېنىڭ ئىلگىرى ئاساسىي مائاشىملا بار ئىدى، بىر ئايدا قولۇمغا 3500 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تېگەتتى، كۆپ ئىشلىسەممۇ، ئاز ئىشلىسەممۇ ئوخشاش ئىدى.» باي ناھىيەسى زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنى قانات يايدۇرۇپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاشنى باشلىغاندىن بۇيان، سايرام بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرى ئامىنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدى: دىياگنوز قويۇپ داۋالايدىغان ئاغرىقلار قانچە كۆپەيگەنسېرى، ئالىدىغان ئۈنۈم مائاشمۇ شۇنچە كۆپەيدى؛ ئۇنۋان قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، مائاشمۇ شۇنچە يۇقىرى بولدى... بىلىپ - بىلمەيلا، كېسەللىك ئارخىپىنى ئەستايىدىل، ئۆلچەملىك يېزىش ئامىنەنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى؛ ھەر كۈنى مۇقىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىشمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. 2020 - يىلى ئامىنە ياردەمچى ۋىراچلىقتىن كەسپىي ۋىراچلىققا ئۆستۈرۈلدى، مائاشىمۇ بىر قاتلاندى.

ئاساسىي قاتلام ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھازىر بار بولغان ئىشتاتىنى جانلاندۇرۇپ، ھازىر بار بولغان كەنت دوختۇرلىرىنى ئالدىن قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ھەممىسىگە «بەش خىل سۇغۇرتا» تاپشۇرۇلىدىغان بولدى. 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، باي ناھىيەسىدە ئىش ئورنىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ يىللىق مائاشى ئوتتۇرىچە %12 ئۆستى، قوشۇن مۇقىملاشتى، غەيرىتى تولۇپ تاشتى. «مەن سەۋىيەمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىق ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى ئامىنە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.