تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى: يول بويىدىكى يايمىدىن كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى

4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى گۇڭمى كوچىسىدا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. تىجارەت باشلىغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بۇ مەززىلىك تائاملار سودىسى خاس كوچىسى مىدۇڭ رايونىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى. بۇ يەردە كىشىلەر شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ھەقىقىي، ئۆز تەمىدىكى مەززىلىك تائاملىرىنى تاپالايدۇ.

كوچا ئىچىدىكى ئۈچ كۆۋرۈكنىڭ بىرى بولغان «چىشېڭ كۆۋرۈكى» يېنىدا، ئىككى مېتىردىن ئېگىزرەك كېلىدىغان «ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى» دېگەن دۇكان ۋىۋىسكىسى تىكلەپ قويۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكىسى ئۈچ قەۋەتلىك ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى باش دۇكىنى ئىدى.

بىر راڭپىزا دۇكىنىنىڭ مۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك بولۇشىنى ئويلاپمۇ يەتكىلى بولمايتتى.

«ھازىرقى ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى بۇرۇنقى بىر كىچىك لەمپىگە بىر قول ھارۋىسى قوشۇلغان سىياقتا ئەمەس.» گۇڭمى كوچىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ياڭماۋگۇڭ بازىرىنىڭ بازار باشلىقى ما خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: پۈتۈن بازاردا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار، 1000دىن ئارتۇق ئادەم راڭپىزا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر يىلدا 12 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىنىدۇ، «بۇنداق ئۆلچەم خادىسى خاراكتېرلىك دۇكاننىڭ بارلىققا كېلىشى راڭپىزىچىلىق كەسپى تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن تەبىئىيلا بولىدىغان ئىش».

راڭپىزا كوچىسىدا سودا قىزىپ كەتتى

راڭپىزا ئامما ئومۇميۈزلۈك ياقتۇرۇپ يەيدىغان خاس مەززىلىك تائام. شىنجاڭ راڭپىزىسى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنىڭ نامى يىراقلارغا تارقىلىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى.

4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 14تە، مۇخبىر ياڭماۋگۇڭ بازىرىدىكى راڭپىزا كوچىسىغا كېلىپ زىيارەت قىلدى. بۇ كوچىدا 20دىن ئارتۇق راڭپىزا دۇكىنى بار بولۇپ، دۇكانلارنىڭ سودىسى يامان ئەمەس ئىدى. ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق، ئون مىنۇت ئىچىدە دۇكانلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئۈچ - تۆت تۈركۈم خېرىدار كىرىپ چىققانلىقىنى بايقىدى.

مۇخبىر تاللاپ يۈرمەيلا «خەيچې» دەپ دۇكان ئىسمى يېزىلغان راڭپىزا دۇكىنىغا كىردى. دۇكان رەتلىك، پاكىز، تاماق تەييارلاش ئۆيى 20 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، خېرىدارلار تاماقلىنىدىغان جايغا ئون نەچچە ئۈستەل قويۇلغانىدى. دۇكان ئىگىسى ياڭ شۆلياڭ، ما شېڭمېي ئەر - خوتۇن ئىكەن.

«بازاردىكى ئەسلىدىكى كونا بازارنىڭ يېنىدا بىر پارچە ئورمانلىق بار بولۇپ، يازدا سالقىن ئىدى، 1992 - يىلى بىز ئاشۇ ئورمانلىقنىڭ يېنىدا يايما ئېچىپ راڭپىزا ساتتۇق.» ما شېڭمېي مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا بىر كىشىلىك راڭپىزا يەتتە مو ئىدى، بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىمىز 30 يۈەنگە يېقىنلىشاتتى، كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 100 يۈەندىن ئاشاتتى.

سىرتتا تىجارەت قىلغاندا، قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتىدىغان گەپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يايما ئېچىپ ئالتە يىلدىن كېيىن دۇكان ئېچىشنى قارار قىلدى، شۇ ئاچقانچە 20 نەچچە يىل ئاچتى.

«سودىمىز بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە سەل ناچار بولغاندىن باشقا، ئىزچىل ئىنتايىن ياخشى بولۇپ كەلدى. ئادەتتە كۈنىگە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق راڭپىزا ساتالايمىز، تىجارەت كىرىمىمىز 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، چىڭمىڭ بايرىمى، يەنە «1 - ماي»، جۇڭچيۇ، «1 - ئۆكتەبىر» بايراملىرىدا كۈنىگە 200 كىلوگىرام ساتالايمىز، تىجارەت كىرىمىمىز 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ.» ما شېڭمېي مۇنداق دېدى: ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنىڭ بارغانسېرى داڭقى چىقىۋاتىدۇ، سودىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

سائەت 15لەردە مۇخبىر گۇڭمى كوچىسىدىكى ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى باش دۇكىنىغا كەلدى. دۇكان خېرىدارلار بىلەن لىق تولۇپ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. راڭپىزا يەيدىغانلار كۆپ بولغاچقا، دۇكاننىڭ سىرتىغىمۇ تۆت ئۈستەل قويۇلغانىدى. مۇشۇنداق بولسىمۇ راڭپىزا يېيىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تىزىملىتىپ ئورۇن ساقلاشقا توغرا كېلەتتى.

پۇل يىغقۇچى يەنە تىزىملاتقانلارنىڭ نومۇرىنى چاقىرىشقا مەسئۇل ئىكەن، قولىدىكى تىزىملىك دەپتىرىنىڭ 30 بېتى لىق تولغان بولۇپ، ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى. مۇخبىر ھەربىر بەتتە تەخمىنەن 60 كىشىلىك راڭپىزا تىزىملانغان دەپ يۈزەكى ھېسابلاپ چىقتى. بۇ، سائەت 15 بولغىچە، بۇ دۇكاندا تەخمىنەن 1800 كىشىلىك راڭپىزىنىڭ سېتىپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.

«رەڭلىك راڭپىزا» ئەكس ئەتتۈرگەن بەخت مەنزىرىسى

گۇڭمى كوچىسىدىكى ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى باش دۇكىنىنىڭ ئىچى كۆڭۈل قويۇپ بېزەلگەنىدى، دۇكان ئاساسلىقى سەھرا ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن بولۇپ، تاملارغا ياڭماۋگۇڭنىڭ يەرلىك ماقال - تەمسىللىرى چاپلانغان، يەنە پاخالدىن ياسالغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار قويۇلغانىدى.

دۇكان لوبىنى ما چاڭيۇڭ چېڭدۇدا كاماندىروپكىدا ئىكەن. «ئىلگىرى راڭپىزا دېيىلسە، كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىغا يول بويىدىكى يايمىلار كېلەتتى، مەن شەھەر رايونىدا ئالىي دەرىجىلىك راڭپىزىخانا ئېچىپ، ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنى نەپىسلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ئويلاشتىم» دېدى ئۇ تېلېفوندا.

دۇكاندىكى خىزمەتچىلەر پەرتۇق تاقىۋالغان بولۇپ، پەرتۇقتىكى «قىزىلىمۇ، يېشىلىمۇ ھەممىسى ياڭماۋگۇڭنىڭ!» دېگەن خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. مۇلازىم مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى راڭپىزىدىن باشقا، دۇكىنىمىزدا يەنە ئۆزگىچە «رەڭلىك راڭپىزا»مۇ بار، بۇ، لوبەننىڭ ئىجادىيىتى.

ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، 2019 - يىلى ما چاڭيۇڭ كاۋا، خولۇڭگو، زىگەنلەن قاتارلىق مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ شىرنىسىدىن رەڭلىك راڭپىزا تەييارلاپ، نەچچە يۈز قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ھەم راڭپىزىنىڭ تەمىگە تەسىر قىلمايدىغان، ھەم ھەر خىل رەڭدە بولغان «رەڭلىك راڭپىزا»نى بارلىققا كەلتۈردى.

يېڭىلىق ياراتقاندىلا نەتىجىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. دۇكاندا نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن نۇرغۇن خېرىدار مەخسۇس «رەڭلىك راڭپىزا»نى بۇيرۇتاتتى، قايتقاندا يەنە قاچىلاپ ئالغاچ كېتەتتى.

«رەڭلىك راڭپىزا بىزنىڭ كوزىر مەھسۇلاتىمىز، بۇ، بىزنىڭ راڭپىزىنى كەسىپلەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئىزدىنىشىمىز. نۆۋەتتە، بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.» ما چاڭيۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر سىياسەت ياخشى، تۇرمۇشىمىز ياخشى، راڭپىزا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇن كەلگەندىلا، سودا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

كىچىككىنە راڭپىزا كەسىپلىشىشكە يۈزلەندى

شىنجاڭ ماسېن يېمەك - ئىچمەك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى سەككىز كاۋاپخانا، ئۇن تائاملىرى دۇكىنىنىڭ ھەممىسى ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنى ساتىدۇ. مالىيە دىرېكتورى بەي شياۋلى مۇنداق دېدى: ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەر كۈنى 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق راڭپىزا ساتىمىز.

«مىدۇڭدا بار يۈزلەپ راڭپىزا دۇكىنى، ھەممىسىنىڭ بار ئۆزگىچە تەمى.» دەسلەپتە، بۇ، ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنى ماختاش سۆزى ئىدى. لېكىن ما چاڭيۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ۋەزىيەت ئەمەلىيەتتە ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنىڭ كەسىپلىشىشىگە توسالغۇ شەكىللەندۈرگەن.

«تېز تاماق، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كەسىپ قىلىپ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن ئۆلچەملەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك.» ما چاڭيۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، «رەڭلىك راڭپىزا»نى تەتقىق قىلىپ تەييارلىغان چاغدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى مىقدارلاشتۇرۇش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ دۇكىنىدا راڭپىزا تەييارلاشقا كېتىدىغان ئۇن - سۇنىڭ نىسبىتى، ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى، دورا - دەرمان نىسبىتى، لازا يېغى تەييارلاشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار، سەي تەڭشەشكە كېتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ مىقدارى، تۈرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مىقدارلاشتۇرۇلۇپ، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە سانلىق مەلۇماتلار شەكىللەندۈرۈلۈپتۇ.

«مىقدارلاشتۇرۇش بىرىنچى قەدەم. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى شەھىرىدە ئىتتىپاقداش دۇكانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى مەخسۇس دۇكىنىدىن 15نى ئېچىشنى پىلانلىدۇق، بىرتۇتاش تەييارلاپ، بىرتۇتاش تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ، ھەممە دۇكاندىكى راڭپىزىنىڭ بىر خىل تەمدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ما چاڭيۇڭ.

قولىدا «چوڭ سانلىق مەلۇمات» بولغاچقا، ما چاڭيۇڭ يەنە قولاي، تەييار ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلدى. «بۇ مېنىڭ چېڭدۇغا بىر ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم، دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، ئوراش - قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى بېكىتتىم، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 2 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ئوڭۇشلۇق بولسا، بىز ئىشلەپچىقارغان <ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى> 6 - ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ» دېدى ما چاڭيۇڭ.

«ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنىڭ كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز.» ما خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: «ياڭماۋگۇڭ بازىرى بېلىق، گۈرۈچ ماكانى. كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىغا ئوخشاش سۈپەتلىك ماركىلارنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ».

نۆۋەتتە، مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تاماملىنىپ، راڭپىزىچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلدى ھەم قەرەللىك ھالدا راڭپىزا تەييارلاش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىدىغان بولدى.

«بۇنىڭدىن كېيىن يەككە تىجارەت ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى يۆلىگەندىن باشقا، بىز يەنە داۋاملىق تۈردە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، سىياسەتتىن پايدىلىنىش، سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، <ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى> سۈپەتلىك ماركىسىنى تايانچ قىلىپ سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىپ، راڭپىزىچىلىق كەسپىنى ئورتاق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، <ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى>نى مىدۇڭدىن سىرتقا يۈزلەندۈرۈپ، كىچىككىنە راڭپىزىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ما خۇڭۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.