تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لوپنۇر دېھقانلىرىنىڭ %60 كىرىمى پاختىدىن كېلىدۇ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر چاڭ شۆخۇي

ھەر كۈنى ئەتىگەندە، كېرەم ئابدۇرېھىم ئۆز ئائىلىسىنىڭ قوتىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بۇغىلىرىنىڭ يۇمران مۈڭگۈزىنىڭ قانچىلىك ئۆسكەنلىكىنى، كالا، قويلىرىنىڭ قانچىلىك سەمرىگەنلىكىنى كۆزىتىدۇ. ئۇنىڭ كەينى تەرىپىگە كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل، يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتور، تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان كېۋەز سىيالكىسى توختىتىلىپ قويۇلغانىدى.

«بۇغا 12، كالا 12، قوي 80.» 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قوتاندىكى بۇغا ۋە كالا - قويلىرىنى ساناۋېتىپ، كېرەمنىڭ خىيالى بىردىنلا تېرىلىش ئالدىدا تۇرغان كېۋەز ئېتىزىغا كەتتى، ئۇ تېمپېراتۇرىنىڭ تېزرەك ئۆرلەپ، كېۋەزنى بالدۇرراق تېرىشنى ئۈمىد قىلاتتى. كۆز ئالدىدىكى بۇ مول ئائىلە ئىگىلىكىنى ئۇ كۆپ يىل كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ بارلىققا كەلتۈرگەن.

كېرەم ياشاۋاتقان لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئاقسۇپا يېزىسى جىگدىباغ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەز تېرىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى، ئۇلار ئىلگىرى نۇرغۇن زىرائەتنى تېرىپ سىناپ بېقىپ، ئۆز جايىنىڭ تۇپرىقى ۋە كىلىمات شارائىتىنىڭ كېۋەز تېرىشقا ئەڭ باب كېلىدىغانلىقىنى بايقىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېۋەز تېرىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش بوغما ھالەت مەزگىلىگە كىرسىلا، ھەمىشە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنى بوغما ھالەتنى بۆسۈپ تاشلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى كىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيتتى.

«بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنتىمىزدە كىچىك ئاپتوموبىل، بىنا ئۆي سېتىۋالغان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، چۈنكى پاختىچىلىق كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ پۇل تېپىش سۈرئىتىمىز تېزلەشتى، پۇل تېپىش يوللىرىمىز كۆپەيدى» دېدى كېرەمنىڭ قوشنىسى نىياز سايىم. نىيازنىڭ كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشتا باشقا بىر خىل ئۇسۇلى بار: ئائىلىسىنىڭ كېۋەز ئېتىزلىرىنى كارخانىلارغا ئوبوروت قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئۆزى كارخانىدا ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بۇ ئىككى قوشنا بىرلىكتە شۇ يىللىق ئاشقان كىرىمىنى ھېسابلىدى. كېرەم ھۆددىگە ئالغان 160 مو يەردىن 72 توننا پاختا ئالغان بولۇپ، ساپ كىرىمى تەخمىنەن 300 مىڭ يۈەن بولغان؛ ئىلگىرى پاختا ساتقان پۇلغا باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، يەنە 100 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغان. نىياز ئائىلىسىنىڭ 20 مو يېرى ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن 14 مىڭ يۈەن ئىجارە پۇلىغا ئېرىشكەن، ئۇ ۋە خوتۇنى كارخانىغا كېۋەز ئېتىزلىرىنى پەرۋىش قىلىشىپ بېرىپ يەنە 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان لوپنۇر ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى بولۇپ، يىلىغا 1 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىلىدۇ. لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شياۋدۇڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: تېرىش، يىغىش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، پاختىنىڭ لوپنۇر دېھقانلىرىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتىدۇ. 2020 - يىلى، پاختىدىن قىلىنغان كىرىمنىڭ پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %60كە يەتتى.

لوپنۇر ناھىيەسىدە كۆپ يىل يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان خۇاڭ يى مۇنداق تونۇشتۇردى: دېھقانلارنىڭ پاختىدىن قىلغان كىرىمىنىڭ كىشى بېشى كىرىمدە بۇنچە زور سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى كېۋەزنى ئىلمىي تېرىشتىن، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2015 - يىلى، سولياۋ يوپۇق يېپىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قاتارلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 450 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈلدى. ھالبۇكى بۇ بىرنەچچە يىلدا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، «بەش بىرتۇتاش» تېرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر قىسىم كېۋەزلىكلەرنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 700 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈلدى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا، بىز تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى يىلدىن - يىلغا تەڭشەپ ئازايتقان بولساقمۇ، ھوسۇل تەدرىجىي كۆپەيدى. پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئالدى بىلەن پاختىكارلار نەپكە ئېرىشتى» دېدى جاڭ شياۋدۇڭ. ئۇ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ مۇنداق سېلىشتۇردى: 2015 - يىلى، لوپنۇر ناھىيەسىدە 1 مىليون 200 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغان، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 380 كىلوگىرام بولغان؛ 2020 - يىلى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 1 مىليون 50 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغان، بىرلىك ھوسۇلى ئومۇميۈزلۈك 600 كىلوگىرامغا يەتكەن. 2015 - يىلى، بىر مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋېلىش تەننەرخى 800 يۈەن ئەتراپىدا بولغان؛ 2020 - يىلى پۈتۈنلەي ماشىنا بىلەن يىغىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋېلىش تەننەرخى 160 يۈەن بولدى.

كېۋەزلىكتىن ئېلىنىدىغان پايدا كۆپەيگەنلىكتىن، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كېۋەز تېرىش ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، پىكىر يولى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى يېڭىنۇر كەنتىدە، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى چيەن جۈنخۇا پاختىكارلاردىن ئابباس ئىسمائىل قاتارلىقلارنى باشلاپ تېرىلغۇ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كەڭ دېھقانلارنى بىر تەرەپتىن يەر ئىجارە ھەققى ئېلىش، بىر تەرەپتىن ئىلغار كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپ كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ يىل، شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسى پاختا سۈپىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ھوسۇلىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. چيەن جۈنخۇا مۇنداق دېدى: ئىلمىيلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن تېرىش، پەرۋىش قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، قايسى ۋاقىتتا سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، ھەر قېتىم قانچىلىك مىقداردا سۇغىرىش، ھەر قېتىمدا قانداق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنىڭ ھەممىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.