تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاقناپ تۇرغان ئىزنالار

جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى

چاقناپ تۇرغان ئىزنالار

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۈرۈمچى يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى كونا ئاھالىلەر رايونى بولغان غەربىي ئارقا كوچىدا شاۋقۇن - سۈرەندىن خالىي بىر كىچىك چاسا ھويلا بار بولۇپ، كۈل رەڭ خىشتىن سېلىنغان، سېرىق تاملىق قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلىرى بىلەن بۇ ھويلا ئەتراپتىكى سانجاق - سانجاق بىنالار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى ھەم تىمتاس كۆرۈنەتتى. بۇ دەل جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى.

دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆزگەرتىپ ياساش ئارقىلىق، خاتىرە سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى يەرگە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ بىر پارچە غەربكە يۈرۈش قىلىش يول خەرىتىسى سىزىلغان بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان بىر گۇرۇپپا «ئارمىيە بايرىقىنى چىڭ تۇتقان قىزىل قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ>> ناملىق قاپارتما نەقىشنىڭ ئالدىغىچە سوزۇلغانىدى. قاپارتما نەقىشتىكى جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ يەتتە جەڭچىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى تانكا، زەمبىرەكلەر كىشىلەرنى ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلداپ يانغان يىللارغا باشلاپ كىرەتتى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 486.5 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ ھويلا ئەسلىدىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى داۋالاش، ئالاقىلىشىش بەنىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ئاساسىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا سېلىنغان بولۇپ، 2001 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. كۆرگەزمە زالى ھويلا ئىچىگە چۆرىدەپ سېلىنغان 17 ئېغىز ئۆيگە جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 200 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي سۈرەت ۋە ئەينى يىللاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئىشلەتكەن بىرقىسىم قورال - ياراغ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىتاب، ئەمەلىي بۇيۇم قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىشقا قويۇلغان ھەم كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلىنغان ئىكەن.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خاتىرە سارىيى ئېچىلىپلا، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى. بۇ يەردە چۈشەندۈرگۈچى بولۇۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان لۇ جېن مۇنداق دېدى: «چاغان مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ ئېكسكۇرسىيەگە كەلدى، يەنە ئۈرۈمچىدە چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان باشقا يۇرتلۇق نۇرغۇن ساياھەتچى كەلدى، چاغاننىڭ 1 - كۈنى ۋە 3 - كۈنىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى كۈندە ساياھەتچىلەر ئادەتتىكىدىن كۆپ بولدى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولغاچقا ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ئورۇن ۋە ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى».

1937 - يىلى 4 - ئايدا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ قالدۇق قىسمىدىكى 400 دىن ئارتۇق ئادەم مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن شىڭشىڭشياغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن يۈننىڭ كۈتۈۋېلىشى بىلەن دىخۇا (ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا نامى)غا يېتىپ كەلدى. خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە ئىشكاپىدا، ئۈستى ئوچۇق، داتلىشىپ كەتكەن كونا پاسوندىكى ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان بىر تېلېگرامما يوللاش ئاپپاراتى بار. ئەينى يىلى لى شيەننيەن باشچىلىقىدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان، ئادەم ئاياغ باسمىغان چىليەنشەن تېغىدا جەرەن، ياۋا ئېشەك ئوۋلاشقا ياكى ئازابقا چىداپ تۇرۇپ جەڭ ئاتلىرىنى سويۇپ يەپ قورساق تويغۇزۇشقا تايىنىپ، كەچتە مۇزلۇق تاغ ئۆڭكۈرىدە تۇرغان، ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇنداق ئاددىي، كونا تېلېگرامما يوللاش ئاپپاراتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، شىڭشىڭشياغا يۆتكىلىپ كېلىپ، چېن يۈن، تېڭ دەييۇەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن.

غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتى «يېڭى گازارما» نامىدا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، چېن يۈن، تېڭ دەييۇەنلەر ئالدى بىلەن ئۇلارنى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش، يارىسىنى داۋالىتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش - تۇرۇش جەھەتلەردە ئۇلارغا ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ، كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە جىسمانىي كۈچىنى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيەنىڭ ئىللىق قوينىدا، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ 400 دىن ئارتۇق غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى شىنجاڭدا بىر مەزگىل تېپىلغۇسىز ئارام ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

خاتىرە سارىيىدىكى بىر ئۆيگە بىرنەچچە رەت ئۈستەل - ئورۇندۇقلار قويۇلغان بولۇپ، مۇنبەرنىڭ بىر بۇرجىكىدىكىسى دەۋر تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان يېرىم يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك قارا رەڭلىك تام مەش ئىدى. لۇ جېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ئەينى يىللاردا ئۇچقۇچىلار چوڭ ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار دەرس ئوقۇۋاتقاندا تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتكە ئاساسلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر دەرسخانا.

1937 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، خاتىرجەم ئۆگىنىش» دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭدا ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت، سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى پىلانلىق ئېلىپ باردى، بولۇپمۇ توپچى قىسىم، سىمسىز تېلېگرامما، بىرونېۋىك، ئاپتوموبىل، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى زامانىۋىلاشقان ھەربىي ئىشلار تېخنىكىلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگەندى.

غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۆگىنىشى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچۈن 1 - تۈركۈمدىكى ئاۋىياتسىيە قىسمى، بىرونېۋىك قىسمى، توپچى قىسىم ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى شىنجاڭدا پەقەت قىسقىغىنا ئۈچ يىل تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدا كوممۇنىستلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي كوممۇنىزملىق غايە - ئېتىقادىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدەك ئىنقىلاۋىي ئىزناسىنى ۋە مەنىۋى مىراسىنى قالدۇردى. جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئىنقىلاب ئوزۇقى ئالىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى. سانسىزلىغان يېڭى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بۇ يەردە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تۇنجى قېتىم بەردى ياكى تەكرارلىدى، سانسىزلىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر بۇ يەردە قىزىل ھېكايىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، سانسىزلىغان ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسى ياكى ساياھەتچىلەر بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ قىزىل ئەسلىمىلىرىنى ھېس قىلدى.

پېڭ چېڭ شىنجاڭدىن جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچى، ئۇ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن توردا مۇنداق سۆز قالدۇردى: بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى يۇرتۇمدا كۈرەش قىلغان غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم، بۇنىڭدىن ھەيران قالدىم ۋە خۇشال بولدۇم! يېڭى بىر ئەۋلاد خەلق ئاۋىياتسىيەسى خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ كۈچىنى قوشىمەن!

[ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى]

جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي ئارقا كوچا 37 - نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، 2001 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، 2008 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قىلىپ ئېلان قىلىنغان. 2020 - يىلى خاتىرە سارىيى كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قايتا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، «ئارمىيە بايرىقىنى چىڭ تۇتقان قىزىل قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» «خېشىدا قان كېچىپ جەڭ قىلىش، ھەيۋەتلىك چىليەنشەن» «چېن يۈننىڭ شىڭشىڭشيادا غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشى، كۈتۈۋېلىشى»دىن ئىبارەت ئۈچ باش تېمىلىق قاپارتما نەقىش، يېشىل مەنزىرىدىن تەركىب تاپقان. كۆرگەزمە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ خېشى كارىدورىدا قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ ۋە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان بولۇپ، قانلىق كۈرەش مۇساپىسى، ھەربىي لاگېر مەشىقى ۋە پولاتتەك تاۋلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. خاتىرە سارىيى سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېچىلىش ۋاقتى: سائەت 10:30دىن 18:00گىچە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.