تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇغداي كەنتى»نىڭ يېشىل كەسىپ زەنجىرىنى قانداق بەرپا قىلغانلىقىغا نەزەر

[ئىستون سۆزى]

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئەسلىي مەقسەت يۈكلەنگەن، ھاللىق سەۋىيە خەلققە مەنسۇپ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئائىلىلەر، كارخانىلار، مەكتەپلەر، مەھەللىلەر، يېزا - كەنتلەر، ناھىيە بازارلىرىغا بېرىپ، نۇقتىدا تۇرۇش شەكلىدە تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ۋە نەزەرىدىكى روشەن ئۆزگىرىشلەرنى جانلىق نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە «بىر نىيەتتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش» ئىستونى ئېچىلدى، بۇ ئىستون ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۆرسەتكۈچى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قانداق قىلىپ ھەر مىللەت ئامما بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان بەختكە ئايلانغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى. دىققەت قىلغايسىزلەر.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، كۆكلىگەن ياپيېشىل بۇغداي مايسىلىرى پارقىراپ تۇراتتى.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتە، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى دېھقان گاۋ چى ئېتىز بېشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى كۆز يەتكۈسىز بۇغدايلىققا زەڭ سېلىپ قاراپ تۇراتتى، ئۇ خۇددى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ تۇپراقنى يېرىپ ئۈنۈپ چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ياۋزەنزە كەنتى بۇغدىيىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىكلىكى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئەزەلدىن «بۇغداي كەنتى» دېگەن نامى بار.

ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا يەككە ئىشلەشتىن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشقىچە، ئادەتتىكى تېرىقچىلىقتىن يېشىل، ئورگانىك بۇغداينى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت <<بىرلا تىرەك>>كە تايىنىشتىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش ۋە سېتىش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقىچە، ياۋزەنزە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېشىل يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كەسىپ قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان، ئۈچ كەسىپ يۇغۇرۇلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا ماڭدى.

دېھقانلار پايچىككە ئايلاندى، «بىر پارچە ئېتىز»نى ھەممە ئورتاق تېرىدى

ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىنى تىلغا ئالسا، گاۋ چى ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ.

گاۋ چى ياۋزەنزە كەنتى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇغداي تېرىش، پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل «بۆلەك باشلىقى»، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 2000 مو بۇغدايلىقىنى تېرىش، پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل. كەنتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يەر تېرىش، پەرۋىش قىلىشىغا بۆلەككە ئايرىپ مەسئۇل بولىدىغان ئۇنىڭغا ئوخشاش «يەر باشقۇرغۇچىلار»دىن 80 نەچچىسى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېرىقچىلىق ماھىرلىرى بولۇپ، رىقابەت ئارقىلىق «ئىش ئورنىغا چىققان»، ئۇلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئوبوروت قىلغان 140 مىڭ مو يەرنى ئورتاق باشقۇرىدۇ.

«مەن بۇلتۇر باشقۇرغان بۆلەك رايوندا يېشىل بۇغداينىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولدى، مەن 120 مىڭ يۈەن يىللىق مائاش ئالدىم، ئۇنىڭغا ئائىلىمىزنىڭ 95 مو ھۆددە يېرىنىڭ 30 نەچچە مىڭ يۈەن ئوبوروت ھەققىنى، كوپىراتىپقا پاي قىلىپ قوشقان 150 مىڭ يۈەن مەبلەغنىڭ تەقسىملەنگەن 35 مىڭ يۈەن پايدىسىنى، يەنە ئائىلىمىز ئاچقان تاللا بازارنىڭ 80 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىمىنى قوشقاندا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇلتۇر 300 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپتۇق.» گاۋ چىنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

ياۋزەنزە كەنتىدە پۈتۈن كەنتتىكىلەر «بىر پارچە ئېتىز»نى تېرىيدۇ.

ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ پېيكې مۇنداق تونۇشتۇردى: 2009 - يىلى، ياۋزەنزە كەنتىدە فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى يەرلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىلىپ، بىرىكتۈرۈلۈپ «بىر پارچە ئېتىز»غا ئايلاندۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش باشقۇرىدىغان بولدى. كەنت ئاھالىلىرى يېرىنى پاي قىلىپ قوشسا ئوبوروت ھەققى بار، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ.

گاۋ چى پۈتۈن كەنتتىكىلەرگە ئوخشاش، ئائىلىسىنىڭ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردى، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تېرىقچىلىق بۆلەك رايونىنىڭ «بۆلەك باشلىقى» بولدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «پۈتۈن رايون يېشىل بولۇش، قىسمەن رايون ئورگانىك بولۇش» تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، يېشىل، ئورگانىك بۇغداي تېرىقچىلىقىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى تايانچ قىلىنىپ، يېشىل كەسىپ زەنجىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش زەنجىرى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇلدى.

تۆت يىل ئىلگىرى، ياۋزەنزە كەنتى يەنە پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بايلىقنى مۈلۈككە، مەبلەغنى پايغا، دېھقانلارنى پايچىككە ئايلاندۇردى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، تاڭ پېيكې بىر قىسىم «بۆلەك باشلىقى»لىرىنى باشلاپ، چىڭگىل ناھىيەسى، بىڭتۇەن 6 - شىسى گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم يېزا - بازارلارنى كەڭ دائىرىدە «ئايلىنىپ»، 20 مىڭ مودىن ئارتۇق «چاچما يەر»گە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خېرىدار بولۇپ ئوبوروت قىلىپ، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ يېشىل ئورگانىك تېرىقچىلىق رايونىنى سىرتقا كېڭەيتتى.

«بۇلتۇر، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشقا ئاشۇرغان مەھسۇلات قىممىتى 240 مىليون يۈەنگە، كەنت كوللېكتىپىنىڭ مۈلۈك جۇغلانمىسى ئون نەچچە مىليون يۈەنگە يەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى 6 مىليون 300 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 335 ئائىلىلىك كوپىراتىپ ئەزاسىغا پايدا تەقسىملەپ بەردى، ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن پايدا تەقسىم قىلىندى» دېدى تاڭ پېيكې.

يېشىل كەسىپ زەنجىرى قىممەت زەنجىرىنى يۈكسەلدۈردى

ياۋزەنزە كەنتىدە بۇغداي تېرىقچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشتىن تارتىپ سېتىشقىچە بولغان يېشىل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئورگانىك ئۇن پىششىقلاش سېخىغا كىرگىنىمدە، بۇغداينىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇلدى.

ياۋزەنزە كەنتى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى لى چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تۆت يىل ئىلگىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 10 مىڭ توننا كېلىدىغان ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ، بۇغداي خام ئەشياسىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇردى.

گۇچۇڭ ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ئاشلىق بازىسى ناھىيەسى بولۇپ، يىللىق بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشىدۇ، ئۇدا كۆپ يىل بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلى 400 مىليون كىلوگىرامدىن ئاشتى. ياۋزەنزە كەنتى پۈتۈن ناھىيە بويىچە يېشىل، ئورگانىك بۇغداي تېرىقچىلىقىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇپ، 2020 - يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە 140 مىڭ مو يەر ئوبوروت قىلىپ باشقۇرۇلۇپ، ھەممىسىدە يېشىل، ئورگانىك تېرىقچىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ياۋزەنزە كەنتىدە يېشىل ئورگانىك بۇغداي تېرىلىپ يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، كەنتتىكى ئۇن زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۇن قىلىپ پىششىقلىنىدۇ. لى چياڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ يېشىل ئورگانىك ئۇنلىرىمىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى %80 سودا ساراي، تاللا بازارلارنى قاپلىدى، يەنە توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلار ئېچىلدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئۇننىڭ بىر كىلوگىرامى ئۈچ يۈەندىن ئارتۇق سېتىلىدۇ، ئەمما ياۋزەنزە كەنتىدىكى ئورگانىك بۇغدايدىن ئىشلەنگەن ئورگانىك ئۇننىڭ ھەر كىلوگىرامى 20 يۈەنگىچە سېتىلىدۇ.

بۇلتۇر ياۋزەنزە كەنتى 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇن پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتتى، بۇ يىل 9 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئۇن پىششىقلاش ئىقتىدارى 60 مىڭ توننىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

«ئۇن پىششىقلىنىپلا قالماستىن، كەنتىمىزنىڭ ئورگانىك بۇغدىيىنىڭ كەسىپ زەنجىرى يەنە ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلماقتا» دېدى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جياكۇي.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋاڭ جياكۇي ئۆيدىن چىقىپ ئون مىنۇتقا بارمايلا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاچقان قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ پىششىقلاش زاۋۇتىغا كېلىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ يەردە، كەنتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئورگانىك ئۇن 20 نەچچە ئىش تەرتىپىدىن ئۆتۈپ، قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپكە ئايلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

2017 - يىلى، باشقا جايدا قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ۋاڭ جياكۇي بۇغداي تېرىيدىغان دېھقاندىن تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئورگانىك كەسمە چۆپ پىششىقلايدىغان كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ سېخ مۇدىرى.

لى چياڭ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىشىمىزچە، 4 - ئاينىڭ ئاخىرى كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان يەنە بىر تولۇق ئاپتوماتىك قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ھەر يىلى بازارنى 1500 توننا قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بۇ ھازىرقى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 15 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىك يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىياتتا يېڭى يول بار بولدى

«ياۋزەنزە كەنتى شىمالدا گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىغا 29 كىلومېتىر، جەنۇبتا جامبۇلاق 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا 19 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ناھىيە بازىرىدىن مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان جاي. بۇ جاي تارىختا گېڭ گۇڭ ساقلىغان سۇلى شەھىرى لەشكەرلەر بارگاھىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغاچقا، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ يەنە <40 چاقىرىملىق ئۆتەڭ> دېگەن نامى بار...» 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتە، ياۋزەنزە كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنىڭ ئاشخانىسىدا، يېمەك - ئىچمەك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خەن لې ساياھەتچىلەرگە ياۋزەنزە كەنتىنىڭ تارىخىي ھېكايىلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇردى.

2018 - يىلى، خەن لې شىنجاڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى گۇچۇڭ ناھىيەسىگە قايتىپ ساياھەت كەسپىگە ئاتلاندى. بۇ چاغدا، ياۋزەنزە كەنتى يېزا - كەنتلەرنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىۋاتاتتى. خەن لې ياۋزەنزە كەنتىدە يىلتىز تارتتى.

2 - يىلى، كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچى بولغان، بارلىق كەنت ئاھالىسى پاي قوشقان شىنجاڭ فېڭيى مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئېلىنىپ قۇرۇلدى. بۇ ئىككى يىلدا، شىركەت 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەنت تارىخى سارىيى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، مەززىلىك تائاملار مەيدانى، خاس پۇقراۋى قونالغۇ، بۇغداي ئېتىزى باغچىسى، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسكۇرسىيە زاۋۇتى ھەم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق ساياھەت ئەسلىھەلىرى ۋە ساياھەت ئەمەلىي مەنزىرىسىنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشتىن پىششىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى ھېس قىلىش ھەم يېشىل ئورگانىك مەززىلىك تائاملارنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ناھايىتى تېزلا، ياۋزەنزە كەنتى ساياھەتچىلەر «جەزمەن بارىدىغان جاي»غا ئايلاندى.

«ياۋزەنزىنىڭ يېشىل، ئورگانىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىش، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدا قونۇش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن بەھرىلىنىش» نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئايلاندى.

«يۇرتۇمدا ئىگىلىك تىكلىسەم، تەرەققىيات ئىستىقبالىمنى كۆرەلەيمەن، شۇنداقلا كەلگۈسىمنىمۇ كۆرەلەيمەن.» ھازىر، خەن لې ياۋزەنزە كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى يېمەك - ئىچمەك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ قالدى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ياۋزەنزە كەنتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشەببۇس قىلغان ھەم مەبلەغ سالغان شىنجاڭ ياۋزەنزە ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئېلىنىپ قۇرۇلدى، بۇ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۇنجى كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان گۇرۇھ شىركەت. تاڭ پېيكې مۇنداق دېدى: گۇرۇھ شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، زامانىۋى يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز.

يېشىل ئورگانىك بۇغداي تېرىش، پىششىقلاش، سېتىشتىن يېمەك - ئىچمەك پۇقراۋى قونالغۇ، يېزا - كەنت ساياھىتى، يېزا ئىگىلىك يېشىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز زورايدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. 2020 - يىلى، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 24 مىڭ 180 يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.