تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت، كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىش

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى

100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت، كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ پېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قىزىلسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى مىزان قىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش داۋامىدا ياشلىق كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز.

شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا كىلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، جانلىق، تەسىرلىك بىر مەيدان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى لېكسىيەسى سۆزلىدى.

زۇلھايات ئىسمائىل پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسلىق ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن بىر مەيدان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك لېكسىيە سۆزلىدى.

«پارتىيە تارىخى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى تەربىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەرسلىك، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىشىمىزدىكى زۆرۈر دەرسلىك.» لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى مۇپەتتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن شياۋنى مۇنداق دېدى: بىز ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى مۇجەسسەملەپ، ئىدىيەدە بىر نىيەتتە، مەيداندا ئوخشاش يۆنىلىشتە، ھەرىكەتتە ماس قەدەمدە بولۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىشلەيمىز.

«لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ناھايىتى ئىلھاملاندىم.» ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيافېينىڭ لېكسىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىزىلسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئارزۇگۈل مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دەرسلىككە، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيە نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەيمەن.

قىزىلسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نادىرە نۇرمەمەت مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىمنى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى بىرلىكتە ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.