تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەتنى بىپايان زېمىندا مەڭگۈ ساقلاش

− 100 يىلدىن بۇيان ئۆزىنى بېغىشلاپ قۇربان بولغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا بېغىشلايمىز

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، خۇ خاۋ، گاۋ لېي

چىڭمىڭدا قەھرىمانلارنىڭ روھىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئاشۇ بىر قاتار ئىسىملار تارىخنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدا چاقناپ، مەنىۋى كوردىناتنى بېكىتتى.

ئۇلار ھەققانىيەت يولىدا جان پىدا قىلىپ، ئۆتمۈشتىكى بەدبۇي مەينەتچىلىكنى تازىلىدى؛

ئۇلار جاپالىق ئىزدىنىپ، ھەقىقەت ئوتىنى ياندۇردى؛

ئۇلار يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، جاھاننى يورۇتتى، ئىللىتتى؛

......

تارىخ ئۇنتۇپ قالمايدۇكى، 1840 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە، جۇڭخۇا مىللىتى 100 يىللىق چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالدى.

تارىختىكى دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغىنى، 1949 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 100 يىللىق گۈللىنىشى بولدى.

شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە. 100 يىلدىن بۇيان، ئېتىقاد كۈرەش قىلىش داۋامىدا تاۋلاندى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىنقىلابىي قۇربانلار جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ھەيۋەتلىك قەھرىمانلىق داستانىنى پۈتۈپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدەش

چىڭمىڭنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ھەيۋەتلىك ۋۇلىڭشەن تېغى، ئازراق سوغۇق تاغ شامىلى باش ئەتىيازنىڭ سوغۇقىغا قوشۇلۇپ كەتكەنىدى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردىلا، يېغىۋاتقان سىم - سىم يامغۇرغا قارىماي، گۇيجوۋ تۇڭرېن شەھىرى يەنخې تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جۇڭجەي بازىرى داپىڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن قەبرىستانلىققا بېرىپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان ھەسەل، كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان گۈللەرنى قارا رەڭلىك قەبرە تېشى ئالدىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋېن شۇجىسى − داپىڭ كەنتىدە تۇرغان 1 - شۇجى ۋېن ۋېيخۇڭنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، ئېغىر نامراتلىققا قارشى يۈرۈش قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئاتاكىدا، ئۇدا يەتتە يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن - ئاخىر جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جىسمىنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ، بىر روھ ئابىدىسىگە ئايلاندى.

يەنىلا بۇ قىزىل رەڭلىك مۇنبەت تۇپراق.

86 يىل ئىلگىرى، ئەمدىلا بىر قېتىملىق تەقدىر چوڭ بۇرۇلۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش، زۇنيى ئۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار قانلىق، كەسكىن جەڭدە باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىدى، قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى گۇيجوۋنىڭ تاغ - دەريالىرىنى قىپقىزىل بويىدى.

زامان - ماكان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قەھرىمانلارنىڭ روھى ئۆچمەيدۇ.

100 يىلغا قايتا نەزەر سالساق، ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈم ئوت ياققۇچىلار تۇنجى قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە، بۇ ھەيۋەتلىك بايراق ئاستىغا توپلانغان ئىنقىلاب باشلامچىلىرى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئالدىنقىلىرى يىقىلسا كېيىنكىلىرى ئىزىنى بېسىپ، تۆھپىسىنى ۋەتەن تۇپرىقىغا نەقىشلىدى.

قەھرىمانلار - قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

ۋەتەن زېمىنى داۋالغۇپ تۇرغان يىللاردا، ئۇلار قەتئىي تىز پۈكمەي، قەيسىرانە جاسارىتى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئالدى −

«سەن گو لياڭمۇ؟»

«شۇنداق، مەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى گو لياڭ، سەنلەر ئۆلتۈرسەڭ بولىدۇ، كۆپ سوئال سوراش ھاجەتسىز!»

«كوممۇنىستىك پارتىيە يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلە.»

«كۆزۈمنى ئاچساملا ھەممە يەردە كوممۇنىست، كۆزۈمنى يۇمسام بىرسىمۇ يوق.»

«سەن ئېيتمىساڭ، قاتتىق جازالاپ، قىيناپ سوراق قىلىمەن!»

«مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش.»

«كاللاڭنى ئالىمەن!»

«تېزرەك يولغا سېلىپ قوي» −

بۇ، 1928 - يىلى 3 - ئايدا ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى گو لياڭنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن دۈشمەن «سوت»ىدىكى بارلىق «ئىقرار سۆزى».

ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى گو لياڭنىڭ ئامما ئارىسىدىكى غايەت زور تەسىرىدىن ئەنسىرەپ، قايتا سوت قىلمايلا ئۇنى مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەم كاللىسىنى ئېسىپ سازايى قىلغان.

لۇشۈن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، غەزەپ بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ: «كاللىسى ئېلىنىپ ئېسىپ قويۇلغانغا ئىنقىلابتا چېكىنىدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ» دەپ يازغان.

لى داجاۋ، سەي خېسېن، ياڭ جىڭيۈ، جاۋ يىمەن، ليۇ خۇلەن، دېڭ جۇڭشيا... سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كاللىسىدىن كېچىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى.

بىپايان تاغلار ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ئەزىم دەريالار ئۆركەشلەپ ئاقتى.

قەھرىمانلار ھالاكەت گىردابىدىمۇ تىز پۈكمەي قارشى كۈرەش قىلىپ، بىر مىللەتنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىك شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتى.

قەھرىمانلار - قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇش مەزگىلى ۋە باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرغان ئىسلاھات دەۋرىدە، ئۇلار پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ، ساپ قەلبى، سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، پىداكارلىق روھى بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئالدى −

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەر، «دۇنيا ئۆگزىسىنىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان شىزاڭ ئالى ۋىلايىتىدە، «قەبرىستانلىقنى قوغدىغۇچى» زاشى جياسو بالدۇرلا شىچۇەنخې ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا قەبرىلەرنى تەكشۈرۈپ، قەبرە يوللىرىنى سۈپۈرۈپ، ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يۇلدى.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4400 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، 97 قەبرە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىزاڭغا كىرگۈچى ئالدىن يۈرەر ليەندىكى 63 ئىنقىلابىي قۇربان ۋە ئالىنى قۇرۇش جەريانىدا قۇربان بولغان 34 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قەبرىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۇڭ فەنسېنمۇ بار.

«غەربكە ئاتلانغان ئون يىلدا، ئېگىزلىك جور بولدى شادلىق - قايغۇغا. ئاۋامنىڭ جەم بولۇشى قەلبىمدە ھامان، شۇ يىراق مەنزىلدە تۇرار ئۇز ماكان.» بۇ، كۇڭ فەنسېن قالدۇرغان شېئىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكتىكى خىزمەت ئەھۋالى جانلىق يىغىنچاقلانغان: شىزاڭدا تۇرغان ئون يىلدا، شىزاڭغا ياردەم بېرىشتىن شىزاڭغا يۆتكىلىپ بېرىشقىچە، ئۇ شۇ جاينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، بارلىقىنى بېغىشلىغان.

لېي فېڭ، گۇ ۋېنچاڭ، ياڭ شەنجوۋ، لو ياڭ، خۇاڭ دانيەن... باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىگەن، جان تىكىپ قاتتىق ئىشلىگەن سانسىزلىغان قەھرىمانلار - قۇربانلار، ئىرادىلىك زاتلار ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان ساپ قەلبى بىلەن ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاتلانغان.

ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىكنى كۆڭلىگە پۈكۈش، مەنزىلى تاغدەك ھەيۋەتلىك؛ سەمىمىي - ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، كۆڭلى - كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ بولۇش.

مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن سوتسىيالىزمنى قۇرۇشقىچە، ئىسلاھات قىزغىن دولقۇنى قوزغاشتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقىچە، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغىنى دەل ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، ئۆلۈمگە دادىل يۈزلەنگەن ھەيۋەتلىك گەۋدىسىدۇر.

ئاشكارا ئۇرۇش سېپىدىن يوشۇرۇن ئۇرۇش سېپىگىچە، ئىس - تۈتەكلىك جەڭ مەيدانىدىن ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىغىچە، بىپايان زېمىننى قاپلىغىنى دەل مۇشۇنداق «ئالاھىدە ماتېرىيال»دىن ياسالغان توپ - توپ كوممۇنىستلارنىڭ «ياشلىق باھارى بەدىلىگە ۋەتەننى قۇرۇش، ساپ قېنىنى زېمىنغا بېغىشلاش»تەك شەۋكەتلىك توغرا كەيپىياتتۇر.

پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىدا ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشتىكى باتۇرلۇق، قورقماسلىق، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشتا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قارشى يۆنىلىشتە ئاتلىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش... 100 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشى داۋامىدا ھەممىلا جايدا تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق مەدھىيەسى، ھەممىلا جايىدا زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەردانە خىتاب ياڭرىدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربان تەخمىنەن 20 مىليونغا يېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ئىسىم فامىلىسى نامەلۇم ئىكەن. ئىسىم فامىلىسى خاتىرىلەنگەن ئىنقىلابىي قۇربان ئاران 1 مىليون 960 مىڭ ئىكەن.

ھەقىقەتەن باتۇر ھەم جەڭگىۋارسەن، باشتىن - ئاخىر ساڭا ھېچكىم چېقىلالمايدۇ، ئۆلسەڭمۇ روھىڭ مەڭگۈ ھايات، قەھرىمانلارنىڭ قەھرىمانىسەن.

1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

ماۋ زېدۇڭ ئۆزى تەييارلىغان ئابىدە خېتىنى ئوقۇدى:

«ئۈچ يىلدىن بۇيان خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە خەلق ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات! 30 يىلدىن بۇيان خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە خەلق ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات! ۋاقىتنى 1840 - يىلىغا قايتۇرساق، شۇ چاغدىن باشلاپ، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئەركىنلىكى، بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشلەردە قۇربان بولغان خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات!»

2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىنى، يەنى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئۇل سېلىنغان كۈننى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ھەريىلىنىڭ مۇشۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەرساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى.

قەھرىمانلار - قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى تۈزۈش، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش كۈنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى تەسىس قىلىش، خىزمەت كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشنى قانات يايدۇرۇش... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەھرىمانلار - قۇربانلارنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغان، قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

ئىنقىلابىي قەھرىمانلار - قۇربانلار مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزغا ئوخشاش كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، زېمىننى يورۇتتى، شۇنداقلا مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈش

ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدىمۇ، دوختۇرخانا باشلىقىدىن ئاغرىققا ئايلانغان بولسىمۇ، ۋۇخەن شەھەرلىك ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ليۇ جىمىڭ ئەزەلدىن خىزمىتىنى تاشلاپ قويمىدى.

كېسەل كارىۋىتىدا، ئۇ توختىماي تېلېفون قوبۇل قىلدى، تېلېفون ئۇردى، ۋىيشىندا جاۋاب قايتۇردى.

ئىككى سائەت ئىچىدە ئامبۇلاتورىيەنى ئۆزگەرتىش؛ ئۈچ كۈن ئىچىدە پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى يۆتكەشنى تاماملاش؛ غەربىي دوختۇرخانا رايونىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش ھەم 300 ئايرىش كارىۋىتى تەسىس قىلىش... ۋاقىت جەدۋىلى لىق تولغان بولۇپ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغىچە بىر مىنۇتمۇ ئارام ئالمىدى.

«ئۇ ھەمىشە مۇشۇنداق، ئالدىراشلىقتا ئۆز سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلگۈدەك ۋاقتى يوق ئىدى» دېدى ليۇ جىمىڭنىڭ خىزمەتدىشى، ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شۈن.

كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىشلاردا ھايات - ماماتتىنمۇ مۇھىم ئىش يوق.

خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان، خىرىس ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالغان بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئالدىدا كىشىلەر سانسىز قېتىم ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدىمەكچى، سورىماقچى بولدى.

− ھايات - مامات سىنىقىدا، قانداق كۈچ ئۇلارنى قايتا - قايتا باش كۆتۈرۈپ، ئۆلسىمۇ ئۆزگەرمەسلىككە ئىلھاملاندۇردى؟

«بىز نامرات ئەر - خوتۇنلار، بىز ئېسىلزادىلىكنى چوڭ بىلمەيمىز، بايلىقنى ئەرزىمەس نەرسە دەپ بىلىمىز. بىز نامراتلىقتىن قورقمايمىز، جاپادىن قورقمايمىز، بىز نامرات بولساقمۇ ئەخلاق مىزانىغا ئەمەل قىلىمىز. بۇ <ئەخلاق> دەل ئىنقىلابىي غايە.» تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق، ھەرۋاقىت قولغا ئېلىنىپ قۇربان بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئەھۋالدا، يۈن دەييىڭ خوتۇنىنى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ «ئىزم»نى «كۈچى بار نەرسە» دەپ قاراپ، بارلىقىنى قۇربان قىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالىدى.

ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندىلا، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

1924 - يىلى چاغاندا، پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋۇ خۇەنشيەن ئۆزى مەكتەپتىن ئېلىپ كەلگەن ماركىسنىڭ سۈرىتىنى ئۆيىدىكى نەزىر - چىراغ شىرەسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھۆرمەت بىلەن چاپلىدى.

«بۇ بومبا ساقاللىق چەت ئەللىك بوۋاي ياخشى بوۋاي. ئۇنىڭ ئىسمى ماركس. ئۇ بىز نامراتلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىشتىكى ئۇستازىمىز. ئۇنىڭ ئۇسۇلى بويىچە قىلساق، بىز چوقۇم يېڭى جەمئىيەت يارىتالايمىز» دېدى ۋۇ خۇەنشيەن ئائىلىسىدىكىلەرگە.

ئۇ شۇنداق دېدى، ھەم شۇنداق قىلدى.

پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، ۋۇ خۇەنشيەننىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى ئائىلىسىدىكى ئىجارىكەشلەر، قەرزدار دېھقانلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، يەر ئىجارە كېلىشىمى ۋە قەرز ھۆججەتلىرىنى يۈزتۇرا پاك - پاكىز كۆيدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پومېشچىكلار سىنىپى ئائىلىسىگە ئۈزۈل - كېسىل ئاسىيلىق قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئىنقىلاب يولىغا مېڭىش بولدى.

ۋۇ خۇەنشيەن باتۇرلۇق بىلەن، ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، باشلامچى بولۇپ، قىزىل 25 - ئارمىيەدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشتى. 1935 - يىلى ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن ئۇ، جەڭدە بەختكە قارشى قۇربان بولدى.

ھەقىقەتكە ئىنتىلىش يولىدا، ئىشەنگەچكە، كۆرەلىدى.

«ئىنتېرناتسىيونال چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ!» ھەقىقەتكە ئىشىنىدىغان چۈ چيۇبەي ئۆزى تەرجىمە قىلغان «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى غىڭشىپ ئېيتقىنىچە، تەمكىنلىك بىلەن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئوققا يۈزلەندى.

«شان - شەرەپ لازىم ئەمەس، تۆھپە لازىم ئەمەس، پەقەت ھەقىقەت ئالىمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.» ھەقىقەتكە ئىشىنىدىغان يىن فۇ ئۆزىنىڭ ھايات - ماماتى، پايدا - مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشماي، جاھانغا يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىدىغان پىرومېتىئۇس بولۇشنىلا ئويلايتتى...

100 يىلدىن بۇيان، سانسىزلىغان كوممۇنىست ھەقىقەتكە ئىنتىلىش ئۈچۈن دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىش ئاساسىنى ياراتتى.

− ۋاقىتنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، نېمە ئۇلارنىڭ سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلىشىغا تۈرتكە بولدى؟

1962 - يىلى، جياۋ يۈلۇ خېنەن لەنكاۋغا يۆتكىلىپ ۋەزىپە ئۆتىدى.

ئەينى چاغدىكى لەنكاۋ ناھىيەسى قۇم - بوران، شور، ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقانىدى. پۈتۈن ناھىيە خەلقىنى باشلاپ قۇمنى توسۇش، سۇنى تىزگىنلەش، يەرنى ئۆزگەرتىش كۈرىشى داۋامىدا، جياۋ يۈلۇ سەپنىڭ ئالدىدا باشلامچىلىق بىلەن ماڭدى.

قۇم - بوران ئەڭ كۈچلۈك بولغاندا، ئۇ باشلامچى بولۇپ شامال ئېغىزلىرىنى تەكشۈرۈپ، كۆچمە قۇمنى چارلىدى؛ يامغۇر چېلەكلەپ قۇيۇلغاندا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن بېلىگىچە سۇ كېچىپ كەلكۈن سۈيىنىڭ ئېقىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ قار - شىۋىرغان يەر - جاھاننى قاپلىغاندا، ئۇ كادىرلارنى باشلاپ نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال - ئەھۋال سورىدى، ئۆيىگىچە بېرىپ ئاممىغا قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئاشلىقى، پۇلى بەردى...

ئۇ كۆڭلىگە پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئاممىنى پۈككەن بولۇپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويمايتتى. جىگەر كېسىلى بولغاچقا، جياۋ يۈلۇ دائىم ئاغرىقتىن بېلىنى رۇسلىيالماي قالسىمۇ، لېكىن قولى ياكى قاتتىق نەرسىلەر بىلەن جىگەر قىسمىنى بېسىپ، خىزمەتنى داۋاملاشتۇراتتى.

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن».

پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ مەخپىي شىفىرى جياۋ يۈلۇنىڭ «ھاياتىممۇ قۇم بارخانلىرىدا، ماماتىممۇ قۇم بارخانلىرىدا» دېگەن ساپ ھېسسىياتىغا، ياڭ شەنجوۋنىڭ «قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىپ چېچىم ئاقاردى» دېگەن ئۈن - تىنسىز تۆھپىسىگە، لياۋ جۈنبونىڭ «نەق مەيداندا بولىمەنكى، يىغىن مەيدانىدا بولمايمەن» دېگەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىغا يوشۇرۇنغان...

− بوران - چاپقۇندىن ئۆتۈشتە، نېمە ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دەۋر دولقۇنىدا مەڭگۈ مەزمۇت تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؟

30 يىل خىزمەت قىلدى، 28 يىل ئۆي ئىجارە ئالدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم ئۆي كۆچتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىمدىكىسى تۆت قەغەز يەشىككە قاچىلانغان بارلىق «ئۆي بېساتى» بولۇپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن باشقا، 68 پارچە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئىدى... سەنشى داتۇڭ شەھىرى ياڭگاۋ ناھىيەلىك ئەرزىيەت مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى لى پېيبىن 50 يىللىق ھاياتىدا خاتىرجەم ياشىدى، يۈزى يورۇق ياشىدى.

دۇرۇس بولۇش تاغقا ئوخشايدۇ، پاك بولۇش سۇغا ئوخشايدۇ.

ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن بۇ خەلق مۇرەسسەچىسىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ كۆزەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

«باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ساقلاش، نامراتلىققا كۆنۈش، زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرىش، ئاغرىنىشقا بەرداشلىق بېرىش» «پاك - دۇرۇس بولۇش تۆۋەن چېكىنى چىڭىتىپ، تېگىشلىك بولمىغان مال - مۈلۈكنى ئالماسلىق، رەھىمسىز ئىشلارنى قىلماسلىق، ناتوغرا ئىستىللارنى يۇقتۇرۇۋالماسلىق» «بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، ئازدۇرۇشنى توسۇپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، قەلبىگە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇش».

«نامرات، دۇرۇس، ئاددىي - ساددا تۇرمۇش دەل بىز ئىنقىلابچىلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان تەرىپىمىز!» فاڭ جىمىن يازغان «نامراتلىق» دېگەن ئەسىرىدە مۇشۇنداق دېگەن.

ھاياتلىق ئەبەدىي بولمايدۇ، ئەمما ئەبەدىيلىكنى ياراتقىلى بولىدۇ.

ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاش

81192 − ھەريىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بۇ بىر قاتار رەت نومۇرى ھامان كىشىلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ، باتۇرانە قۇربان بولغان قەھرىمان خاتىرىلىنىپ كەلدى.

2001 - يىلىدىكى مۇشۇ كۈندە، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ۋېي 81192 - نومۇرلۇق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدەپ جىددىي ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان، قۇيرۇق قانىتى قارشى تەرەپ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پىرقىرىغۇچىسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىپ، پايانسىز دېڭىزدا غايىب بولغان.

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، «سىزنىڭ 20 يىلدىن كېيىنكى سەپدىشىڭىز» دەپ ئىمزا قويۇلغان بىر پارچە خەت ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرىسى ئالدىغا قويۇلدى.

«سىزدىن ئايرىلغىنىمىزغا 20 يىل بولاي دەپ قالدى، سىزنى يوقلاپ كەلدىم».

خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: « ئەڭ دەسلەپ سىزنى بىلگەن كۈن 2017 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىدى، ئۇ چاغدا مەن داشۆنىڭ 1 - يىللىقىدا ئىدىم... قەلبىمگە ئۇزاق يىل پۈككەن ھەربىي بولۇش ئارزۇيۇم خۇددى يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈلگەن ئۇرۇقتەك باھارنىڭ ھىدىنى ھېس قىلىپ، بىخلىنىشقا باشلىغانىدى».

بۇ خەتتە، بىر ياشنىڭ ۋاڭ ۋېينىڭ ئىش ئىزلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسىگە كىرىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان، شۇنداقلا ئۇ، قەھرىماننىڭ روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، سانسىزلىغان كېيىنكىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە گۇۋاھ بولماقتا.

«مەن قايتىشقا ئامالسىز قالدىم، سىلەر داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەڭلار!» خۇددى ۋاڭ ۋېي ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە قالدۇرغان بۇ سۆزدەك، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش قەھرىمانغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ھېسابلىنىدۇ.

ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاشتا، ئېتىقاد ئوتىنى لاۋۇلدىتىپ ياندۇرۇش كېرەك.

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم» − بۇ جاراڭلىق قەسەم ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئالدىنقىلىرى يىقىلسا كېيىنكىلىرى ئىزىنى بېسىشقا ئۈندىگەن.

ئەزەلدىن مەردانە بولۇپ جان ساقلاشنىڭ كويىدا بولماسلىق، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، خەلقنى كۆزلەپ ھەممە ئىشنى ئاسان دەپ بىلىش. ۋاڭ ۋېي پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا «ھەرگىزمۇ ئازراق سىياسىي دەسمايىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەمىلىمنى ئۆستۈرۈپ بېيىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس» دەپ يازغان؛ چېن جەنفاڭ جەڭ مەيدانىدا يىقىلغان بولۇپ، يانچۇقىدىكى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا 16 پاي ئوق ئىزى قالغان؛ فەن جېنزى، زېڭ خۇيشياڭ قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەھرىمانلىرى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا ئېتىقادقا بولغان ئىزاھلاشنى قالدۇرغان.

«كوممۇنىزم ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن» − بۇ تەنتەنىلىك ۋەدە جۇڭگو زېمىنىدا ئىزچىل ئەكس سادا ياڭراتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغان پەيتتە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. ئىنقىلابىي قۇربان چيۇ شاۋيۈن خاتىرە سارىيىدا، زۇنيى يىغىنى ئېچىلغان جايدا، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيىدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا... پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىغاندىكى قەسەم ساداسى ئالغا ئىلگىرىلەش غايىسى ۋە ئېتىقادىنى چىڭىتتى.

ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاشتا، قىزىل گېننى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

«كۆپچىلىكنىڭ جىڭيۆ باشلانغۇچ مەكتىپىمىزنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز! 1941 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يېرىم كېچىدە، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىدىن سۈي جىڭيۆ، ما ۋېنلياڭ، مېڭ چاڭيوۋ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، فېئودال مىلىتارىست ما خۇڭكۇينىڭ جاللاتلىق قىلىچى ئالدىدا ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەي، بىزنىڭ مەكتەپ ئىچىدە باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بولغان...»

مەكتەپنىڭ كىچىك چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 11 ياشلىق دۇ يۈتۇڭ ئۆگىنىشتىن باشقا ۋاقىتلىرىدا ئۈچ ئىنقىلابىي قۇربان خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن مېھمانلار ۋە مەكتىپىدىكى ساۋاقداشلىرىغا دائىم ئۈچ قەھرىماننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

«بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مەڭگۈ رەڭگى ئۆچمەيدىغان بايراققا ئوخشاش بىزنىڭ جىڭيۆدىكى ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە، ھازىر ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى دۇ يۈتۇڭ.

شيا مىڭخەن، دۇڭ سۈنرۇي، ۋاڭ جىنشى، زوۋ بىخۇا، خۇاڭ ۋېنشيۇ... ئالدىنقىلىرى يىقىلسا كېيىنكىلىرى ئىزىنى باسقان قەھرىمانلار - قۇربانلار 100 يىللىق پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە «قىزىل ئۇرۇق» چاچتى.

ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاشتا، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك.

چىڭمىڭ، شىمالىي گۇاڭشى. تاغلار ئارىسىدىكى ئېقىن بويىدا قىزىل ئارمىيە قەبرىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.

1934 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 12 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ شياڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ قىزىل ئارمىيەنى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدە قورشاپ يوقىتىش غەرىزىنى بىتچىت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەچچە ئون مىڭ قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكىرى دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈپ، زېمىننى قىپقىزىل قانغا بويىدى.

ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان شىمالىي گۇاڭشىدىكى تاغلىق رايون بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باشقىچە يېڭى مەنزىرىنى كۈتۈۋالدى:

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىلگىرىكى گۇەنياڭ، چۈەنجوۋدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيەگە كىرىش لىنىيەسى بىلەن جىپسىلىشىش دەرىجىسى %80تىن ئاشىدىغان گۇەنياڭ - فېڭخۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا 2015 - يىلى قاتناش باشلىنىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى؛

شىنشۈ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بولغان گۇەنياڭ ناھىيەسىنىڭ شىنشۈ بازىرى خېمۇ كەنتىدە، گۇەنياڭ - فېڭخۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى باشلاپ كېلىپ، شۇ جايدىكى ئالۇچا، تاۋۇز قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەرنىڭ تېز سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛

خۇاجياڭ يېزىسىنىڭ گاۋجەي كەنتىدىكى لياڭجياجەيگە كىرسىڭىز، بامبۇكلار لىپىلداپ تۇرىدۇ، ئېرىق سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، ياۋزۇ مىللىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئولتۇراق ئۆيلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، قىزىل مەدەنىيەت مەيدانى، تېرىقچىلىق كۆرگەزمە رايونى قاتارلىقلار ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە؛

……

800 چاقىرىم يىراقلىقتىكى يىمېڭ، ھەيۋەتلىك 72 تىك يار ئەتراپىدا، ئىلگىرى مىليونلىغان خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن، يۈز مىڭلىغان قەھرىمان - قۇرباننىڭ قېنى جەڭ مەيدانىغا تۆكۈلگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، ئارمىيە ۋە خەلق قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ بارلىققا كەلتۈرگەن يىمېڭ روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنماقتا، ئەجدادلارنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ھېسسىياتى، ئىدىيەسى يېڭى بىر ئەۋلاد كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قان تومۇرى، گېنىغا چوڭقۇر سىڭدى.

شەندۇڭنىڭ لىنيى شەھىرى لەنلىڭ ناھىيەسى دەيسۈن كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» ۋاڭ چۇەنشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا زور كۈچ بىلەن ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، كەنتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى بېيىتىش يولىنى ئاچتى.

«ھەربىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، بىز كۈچ ئۇلاپ ئىشلىشىمىز كېرەك.» ۋاڭ چۇەنشىنىڭ تەلەپپۇزى قەتئىي ئىدى. كەنتنىڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىشى ئۇنىڭ ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

ماركس «بىزنىڭ ئىشلىرىمىز بىر مەھەل كۆزگە چېلىقمايدۇ، لېكىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەنىدى. ئىرادىلىك باشلامچىلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى ئەۋلادمۇئەۋلاد ساقلىنىپ، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

قەھرىمانلار يالغۇز قالمايدۇ، ئەسلىي مەقسەت كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىشىدۇ.

چىڭمىڭدىكى قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش قوشۇنى جياڭشىنىڭ رۇيجىن يېپىڭدىكى قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ئۇزۇن سەپ تۈزدى. خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى چىملىققا چوڭ قىلىپ مۇنداق خەتلەر يېزىلغان −

«ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قان ئىزىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز!»

(يېزىشقا قاتناشقانلار: ياڭ ۋېن، ۋۇ خۇييىڭ، جەي يۇڭگۇەن، لى فەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.