تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل ھېكايىنى ياخشى سۆزلىدى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جانلىق دەرسلىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ

قىزىل ھېكايىنى ياخشى سۆزلىدى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق باغچىسىدىكى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 20 نەچچە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى رەتلىك سەپ تۈزۈپ، قولىدا ئاق جۇخارگۈلىنى تۇتقان ھالدا، خاتىرە مۇنارى ئالدىدا قەسەم بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى بىلەن ماۋ زېمىن ئىشخانىسى ۋە ياتىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى قاتارلىق 28 ئورۇندىكى يۆتكەشكە بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە 83 پارچە/يۈرۈش يۆتكەشكە بولىدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىرلىكتە ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغان، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىدىغان، مىللىي روھنى ئۇرغۇتىدىغان جانلىق دەرسلىككە ئايلاندى.

قىزىل خاتىرىنى پۈتۈش

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى، بۇ يەرگە چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق قەھرىمانلار - قۇربانلار دەپنە قىلىنغان. شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى يۆتكەشكە بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەرگە ئۆچمەس قىزىل ئەسلىمىلەر پۈتۈلگەن.

«ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 1840 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش شانلىق مۇساپىسىنىڭ مۇھىم ماددىي گۇۋاھچىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مۇزېي ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ جىنۋېن مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۈرلۈك ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەردىكى مۇھىم، زور تارىخىي ۋەقەلەر ياكى قەھرىمانلار - قۇربانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، مۇھىم خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ياكى تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىكى مۇھىم تارىخىي يادىكارلىق، ماددىي بۇيۇم، ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈرى مول بولۇپ، يۆتكەشكە بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۇرۇش يادىكارلىقلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، قەبرىستانلىق، خاتىرە مۇنارى، قەدىمىي ئۆي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھۆججەت، قول يازما، كىتاب، خاتىرە ئىزنىكى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. 28 ئورۇندىكى يۆتكەشكە بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن ئالتىسى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 16سى بار؛ 83 پارچە/يۈرۈش يۆتكىگىلى بولىدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە، 17 پارچە/ يۈرۈش مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان 1 - دەرىجىلىك قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار، بۇ، لىن جىلۇنىڭ دادىسىغا يازغان سالام خېتى، ھەجۋىي رەسىم ياغاچ ئويما تاللانما ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تارىخىي قىممىتى ۋە تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىنى باھالاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جىن خې مۇنداق تونۇشتۇردى: مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاراماي 1 - نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، دۆلىتىمىز نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم، زور بۇرۇلۇشقا گۇۋاھ بولدى.

قوغداشنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 392 - نومۇرلۇق قورۇدىكى 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى 89 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىككى قەۋەتلىك سېرىق رەڭلىك كىچىك بىنا بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي، ئەسلىي ئورۇننىڭ يېنىغا يېڭىدىن سېلىنغان خاتىرە ساراي پات ئارىدا ئېچىلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (شەھەرلىك ئىنقىلاب تارىخى خاتىرە ئورنى باشقۇرۇش مەركىزى) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇزېي باشلىقى تۇرسۇن قىزىربېك مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى خاتىرە ساراينىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 7881 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۆرگەزمە قىلىش، قوغداش، تەتقىق قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تاماملاندى، مۇزېينى بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىۋېتىش مۆلچەرلەندى.

ئېلان قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىدىكى يۆتكەشكە بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆڭۈل قويۇپ قوغداش، رېمونت قىلىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىي 30دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىمارىتىنى رېمونت قىلىپ قوغدىدى. بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن نۇرغۇن ئىنقىلابىي ئەسلىي ئورۇنلار رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ.

«بۇلتۇر، بىز كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى قىسمەن ھالدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتۇق، قوشۇمچە ئاكوستىك فوتو ئېلېكتىر قاتارلىق زامانىۋى پەن - تېخنىكا كۆرگەزمىسى تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق، فانتازىيەلىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش، كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ تېلېۋىزىيە ئېكرانى، كىنو - تېلېۋىزىيە تېمى، كۆرۈنۈش تەقلىد قىلىش، يېرىم مەنزىرە رەسىمى قاتارلىق كۆرگەزمە شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى نەق مەيداندا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جۈن.

ئاراتۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا 32 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان. قەبرە تېشى رايونىنىڭ ھەيۋەتلىك تۈسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت ھەر يىلى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرە تېشىدىكى يېرىقلارنى رېمونت قىلدى.

«قەبرە تېشىنى قەرەللىك رېمونت قىلغاندىن باشقا، بىز ئالتە قەدەمدە بىر تۈپ دەرەخ بولۇش زىچلىقى بويىچە تولۇقلاپ كۆچەت تىكىپ، قەبرىستانلىقنىڭ سىرتقى مۇھىتىنى ئۆزگەرتتۇق. 2019 - يىلى، قەبرىستانلىقتا يېڭىدىن ئاراتۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى ھەمتۈرتكە كۆرگەزمە زالى قۇرۇلۇپ، قوغداش جېڭىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ يادىكارلىقلىرى قاتارلىقلار توپلىنىپ، كۆرگەزمە زالىنىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىتىلدى» دېدى بۇ قەبرىستانلىقنىڭ مەسئۇلى ۋۇ شىن.

ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ ئەسلىي ئورنى كۆرگەزمە زالى تۈركۈملىگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن كىشى ئاپتوماتىك چۈشەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ، «بىرگە بىر» چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلدى.

«بۇ يىل 1 - ئايدا، سارىيىمىزغا ئۇچراشماسلىق شەكلىدىكى چۈشەندۈرۈش سىستېمىسى كىرگۈزۈلدى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ۋىيشىن سىكاننېرلاش نومۇرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئىجارە ئالسا بولىدۇ. چۈشەندۈرگۈچ خۇددى كۇنۇپكىلىق يان تېلېفونغا ئوخشاش بولۇپ، كۆرگەزمە زالىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئاۋازلىق يېتەكلەش كودىنى كىرگۈزسىلا، چۈشەندۈرۈش ئاۋاز چاستوتىسىنى قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىلى بولىدۇ.» چۈشەندۈرگۈچى لۇ جېن مۇنداق دېدى: خاتىرە سارىيىغا يېڭىدىن ئاپتوماتىك ئاۋازلىق يېتەكلەش سىستېمىسى ۋە VR تەقلىدىي ئۇچقۇ ئۈسكۈنىسى كۆپەيتىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەت مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىلەن ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارىلىقى يېقىنلاشتۇرۇلدى.

بارغانسېرى كۆپەيگەن كۆرۈنمە نامايان قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك تارقىتىش، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت كىشىلەرگە ھارارەتكە تولغان ئىنقىلابىي تارىخنى ھېس قىلدۇردى.

2020 - يىلى ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن ئىشخانىسى ۋە ياتىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، كۆرگەزمە مەزمۇنى تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئېنىق قىلىپ بېيىتىلدى. «بىز چۈشەندۈرۈش ئاپپاراتى، تەكشى تاختىلىق تېلېۋىزور ۋە ئېلېكتىرونلۇق گۈل تەقدىم قىلىش ئېكرانى قاتارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدۇق، يەنە شاڭخەي ئۈن - سىن ماتېرىياللىرى سارىيىدىن بىر بۆلەك قىممەتلىك سىن لېنتىسىنى كىرگۈزۈپ، ئايلانما قويۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئېكسكۇرسىيەچىگە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ روھىنى ھېس قىلدۇردۇق.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساۋ فېيمىڭ مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «جانلاندۇرۇپ»، قىزىل ھېكايىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش ئۈچۈندۇر.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى «100 يىللىق شانلىق نەتىجە، قىزىل ساياھەت» پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش قىزىل ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلىدى ھەم 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن ئىشخانىسى ۋە ياتىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى قاتارلىق قىزىل بايلىقلارغا تايىنىپ، قىزىل ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. «ھەرقايسى لىنىيەلەرنى ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تىيانشان رايونىدىكى قىزىل ساياھەت كىلاسسىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ نادىر لىنىيە قوللانمىسى، قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى خاتىرە ئاتكرىتكىسىغا ئېرىشەلەيدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى يۈ جياڭلىڭ مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.