تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئېتىش مەشئەلگە ۋارىسلىق قىلىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي ئىش ئىزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماقتا. چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۇچا شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. □ يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار چىڭمىڭدا تۈرلۈك شەكىلدىكى قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئېتىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

قەھرىمانلارنىڭ ئىزىنى ئىزدەش

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن 10 - تۈركۈمدە داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر قورغاس ناھىيەسىدىكى كۈرە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى. «مەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئالىيجاناب، شەخسىيەتسىز روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن» دېدى 10 - تۈركۈمدە داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بالىلار مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەي يىنفاڭ.

قومۇل شەھىرىگە جايلاشقان قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ياكېسى شىركىتى بۇ يەردە «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ جياڭفېڭ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈنكى ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم، بۇ، بىر قېتىملىق ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكسىلىش بولدى، مەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۈلگە قىلىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن».

«قانچىلىغان قەھرىمانلار ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، ھاياتى ئارقىلىق <پىدائىيلار مارشى>نى پۈتتى، ئۇلار ئىسسىق قېنى بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قىپقىزىل بويىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى تېخىمۇ چاقنىتىمىز.» 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربان ۋېي خۇڭۋېن خاتىرە سارىيىدا، جىمىسار ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش شەكلى بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

جىمىسار ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىزىل مەدەنىيەت بازىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەكتەپتە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دولقۇنى قوزغىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ما گۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ياش - ئۆسمۈر، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ۋاقىتنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىپ، ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز».

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بورتالا شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى جيەنلياڭ دەرس ئارىلىقىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توردا قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، توردا تەزىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئېتىقادىنى چىڭىتتى.

«ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!» 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، غۇلجا ناھىيەلىك نەنتۇڭ تەجرىبە مەكتىپى 7 - يىللىق 1 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ سىرۇي جۇڭخۇا قەھرىمانلار - قۇربانلار تورىغا چىقىپ، قەھرىمانلار - قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلىپ، كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ، ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە توردا قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش - سۈپۈرۈش، ياد ئېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن، بىز قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك» دېدى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇ رۇيخۇەن.

چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، غۇلجا ناھىيەسى «ساقلاش. 2021 - يىل چىڭمىڭدا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى توردا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلىۋى ياد ئېتىش يىغىنى، قەلب سالام خېتى يېزىش، توردا تەزىيە بىلدۈرۈش، كۆچەت تىكىش، كۆكلەم سەيلىسى قاتارلىق يېشىل قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش شەكلى ئارقىلىق قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش

«جۇبەننى راسا ياڭرىتىپ، مەدھىيەلەيمىز پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى... پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ناخشىمىزنى ياڭرىتىپ، 100 يىللىق كۈرەشتە شانلىق نەتىجە يارىتىمىز...» 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) جۇڭشىڭ يولى كوچا باشقارمىسى شىنخې مەھەللىسىدىكى پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزاسى گۇڭ بوشياڭ ئۆزى ئىجاد قىلغان «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» ناملىق كۇەيبەن نومۇرىنى ئورۇنلاپ، پارتىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن بايان قىلدى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ مەھەللىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئاھالىلەر كۇەيبەن، نۇتۇق سۆزلەش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تارىخىنى قايتا ئەسلىدى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، لوپ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە ئەزالىرى، خەلق ساقچىلىرى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ بىڭتۇەن 14 - شى 47 - تۇەنىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيىغا بېرىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. خەلق ساقچىلىرى پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەرنىڭ چېگرا رايوننى قوغداش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشتىكى قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، تارىخىي ئىزلار نامايان قىلىنغان كونا سۈرەت، كونا بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى كوللېكتىپ تەكرارلىدى. خەلق ساقچىسى شىرئەلى دولقۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى، توغراق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر چېگرا مۇھاپىزەتچىسى بولىمەن».

چىڭمىڭ بايرىمىدىن بۇرۇن، ئالتاي شەھىرى چاشيۇ يولى كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلارنى توردا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، كىتاب ئوقۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، قىزىل تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى بىرلىكتە ئېيتىش، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە تارىخىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاڭ يەنفاڭ، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ جۈنشيۇ، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى رۇڭ، رېن دۇڭشېڭ، جاۋ لى، جاڭ خۇڭلىڭ، تاڭ جۈن، ماھىرە تۇرسۇن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.