تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر چىڭمىڭدا قەھرىمانلار-قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىخەنزە شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى زۇڭلى جوۋ ئېنلەي خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قىزىل ئىنقىلابىي تەربىيەنى قوبۇل قىلدى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

چىڭمىڭ بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قىزىل تەربىيە بازىسىغا كىرىشكە تەشكىللىدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا قەھرىمانلار-قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، قەھرىمانلارنىڭ ئىزىنى ئىزدەپ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

ئىنقىلابىي قەھرىمانلار-قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىش

4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق باغچىسىدىكى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 20 نەچچە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى رەتلىك سەپ تۈزۈپ، قولىدا ئاق جۇخار گۈلىنى تۇتقان ھالدا، چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا قاراپ تۇرۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەڭگۈ ئىنقىلابنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا قەسەم بەردى.

سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىش، چىڭمىڭ قىسقا شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، ھېكايىلەردىن بەھرىلىنىش، «مېنىڭ قەلبىمدىكى قەھرىمان» تېمىسىدىكى قولدا كۆچۈرۈلگەن گېزىت ئىشلەش قاتارلىق شەكىللەرگە بىرلەشتۈرۈپ، «تارىخنى ئەسلەش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم سانى 60 مىڭدىن ئاشتى.

«بۈگۈن مۇئەللىم سۆزلىگەن ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، ئاشۇ ئۇرۇش يىللىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا قارىتا چەكسىز ھۆرمەتكە ئىگە بولدۇم. مەن قەھرىمانلار-قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى سانجى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ما جياچېن.

سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر شۇ جاينىڭ قىزىل بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلارغا ئەمەلىي پارتىيە دەرسى تەسىس قىلدى. پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلار قىزىل بازىغا بېرىپ، شانلىق تارىخنى قايتا ئەسلەپ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەندى. «ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە سىڭدۈرۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى سانجى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لىن خۇي.

4-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە داشۆسى «چىڭمىڭدا قەھرىمانلار-قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئوقۇتۇش ئىشلىرى 2-پارتىيە ياچېيكىسى، ئوقۇتۇش 3-پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار توغرىسىدىكى سىننى كۆردى، قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدى، بۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلىدى. ئوقۇتۇش پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: «بىز دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى ۋە يېقىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەيمىز».

توردا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىرادىسىنى ئىزھار قىلىش

ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش ئۈچۈن، قەشقەر داشۆ چىڭمىڭدا قەھرىمانلار-قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار-قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەيدىغان ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

چىڭمىڭنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى، قەشقەر داشۆدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە بېرىپ، دەۋر نەمۇنىچىسى، ئىنقىلابىي قۇربان لاچىن بايەكەگە تەزىيە بىلدۈردى، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى. مەكتەپ يەنە «ئىنقىلابىي قەھرىمانلار-قۇربانلارنى ياد ئېتىش تەسىراتى سۆزلەش» «لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش تەسىراتى سۆزلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا قەھرىمانلار-قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، 12 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 7000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق سۆز قالدۇرۇلدى.

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ لىشۈي باشلانغۇچ مەكتىپىدە 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى چىڭيۈەن ناھىيەلىك 2-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ماس قەدەملىك دەرسخانا شەكلى ئارقىلىق «ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بىرلىكتە تەزىيە بىلدۈرۈش، قايغۇلۇق ھېسسىياتنى ئورتاق ئىپادىلەش» باش تېمىسىدىكى چىڭمىڭ بايرىمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇردى، قىزىل ئىنقىلابىي ھېكايىلەردىن بەھرىلىنىش يىغىنى ئېچىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشكە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلەشكە يېتەكلىدى.

ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنقىلابىي قەھرىمانلار-قۇربانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى خىمىيە قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى «ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ تۆھپىسىنى ياد ئېتىپ، يېزا ئىگىلىك داشۆسى قىزىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلىش» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى، ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

«بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، قايغۇلۇق ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ جىسمىدا چاقناپ تۇرغان غايە-ئېتىقاد نۇرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەيمىز، يېتەكلەيمىز» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى خىمىيە قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما جىچياڭ.

قاغىلىق ناھىيەلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپ قانات يايدۇرغان «بىر پارچە سالام خەت ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ئۈستىدە ئىزدىنىش» ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ سالام خېتىنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ سالام خەتلىرى كوممۇنىستلارنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى بىلەن تولغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. «بىزنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن. ئىنقىلابىي قۇربانلار كېتىپ قالغان بولسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ روھى ۋە جاسارىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمىز!» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى زەينۇر ئوبۇلقاسىم.

(مۇخبىر جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۇەن لىچيۇڭ، جاڭ يىجياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.