تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى سىن يىغىنى ئېچىلدى

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى سىن يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا مەھكەم تۇرۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى ياخشى ھالەتنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئاساسىي ماتېرىيالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە مەركەزلىك ئۆگىنىشنى ياخشى قىلىپ، سۈپەت، نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قىزىل بايلىقنى ياخشى قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي روھ، قەھرىمانلار - قۇربانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ قىزىل گېننى قان تومۇرلارغا كىرگۈزۈش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ لېكسىيە ئۆمىكى، ئۆزگىچە لېكسىيە ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيەنىڭ ئىللىق بولۇشى، ئۆزگىچە بولۇشى، ئاممىغا يېقىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى، چوڭ ۋەزىيەتنى چىڭ كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئەمەلىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خۇلاسىلەش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا ئالتە ئورۇن، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.