تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپئاق پاختا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشقا تىرەك بولدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ يى، خېي خۇڭۋېي

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئالاغىر يېزىسى زىۋاتال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوسمان تۇرسۇننىڭ كېۋەزلىكىدە، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان سېيالكا ئۇياقتىن - بۇياققا يۈرۈپ، ھەربىر تال ئۇرۇقنى كېۋەزلىككە دەل جايىدا تېرىۋاتاتتى، رەتلىك سولياۋ يوپۇقلار ماشىنىنىڭ قۇيرۇق قىسمىدىن تەكشى يېيىلىپ يىراقلاپ باراتتى.

ئوسمان بۇ يىل 200 مو يەرگە كېۋەز تېرىدى، ئۇ يەنە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنى ئېچىپ، يەرلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. «مەن ھازىر يىلدا 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن، كېيىنكى قەدەمدە سولياۋ يوپۇق پىششىقلاش زاۋۇتى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىشقا يېتەكلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» ئوسمان خۇشال ھالدا، كېۋەز تېرىش ئائىلىمىزنى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، دېدى.

شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىلگىرى سۈرۈش - يېتەكلەشنى تۇتۇپ، پاختا كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە «چوڭ كەسىپ، چوڭ خەلق تۇرمۇشى» تەرەققىيات خاسلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىۋى ئاساسى مۇستەھكەم، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تولۇق، يېتەكلەش ئۈنۈمى روشەن بولغان خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندى.

تېخنىكا دەرىجىسى ئۆستى   يەر تېرىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى

«ئىلگىرى يەر تېرىش ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىشتا ئادەم كۈچىگە تايىناتتۇق، ھازىر ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە، تەننەرخ تۆۋەنلىدى، ئۈنۈم ئاشتى.» كۆپ يىل كېرەز تېرىغان ئوسمان پاختا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىغا قارىتا بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە ئىدى.

«پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچ قېتىملىق مۇھىم تېخنىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كەسىپنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ۋە پەن - تېخنىكا ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى دەي جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: سولياۋ يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش، ماشىنىدا يىغىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنىڭ كېڭەيتىلىشى، قوللىنىلىشى شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

دەي جۈنشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى، شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا ئومۇميۈزلۈك سولياۋ يوپۇق يېپىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، سولياۋ يوپۇقنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش، نەملىك ساقلاش، تۇپراقنىڭ قۇرۇلمىسىنى قوغداش رولى تېخىمۇ كۆپ يەرنى كېۋەز تېرىشقا ماس كېلىدىغان قىلىپ، پاختا ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ئارقىدىن، يوپۇق ئاستىدا تېمىتىپ سۇغىرىشنى ئاساس قىلغان تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا كەينى - كەينىدىن ئومۇملىشىپ، سۇ تېجەپلا قالماي، پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆستۈردى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، قوللىنىلىشى تەننەرخنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ماشىنىلاشتۇرۇپ پاختىنى يىغىش كۆلىمى تېز ئاشتى.

ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق تېخنىكىنىڭ كېڭەيتىلىشى، قوللىنىلىشىنىڭ پايدىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېز ئاشتى. 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %75.5كە يېتىپ، پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى 1990 - يىلىدىكى %10.4تىن %87.3كە ئۆسۈپ، شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق 1 - چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندى.

ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇلدى   تەرەققىيات تېخىمۇ پۇختا، ساغلام بولدى

شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىيدىغان چوڭ ناھىيە شايار ناھىيەسىگە بارسىڭىز، كەڭ كەتكەن كېۋەزلىكلەرنىڭ چېتىگە كۆزىڭىز يەتمەيدۇ. ئىلگىرىكى تارقاق «ياماق ئېتىز»دىن ھازىرقى «چوڭ سالا ئېتىز»غىچە، پارچە - پۇرات تېرىقچىلىقتىن تۈجۈپىلەپ تىجارەت قىلىشقىچە، شايار ناھىيەسىنىڭ پاختىچىلىق كەسپى بىر مەيدان زامانىۋى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.

«بۇلتۇر پۈتۈن كەنت بويىچە 11 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلىپ، ماشىنىلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 400 كىلوگىرام ئەتراپىغا يەتتى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى قايلور كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جاڭ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن كەنت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى يەر ئوبوروتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكىسىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. بۇلتۇر پۈتۈن كەنت بويىچە ئوبوروت قىلىنغان يەر كۆلىمى 6000 مودىن ئاشتى، ئىلغار پاختا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى كەنتتە تېز ئومۇملىشىپ، پاختا مەھسۇلات مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، پاختىچىلىق كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

«ئىلگىرىكى كىچىك ئېتىزلار بىرلەشتۈرۈلۈپ 100 مودىن 300 موغىچە بولغان چوڭ سالا ئېتىزلار بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، يەرلەر پارچە - پۇرات بولۇش، باشقۇرۇش تارقاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىراقلا ھەل قىلىندى.» شايار ناھىيەلىك يېزىلارنىڭ ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيە بويىچە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى پائال يېتىشتۈرۈلۈپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 26 مىڭ 400گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېرىقچىلىق تۈرىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن ئاشتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇنىڭ پايدىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پاكار، زىچ، بالدۇر ئۆستۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىلغار كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ، پاختىنىڭ قۇرغاق چۆللۈك رايوندىكى روشەن كۆپ ھوسۇللۇق ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى.

كىرىم كۆپ مەنبەلەشتى   تۇرمۇش باياشاتلاشتى

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى كۈنسېرى ئەلالىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«مەن بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 2700مو كېۋەزلىكىنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدۇم، ئۆزۈم يەنە بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، كىرىمىمنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش تەس ئىش ئەمەس.» ساۋەن شەھىرى داچۇەن يېزىسى ساۋفاڭجاڭزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەن جېڭتاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىككى كىشىلىك كىرىمگە ئېرىشىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نورمال ھالىتىگە ئايلاندى.

خەن جېڭتاۋغا ئوخشاش يەر پەرۋىش قىلىش ماھىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان شۇاڭچۈەن دېھقانلار يەر پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەخسۇس سىستېمىلىق باھالاش - باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى، يەر پەرۋىش قىلىش مەزگىلىدە ئېيىغا 10 مىڭ يۈەن مائاش كىرىم قىلغاندىن باشقا، ئەگەر ياخشى پەرۋىش قىلىپ، پاختا مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولسا، خەن جېڭتاۋ يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

«ئىلگىرى كېۋەز تېرىش مېنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەيىم ئىدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندىن كېيىن، كىرىمىمنى ئاشۇرۇش يولۇم تېخىمۇ كېڭەيدى.» 20 نەچچە يىل كېۋەز تېرىغان شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى چوغتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت ئەيسا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئائىلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردىم، ئۆزۈم ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بوغالتىرلىق قىلىمەن، ھەم يەردىن بۆلۈپ بېرىلگەن پايدا كىرىمىم، ھەم مائاش كىرىمىم بار، بۇلتۇر يىللىق كىرىمىم 130 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، كۈنلىرىم بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.