تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش   دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى شىنجاڭ كەسپىي داشۆ، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆ، قاراماي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ زامانىۋى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ پېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بايان قىلىش ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق مول مەزمۇنلۇق ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە دەرسى ئۆتتى.

دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى مائارىپ فاكۇلتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇ مىڭمىڭ مۇنداق دېدى: 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، مەكتەپنىڭ «كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىدە، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز.

شىنجاڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى قەلبىدىن لىتىپ تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش» «نېمىنى ئۆگىنىش» «قانداق ئۆگىنىش» قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسلىق مەزمۇنى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

«تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بۈگۈننى بىلگىلى بولىدۇ، يېڭى دەۋردىكى ياش داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەربىرىمىز پارتىيە تارىخىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن كۈچ قوبۇل قىلىشىمىز، ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك» دېدى شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زەمىرە ئەزىم.

كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا كىرگۈزۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ مەكتەپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش» يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.