تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى (1)

مۇندەرىجە

1 - قىسىم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

1 - باب تەرەققىيات مۇھىتى

2 - باب يېتەكچى فاڭجېن

3 - باب ئاساسلىق نىشان

2 - قىسىم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈش

4 - باب دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش

5 - باب كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

6 - باب ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

7 - باب پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

3 - قىسىم زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش

8 - باب ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش

9 - باب ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش

10 - باب مۇلازىمەتچىلىكنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

11 - باب زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش

4 - قىسىم قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش

12 - باب دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش

13 - باب دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

14 - باب مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈش

5 - قىسىم رەقەملىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، رەقەملىك جۇڭگو بەرپا قىلىش

15 - باب رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى ئەندىزىسى يارىتىش

16 - باب رەقەملىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش

17 - باب رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

18 - باب ياخشى رەقەملىك ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش

6 - قىسىم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش

19 - باب تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

20 - باب يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش

21 - باب زامانىۋى مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش

22 - باب ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

7 - قىسىم يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

23 - باب يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش

24 - باب يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش

25 - باب شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

26 - باب نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش

8 - قىسىم يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

27 - باب يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش

28 - باب شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بوشلۇقىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

29 - باب شەھەر سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش

9 - قىسىم رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

30 - باب دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ۋە قوغداش ئەندىزىسىنى ياخشىلاش

31 - باب رايونلۇق زور ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر يولغا قويۇش

32 - باب رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش

33 - باب دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىش

10 - قىسىم سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش

34 - باب جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

35 - باب ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

36 - باب زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

11 - قىسىم يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

37 - باب ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش

38 - باب مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش

39 - باب تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېشىللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش

12 - قىسىم يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

40 - باب تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش

41 - باب «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

42 - باب دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش

13 - قىسىم پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

43 - باب يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش

44 - باب ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

45 - باب ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

14 - قىسىم خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

46 - باب دۆلەت ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

47 - باب ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

48 - باب كىرىم تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش

49 - باب كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

50 - باب ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش

51 - باب ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش

15 - قىسىم تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش

52 - باب دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

53 - باب دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش

54 - باب ئاممىۋى خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش

55 - باب ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش

16 - قىسىم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

56 - باب دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

57 - باب دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى بىلەن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

17 - قىسىم سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

58 - باب سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش

59 - باب دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

60 - باب پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

18 - قىسىم «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

61 - باب شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش

62 - باب ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

19 - قىسىم يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش

63 - باب پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش

64 - باب بىرلىككە كەلگەن يىرىك پىلان سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

65 - باب يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق (2025‐2021) يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى»گە ئاساسەن تۈزۈلدى، ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى شەرھلەنگەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرىدىغان بۇ پىروگرامما −دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتىكى ئۇلۇغۋار پىلانى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىروگراممىسى.

1 - قىسىم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل.

1 - باب تەرەققىيات مۇھىتى

دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، تەرەققىيات ئاساسىمىز تېخىمۇ پۇختىلاندى، تەرەققىيات شارائىتىمىزدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشتا يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدۇق.

1 - پاراگراف ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلدى

«13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ھەل قىلغۇچ باسقۇچ. ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىنتايىن ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا زور ئىلگىرىلەش قولغا كېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجە يارىتىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ نامايان بولدى.

ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇمەن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلاندى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، چوڭقۇر دېڭىز قۇرۇلۇشى، سۇپېر كومپيۇتېر، كىۋانتلىق ئۇچۇر، «گۈللىنىش» ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، چوڭ ئايروپىلان ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى قولغا كەلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق، يېزىلاردىكى 55 مىليون 750 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل ئازابلىغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي يوسۇندا ھەل بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاشلىقنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولدى. 100 مىليون يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسى ۋە دائىم تۇرۇشلۇق باشقا ئاھالىنى شەھەر - بازاردا نوپۇسقا ئېلىش نىشانى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىپ، رايونلۇق زور ئىستراتېگىيەلەر پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىدى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقى ئېشىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش نىشانى ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجە يارىتىلدى. سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، مائارىپ ئادىللىقى ۋە سۈپىتىدە بىرقەدەر زور يۈكسىلىش بولۇپ، ئالىي مائارىپ ئومۇملىشىش باسقۇچىغا كىردى، شەھەر - بازارلاردا 60 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئورنىتىلدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىلياردقا يېقىن ئاھالىنى قاپلىدى، شەھەر - بازار كەپە ئۆي رايونلىرىدىكى 23 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆزگەرتىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە يارىتىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى زور ھەجىمدە ئۆستى. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى گۈللىنىپ راۋاجلاندى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي ھالىتىدە زور ئۆزگىرىش ياسالدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى.

«13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك ئورۇندىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يېڭى زور پەللىگە يۈكسىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يېڭى زور قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە تېخىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.

2 - پاراگراف دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى

ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىستا يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولدى. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىنقىلابى چوڭقۇر راۋاجلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ھېلىھەم دەۋرنىڭ باش تېمىسى بولۇپ تۇرماقتا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا مۇھىت كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىپ، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى كېڭىيىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ بېرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە تەمىنات - تەلەپ خەرىتىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ئىقتىسادىي - سىياسىي ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، دۇنيا داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرىپ قالدى، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىز روشەن، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىمىز يۇقىرى، ئىقتىسادىمىز ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ماددىي ئاساسىمىز پۇختا، ئادەم كۈچى بايلىقىمىز مول، بازار بوشلۇقىمىز كەڭ، تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىمىز كۈچلۈك، ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىمىز مۇقىم، سىجىل تەرەققىي قىلىشتا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىزدە تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق مەسىلىسى ھېلىھەم گەۋدىلىك، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى ھېلىھەم ناھايىتى مۈشكۈل، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشالمايۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە كىرىم تەقسىمات پەرقى بىر قەدەر زور، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىدە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ئاجىز ھالقىلار بار.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە يېڭى تەلەپلەرنى، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت پەيدا قىلغان يېڭى زىددىيەت ۋە يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىمىزنى مەۋقە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى تۇرغۇزۇپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ياساپ، كىرىزىس داۋامىدا پۇرسەت يارىتىشقا ۋە ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىنى كۆزلەپ زىياندىن ساقلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز شەرت.

2 - باب يېتەكچى فاڭجېن

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تۆۋەندىكى يېتەكچى ئىدىيە، پىرىنسىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش شەرت.

1 - پاراگراف يېتەكچى ئىدىيە

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساس قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز ئورنىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ - ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

2 - پاراگراف چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ

− پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

− خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

− يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىگە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

− سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش. ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، ئومۇمىيەت جەھەتتىن پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز، جايلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، كۆلىمى، سۈرئىتى، ئۈنۈمى ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

3 - پاراگراف ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىش شەرت. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش − يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىشنىڭ رېئال ئاساسى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىش يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجنى يېتەكلەپ ۋە بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئىچكى ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلۇقىنى ئاشۇرۇش شەرت. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورنىتىپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىش شەرت. ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان تۈزۈم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئوبوروتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمال ھالقىلىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش شەرت. ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، ئامىللارنى يۆتكىلىشچان ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئىچكى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسىغا تايىنىپ دۇنياۋى ئامىل بايلىقىنى جەلپ قىلىدىغان قۇدرەتلىك تارتىش كۈچى مەيدانى شەكىللەندۈرۈش شەرت. ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەرت.

3 - باب ئاساسلىق نىشان

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى تۆۋەندىكىچە:

1 - پاراگراف 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان

2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى يەنە بىر يېڭى زور پەللىگە يۈكسىلىدۇ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا زور بۆسۈش ھاسىل بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىجادچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا بولىدۇ. دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسەن ئەمەلگە ئېشىپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر راۋاجلىنىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئېرىشىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت ئاساسەن بەرپا بولىدۇ؛ مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى ۋە ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلى كەڭ كۆلەمدە شەكىللىنىپ، كاربون چىقىرىش مىقدارى چوققا قىممەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇقىملىشىش ئاساسىدا تۆۋەنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش ئەۋزەللىكىمىز كۆرۈنەرلىك كۈچىيىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تەڭپۇڭلىشىپ، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى پەرق كۆرۈنەرلىك كىچىكلەيدۇ. تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى جەھەتتە تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كېلىدۇ.

2 - پاراگراف «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى

− ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش. تەرەققىيات − دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، تەرەققىياتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش شەرت، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئاساسىدا ئىقتىسادنى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى ئاشۇرۇپ ۋە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ ۋە ھەر يىلى ئەھۋالغا قاراپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئاشۇرۇپ، ئىچكى بازارنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتى سېلىنمىسىنى يىلىغا %7تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئاشۇرۇپ، سېلىنما سىجىللىقىنى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئەمەلىي سىجىللىقتىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، شەھەر - يېزا، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، دائىملىق ئاھالىنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتىنى %65كە يەتكۈزۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسىنى ئاساسەن قۇرۇپ چىقىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش لازىم.

− جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسى، پەن - مەدەنىيەت ساپاسى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى كۈنسايىن بېيىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

− ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش. زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ۋە قوغداش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېشىللاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق تەقسىملەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %13.5 ۋە %18 تۆۋەنلىتىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى داۋاملىق ئازايتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %24.1كە يەتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش لازىم.

− خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەپ، ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇپ، تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش مۇددىتىنى 11.3 يىلغا يەتكۈزۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %95كە يەتكۈزۈپ، سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنى بىر ياش ئۇزارتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلاش كېرەك.

− دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىدە يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش. سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە - قانۇنچىللىقنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىناۋىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تۈگىتىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور قەدەم تاشلاش لازىم.

ئىزاھات: ① 〔〕نىڭ ئىچىدىكىلەر بەش يىللىق جەمئىي مىقدار. ② * بەلگىسى قويۇلغانلار 2019 - يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات. ③ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ④ 2020 - يىلى ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى ھاۋا سۈپىتى ياخشى كۈننىڭ نىسبىتى ۋە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ Ⅲ تۈردىكى سۇ ئۆلچىمىگە يېتىش ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىش نىسبىتىنىڭ كۆرسەتكۈچ قىممىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئادەتتىكى يىللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى. ⑤ 2020 - يىلىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى %2.5 بويىچە ھېسابلاندى.

2 - قىسىم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈش

يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارى، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى نىشانلاپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

4 - باب دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش

دۆلەتنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكەت پىروگراممىسى تۈزۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى يېڭىچە ئومۇمىي دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

1 - پاراگراف دۆلەت پەن - تېخنىكا بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ياخشىلاش

دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلغان ھالدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش ۋە بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى يېتەكچى قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش لازىم. كىۋانتلىق ئۇچۇر، فوتون ۋە مىكرو - نانو ئېلېكتىرون، تورلۇق خەۋەرلىشىش، سۈنئىي ئەقىل، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى قاتارلىق مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىنى نىشانلىغان ھالدا بىر تۈركۈم دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، نۇقتىلىق دۆلەت تەجرىبىخانىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ قايتا تەشكىللەپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك يۈرۈشىدىغان تەجرىبىخانا سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش لازىم. دۆلەت قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى، دۆلەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرىنى ياخشىلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلارنىڭ پەن تەتقىقات جەھەتتىكى كۈچىنى ياخشى تەقسىملەش ۋە بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە تەتقىقاتچىل ئالىي مەكتەپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنى قوللاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سېلىنما سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلىك، باشقۇرۇش تۈزۈمى زامانىۋى، ھەرىكەت مېخانىزمى بازارلاشقان، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى جانلىق بولۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2 - پاراگراف ئىجادىي، يېتەكچى پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش

دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، يادرولۇق ساھەلەردە، ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا پىلانى ۋە ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. سۈنئىي ئەقىل، كىۋانتلىق ئۇچۇر، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، ھاياتلىق، ساغلاملىق، مېڭە ئىلمى، بىيولوگىيەلىك سورت (نەسىل) يېتىشتۈرۈش، ئالەم بوشلۇقى پەن - تېخنىكىسى، چوڭقۇر يەر، چوڭقۇر دېڭىز قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى نىشانلاپ، دۆلەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بىر تۈركۈم زور ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇش لازىم. دۆلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، ئەۋزەل بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان، تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇملۇق كېسەل ۋە بىيو خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تېببىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ھالقىلىق دېتال، زاپچاس، بۆلەك ۋە ئۇل ماتېرىيال، نېفىت - گازنى چارلاش - ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك.

3 - پاراگراف ئۇل تەتقىقاتنى ئىزچىل كۈچەيتىش

قوللىنىشچان تەتقىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئون يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئاساس پەنلەر تەتقىقات مەركىزىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇل تەتقىقات مالىيە سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئۇل تەتقىقاتقا مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىپ، جەمئىيەتتىكىلەرنى ئىئانە قىلىش، ھەدىيە قىلىش ۋە فوند تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە كۆپ يول ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، سىجىل مۇقىم سېلىنما مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇل تەتقىقات خىراجىتىنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقىنى %8تىن ئاشۇرۇش كېرەك. ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات بويىچە ئىزدىنىشكە قارىتا ئۇزاق دەۋرىيلىك باھالاشنى يولغا قويۇپ، ئۇل تەتقىقاتقا پايدىلىق ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسى يارىتىش لازىم.

4 - پاراگراف زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش

بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاپ، بېيجىڭنىڭ خۈەيروۋ رايونى، شاڭخەينىڭ جاڭجياڭ رايونى، چوڭ قولتۇق رايونى، ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدە ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم - پەن مەركىزى قۇرۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاش لازىم. دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق ئالدىن جايلاشتۇرۇپ، ھەمبەھرىلىنىش سەۋىيەسى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. تەبىئىي پەن - تېخنىكا بايلىق ئامبىرى، دۆلەت دالا ئىلمىي كۆزىتىش تەتقىقات پونكىتى (تورى) ۋە ئىلىم - پەن چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى كۆجۈملۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سەرخىل پەن تەتقىقات ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى كۈچەيتىش لازىم. دۆلەت ئىلمىي ماقالە ۋە پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىك سۇپىسى بەرپا قىلىش لازىم.

5 - باب كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازار يۆنىلىشى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا سۇبيېكت، بازار يۆنىلىش قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش

تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىغا باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. تۇنجى مۇھىم تېخنىكا جابدۇقىغا قارىتىلغان سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى ۋە رىغبەت سىياسىتىنى كېڭەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ يېتەكچىلىك - ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سىياسىتى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى قوللاش لازىم. ئۆلچەم، سۈپەت ۋە رىقابەت قائىدە - تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدىغان باھالاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان، قىممەتنى ساقلاش - ئاشۇرۇشقا دائىر باھالاش كەچۈرۈم قىلىنغان، خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش - تۈزىتىشكە ئىمكان بېرىدىغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش تەييارلىق فوندى تەسىس قىلىپ، مەركەزگە قاراشلىق دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش چىقىمىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا - كىچىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

2 - پاراگراف كەسىپكە دائىر ئورتاق ئۇل تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى قوللاش

بىر تۈركۈم ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا سۇپىلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ساھەنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھالقىلىرىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاش لازىم. شارائىتى يار بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ بىرلىشىپ پەن تەتقىقات ئورنى تۈزۈلمىسىگە ئۆزگىرىپ ساھە تەتقىقات يۇرتى قۇرۇپ، ئورتاق تېخنىكا ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك. يېڭىچە ئورتاق تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇپ، كەسىپ ۋە ساھە ھالقىغان ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش لازىم. چوڭ كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق، تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادچان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىگە ئايلىنىشىنى قوللاپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھالقىلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ كەسىپلەر توپىغا تايىنىپ ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كەسىپ تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى قۇرۇپ، رايونلۇق ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

3 - پاراگراف كارخانا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات سۇپىسى، پەن - تېخنىكا دوكلاتى، پەن - تېخنىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى كارخانىلارغا يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مالىيە مەبلىغىنىڭ قوللىشى ئارقىلىق يارىتىلغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەشكەن، بازارلاشقان تېخنىكا كۆچۈرۈش ئاپپاراتى ۋە تېخنىكا باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش لازىم. يېڭىلىق يارىتىشقا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مەدەتكار بولۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا سۇغۇرتىسى قاتارلىق پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش قەرزى ئۈچۈن خەۋپ تولۇقلىمىسى بېرىشنى سىناق قىلىش لازىم. پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىرىنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئاساس قىلىش خاسلىقىنى كۈچەيتىپ، 2 - بازارنىڭ يېتىلىۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش - ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەرىشتە سېلىنمىسى، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندى ۋە خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى سېلىنما فوندىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

6 - باب ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

ئەمگەككە، بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىلدۈرۈپ، كىرگۈزۈپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىقلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم.

1 - پاراگراف يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش

ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش قانۇنىيىتى ۋە پەن تەتقىقات پائالىيىتى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى زاپاس قوشۇنى بەرپا قىلىپ، مۇھىم پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرى ۋە زور يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ ۋە بايقاپ، پوستدوكتور يېڭىلىق يارىتىش ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى قوللاش كېرەك. ئىجادچان، ئەمەلىيەتچىل، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىلىم يېڭىلاش قۇرۇلۇشى ۋە ماھارەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىنژېنېرلار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىش لازىم. ئاساس پەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە قاتارلىق ئاساس پەن بازىلىرى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم - پەن مەركەزلىرىنى قۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار جەم بولغان پەن تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش يۈكسەكلىكى بەرپا قىلىش لازىم. ئىشلەش، تەتقىق قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا قارىتىلغان تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىك كۆچمەن تۈزۈمى ھەققىدە ئىزدىنىش كېرەك. مائاش - تەمىنات، پەرزەنت تەربىيەسى، ئىجتىمائىي كاپالەت، باجدا ئېتىبار بېرىش تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ جۇڭگودا ئىشلىشى ئۈچۈن خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

2 - پاراگراف ئىختىساسلىقلارنى ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش

ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئۈنۈمى، تۆھپىسى يېتەكچى قىلىنغان پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىلىم، تېخنىكا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ قىممىتى تولۇق گەۋدىلىنىدىغان پايدا تەقسىم قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تاللاپ ئىشلىتىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا لۇشيەنى بېكىتىش ھوقۇقى ۋە خىراجەت ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش لازىم. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ھەر تەرەپلىمە بوشىتىپ، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش «يېشىل يولى»نى كېڭەيتىش كېرەك. بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇش يۆنىلىش قىلىنغان تەقسىمات سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك كەشپىيات نەتىجىسى ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى بەھرىمەن بولىدىغان پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاكادېمىكلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

3 - پاراگراف يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش

يېڭى دەۋر ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئەخلاقى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. كارخانىچىلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش پايدىسىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىنى ئىگىلەش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، مەبلەغ غەملەش جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ئىشلىرىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش - يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش لازىم. كەسىپنى قەدىرلەش، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش، ئۆزىنى ئاتاش، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولۇشتەك يېڭىلىق يارىتىش - ئىگىلىك تىكلەش مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، خاتالىقنى سىناش - ئەپۇ قىلىش - تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىلىم - پەن روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم - پەن ئىشتىياقىنى يېتەكلەپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، ئىلىم - پەننى سۆيىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇلۇغلايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

7 - باب پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىنى پىلانلاش سىستېمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە تۈر، بازا، ئىختىساسلىقلار ۋە مەبلەغنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

1 - پاراگراف پەن - تېخنىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

پەن - تېخنىكىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، يىرىك پىلان، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇل بۆلۈش، مۈلۈك ئايرىش، تۈر بېكىتىش قاتارلىق شەكىللەردە بىۋاسىتە ئارىلىشىشنى ئازايتىش كېرەك. مالىيەنىڭ پەن تەتقىقات سېلىنمىسى تۈزۈلمىسىنى تەرتىپكە سېلىپ، مەبلەغنى نۇقتىلىق ھالدا ئىستراتېگىيەلىك، ھالقىلىق ساھەلەرگە سېلىپ، تارماقلار ئايرىم، كىچىك ۋە تارقاق بولغان ھالەتنى ئۆزگەرتىش لازىم. زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، باش تېخنىك مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە «ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش»، «رىقابەتلەشتۈرۈش» تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇپ، مۇكاپات بىلەن تولۇقلىما بىرلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەركىن ئىزدىنىش تىپى ۋە ۋەزىپە يۆنىلىشى تىپىدىكى پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تۈر بويىچە باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشسىز پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا مۇكاپات تۈرلىرىنى ياخشىلاش لازىم. پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ زامانىۋى تەتقىقات ئورنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ جانلىق ئىشتات، ئىش ئورنى، مائاش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشىنى قوللاش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، كارخانىلار ئارا ئەركىن، تەرتىپلىك يۆتكىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش - ئىشلىتىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ساھە، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىگە دائىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىشنى تېزلىتىش لازىم. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، كېسىم، مۇرەسسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ۋە ھوقۇق قوغداش ياردىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغانلاردىن جازا خاراكتېرلىك تۆلەم ئېلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زىيان تۆلىمى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پاتېنتقا دائىر ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتى ۋە سىناش - باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى قىممەتلىك پاتېنتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، پاتېنت كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش لازىم. دۆلەت ئىلكىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ۋە ھوقۇق - مەنپەئەت تەقسىمات مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش لازىم. شەكىلسىز مۈلۈكنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلھام بېرىش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ماسلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش - ئىشلىتىش ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش لازىم.

3 - پاراگراف پەن - تېخنىكىغا دائىر ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش

تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھەمبەھرىلىنىدىغان خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىشىش كېرەك. دۇنياۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىنسانىيەت ساغلاملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەرقايسى دۆلەت پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ يارىتىش لازىم. خەلقئارالىق چوڭ ئىلىم - پەن پىلانى ۋە چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن لايىھەلەپ ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلىم - پەن فوندىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت پەن - تېخنىكا پىلانىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم زور پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى تۈرلىرىنى باشلاپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن ئىلمىي تەتقىقات فوندى قۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئالىملار ئالاقىسى پىلانىنى يولغا قويۇش لازىم. دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە خەلقئارالىق پەن - تېخنىكا تەشكىلاتى قۇرۇشنى، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىلمىي تەشكىلاتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتۈشىنى قوللاش كېرەك.

3 - قىسىم زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش

ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا ئىجادىيىتى، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

8 - باب ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش

مۇستەقىل، تىزگىنلىنىشچان، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىق سالمىقىنى ئاساسەن مۇقىم ساقلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

1 - پاراگراف كەسىپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

كەسىپكە قايتا ئاساس سېلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇللۇق دېتال - زاپچاس - بۆلەك، ئۇللۇق يۇمشاق دېتال، ئۇللۇق ماتېرىيال، ئاساسىي ھۈنەر - سەنئەت ۋە كەسىپ تېخنىكىسى ئاساسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بوغما ھالەت ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. ساھە باشلامچى كارخانىلىرىغا تايىنىپ، مۇھىم مەھسۇلات ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنژېنېرىيەلەشتۈرۈپ ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. مۇھىم تېخنىكا - جابدۇق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خەۋپ تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇنجى (يۈرۈش) جابدۇق، تۇنجى تۈركۈم ماتېرىيال، تۇنجى نەشردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. كەسىپ ئاساسى تىرەك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە بىر تۈركۈم دۆلەت ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئىشلىتىش - ئۈلگە كۆرسىتىش سۇپىسى ۋە ئۆلچەم، مىقدار، دەلىللەش، ئېتىراپ قىلىش، پىرىيوم - كارانتىن قىلىش، سىناش، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش قاتارلىق كەسىپ تېخنىكىسى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، تېخنىكا، ھۈنەر - سەنئەت قاتارلىق سانائەت ئۇل سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

ئىقتىسادچىللىق بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىق شەكىللەندۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنى ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەش ۋە دەل جايىدا تەدبىر كۆرۈشنى كەسىپلەر بويىچە ياخشى ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئاشۇرما قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ بىخەتەر، ئىشەنچلىك كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ياسىمىچىلىق زەنجىرىنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق، تېخنىكا، جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كەسىپ بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ كۆلەم ئەۋزەللىكى، يۈرۈشلۈك بولۇش ئەۋزەللىكى ۋە قىسمەن ساھەلەردىكى ئالدىن يارىتىش ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئېلېكتىر جابدۇقى، يېڭى ئېنېرگىيە، كېمىسازلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى تولۇق كەسىپ زەنجىرىلىك رىقابەت كۈچىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئاشۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپ ئۆزگىرىشى يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن پۈتۈن مەھسۇلاتلاردىن تۇتۇش قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيەتلىك كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. رايونلۇق كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىنى دۆلەت ئىچىدە قېلىشقا يېتەكلەپ، ئوتتۇرا - غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ يۆتكەلمە كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زاپاس قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كاپالەت بازىسى قۇرۇش كېرەك. باشلامچى كارخانا يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك يېتەكچى كۈچ ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەخسۇسلىشىش ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي، ئۈنۈملۈك، ئۆزگىچە، ئىجادچان «كىچىك گىگانت» كارخانىلار ۋە ياسىمىچىلىقتىكى يەككە تۈر چېمپىيون كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. تېخنىكا ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك.

3 - پاراگراف ياسىمىچىلىقنىڭ سەرخىللىشىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش

ئاقىل ياسىمىچىلىق ۋە يېشىل ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇلازىمەتچان ياسىمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشى، ئاقىللىشىشى ۋە يېشىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋى ياسىمىچىلىق توپى شەكىللەندۈرۈپ، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، كېمە - پاراخوت ۋە دېڭىز - ئوكيان قۇرۇلۇش جابدۇقى، ماشىنا ئادەم، ئىلغار رېلىسلىق قاتناش جابدۇقى، ئىلغار ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جابدۇقى، قۇرۇلۇش ماشىنىسى، رەقەملىك ئالىي ئىستانوك، تېببىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نېفىت خىمىيە، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق خام ماتېرىيال كەسىپلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلات تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، خىمىيە سانائىتى، قەغەزچىلىك قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش مەخسۇس تۈرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىلغار ياراملىق تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشى، ئۈسكۈنە يېڭىلاشنى كۈچەيتىشى ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆلەملىك ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىش لازىم. ئاقىل ياسىمىچىلىق ئۈلگە زاۋۇتلىرى قۇرۇپ، ئاقىل ياسىمىچىلىق ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۈپەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈر كۆپەيتىشى، سۈپەت ئۆستۈرۈشى، ماركا يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

4 - پاراگراف ياسىمىچىلىقنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش

ئامىل كاپالىتى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، باج كېمەيتىش - ھەق تۆۋەنلىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ياسىمىچىلىقنى يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سانائەت يېرىنىڭ سىغىمى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىچە كەسىپ يېرى ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش لازىم. ياسىمىچىلىققا بېرىلىدىغان ئوتتۇرا - ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز، ئىناۋەتلىك قەرز كۆلىمىنى زورايتىپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش قەرزىنى كۆپەيتىپ، پاي ھوقۇقى سېلىنمىسى، ئاكسىيە ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ياسىمىچىلىققا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بارلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازار سودىسىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىپ، پورت سۇ تىرانسپورتى، تاشيول، تۆمۈريول تىرانسپورتى قاتارلىقلاردىن ئېلىنىدىغان ئەشيا ئوبوروتى ھەققىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ - چوڭ ياسىمىچىلىق تۈرلىرىگە تولۇق جەريانلىق مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى ۋە كارخانىچىلارنى كارخانىغا چېتىشلىق سىياسەت تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر، تېخنىكا، ئىمپورت - ئېكسپورت ئىشلىرى ۋە رەقەملەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

9 - باب ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش

كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتى پۇرسىتىنى ئىگىلەشنى نەزەردە تۇتۇپ، باشلامچى، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما، توپلاشما، ئېكولوگىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن سالمىقىنى %17تىن ئاشۇرۇش كېرەك.

1 - پاراگراف كەسىپ سىستېمىسىدا يېڭى تىرەك بەرپا قىلىش

يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، بىيو تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپلىرى، مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل كەسىپلەر، شۇنىڭدەك ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، دېڭىز - ئوكيان جابدۇقلىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى نىشانلاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش - ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، ئامىل كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش لازىم. بىيو تېخنىكا بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، جانلىقلار سورتى (نەسلى) يېتىشتۈرۈش، بىيو ماتېرىيال، بىيو ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، بىيو ئىقتىسادنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. بېيدوۋ سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېيدوۋ سىستېمىسى كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر توپىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەۋزەللىكلەردە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ئاشۇرۇش قوزغاتقۇچى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، تۆۋەن سەۋىيەلىك تەكرار قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كەسىپ سېلىنما فوندىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى ۋە خەۋپ تولۇقلىمىسى سالمىقىنى زورايتىش لازىم.

2 - پاراگراف كېلەچەك كەسىپلىرىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاش

تەقلىدىي مېڭە ئەقلىي ئىقتىدارى، كىۋانتلىق ئۇچۇر، گېن تېخنىكىسى، كېلەچەك تورى، چوڭقۇر دېڭىز ۋە ئالەم بوشلۇقىنى ئېچىش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ساھەلىرىدە، كېلەچەك كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تېزلىتىش پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم كېلەچەك كەسىپلىرىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پەن - مائارىپ بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، كەسىپ ئاساسى پۇختا رايونلارغا بىر تۈركۈم دۆلەت كېلەچەك كەسىپلىرى تېخنىكا تەتقىقات يۇرتلىرىنى جايلاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار ئۈستىدە كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىزدىنىپ، گىرەلەشمە، يۇغۇرما، ئاغدۇرما تېخنىكىلار تەمىناتىنى كۈچەيتىش لازىم. كەسىپلەرنى ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇش ئۈلگە قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، كېلەچەك تېخنىكىسىنى قوللىنىش مۇھىتى يارىتىپ، بىرقانچە كېلەچەك كەسىپلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

10 - باب مۇلازىمەتچىلىكنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئاھالە ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتچىلىك تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قۇرۇلمىسى ياخشى، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان مۇلازىمەت كەسىپلىرى يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم.

1 - پاراگراف ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ كەسىپلىشىشىگە ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش لايىھەسى، سانائەت لايىھەسى، سودا مەسلىھەتچىلىكى، پىرىيوم - كارانتىن، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش - دەلىللەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئامىل تەقسىمات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، تەمىنات زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، ئۇچۇر، سانلىق مەلۇمات، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىشنى نىشانلاپ، زامانىۋى ئوبوروت، سېتىۋېلىش ماركېتىڭى، ئىشلەپچىقىرىشنى تىزگىنلەش، تىجارەت باشقۇرۇش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنى باغلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، تېخنىكا ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش قاتارلىق يېڭىچە كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم.

2 - پاراگراف تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش

قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇلازىمەت تۇيغۇسىنى ياخشىلاشنى يۆنىلىش قىلىپ، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەت ۋە كۆپ خىللىققا قاراپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، بالا تەربىيەسى، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، خوجىلىق قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك، ئۇللۇق مۇلازىمەتچىلىك تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، ئۆمۈر دەۋرىيلىكىنى تولۇق قاپلىغان تۈرلۈك مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىش لازىم. ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە سىغىمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاقىل مەھەللە، كۈتۈنۈش، بالا تەربىيەسى قاتارلىقلار بىلەن يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. سودا ئوبوروتىنىڭ كەسىپ ھالىتى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، رەقەملەشتۈرۈپ ۋە ئاقىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى تور ئىچى - سىرتىدا پۈتۈن يوللار ئارقىلىق قاندۇرۇش كېرەك. كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئىسپات بېرىش - ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ سەمىمىيەت ۋە كەسىپلىشىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

3 - پاراگراف مۇلازىمەت ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

مۇلازىمەتچىلىكتە ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، نامۇۋاپىق چەكلەش شەرتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىك يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ۋە كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن يەر، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، باھا سىياسەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش لازىم. مۇلازىمەت سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلچەمنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كاتالوگى، تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى تېزدىن بېكىتىپ، ئۈنۈملۈك، ماس بولغان مۇلازىمەتچىلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم. مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپكارلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە باھالاشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىشنى ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

11 - باب زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش

ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي، ئاقىل، يېشىل، بىخەتەر، ئىشەنچلىك زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم.

1 - پاراگراف يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىش

رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئاقىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش تىرىكىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى، يۇغۇرما ئۇل ئەسلىھە، يېڭىلىق يارىتىش ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى جايلاشتۇرۇپ قۇرۇش كېرەك. ھەممە يەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تور بولغان، ئاسمان - زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن، توپلىشىپ ئۆزئارا باغلانغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى بەرپا قىلىپ، سانلىق مەلۇماتنى سېزىش، يەتكۈزۈش، ساقلاش ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم. 5G تورىنى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئابۇنىچىلار ئارىسىدا ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %56كە يەتكۈزۈپ، گىگابايتلىق ئوپتىك تالالىق تورنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. 6G تور تېخنىكىسى زاپىسىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. غول تور ئالاقە تۈگۈنلىرىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم خەلقئارا خەۋەرلىشىش ئېغىزلىرىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ، ئالاقە تورى كېلىشىمى 6 - نۇسخىسى (IPv6)نى تىجارەتلىك ئىشلىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا - غەربىي رايونلاردىكى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ ئۇل تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لازىم. نەرسە تورىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم تور بىلەن كۆچمە تورنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن تار بەلباغلىق تورنىڭ بىرلىشىشىنى قوللايدىغان نەرسە تورىغا ئۇلاش ئىقتىدارى بەرپا قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ ئەقلىي تەڭشىلىشىنى كۈچەيتىپ، بىرقانچە دۆلەت نۇقتىلىق تۈگۈن نۇقتىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى توپى قۇرۇپ، E دەرىجىلىك ۋە 10E دەرىجىلىك سۇپېرلىق ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سانائەت ئالاقە تورى ۋە ئاپتوموبىل ئالاقە تورىنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال راۋاجلاندۇرۇش لازىم. پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشىدىغان خەۋەرلىشىش، يول باشلاش، يىراقتىن سېزىش بوشلۇق ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى قۇرۇش كېرەك. قاتناش، ئېنېرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەممە يەردە سېزىدىغان، تېرمىنال ئارقىلىق تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشىلىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. بازارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

2 - پاراگراف قاتناش كۈچلۈك دۆلىتىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش

زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەر خىل تىرانسپورت شەكىللىرىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تور ئۈنۈمى ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چوڭ يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ، شىزاڭغا تۇتاشقان يوللار، ئوتتۇرا - غەربىي رايونلار، دەريا بويى، دېڭىز بويى، چېگرا بويىدىكى ئىستراتېگىيەلىك غول يوللار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارى يېتىشمەي قېلىۋاتقان يوللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ سىغىمىنى ئاشۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تېز سۈرئەتلىك تور بەرپا قىلىپ، «8 توغرا لىنىيە، 8 بوي لىنىيە»لىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنى ئاساسەن تۇتاشتۇرۇپ، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى پورت توپى ۋە ئايرودۇرۇم توپلىرىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش لازىم. غول لىنىيە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريوللارنى قۇرۇش ۋە ھازىرقى تۆمۈريوللارنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۆمۈريول يولۇچى - يۈك تىرانسپورتىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە يوللىرىدىكى بوغما يول بۆلەكلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى دەريا يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ يوللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى، ھەممىباب ئايرودۇرۇم ۋە يۈك تىرانسپورت ئايرودۇرۇملىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن قۇرۇپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پوچتا ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يېزىلارغا، زاۋۇتلارغا، چەت ئەللەرگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لازىم. شەھەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قاتنىشىنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول، شەھەر رايونى (ئەتراپى) تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئايلانما لىنىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ تەرەققىياتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قاتناشنىڭ تۇتىشىش چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، رايونلۇق تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا بويى تاشيولى، چېگراغا بارىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يول بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. كۆپ قاتلاملىق، بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تۈگۈن ئايرودۇرۇم - بېكەتلەرنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، كۆجۈملەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىغىش - تارقىتىش - توشۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلانما يولۇچى تىرانسپورتى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلانما يۈك تىرانسپورتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك «بىر بېكەت شەكلى»، «بىر تالون تۈزۈمى» مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. تۆمۈريول كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشيوللارنىڭ ھەق ئېلىش تۈزۈمى ۋە ئاسراش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

3 - پاراگراف زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش

ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، مەركەزلىك بولۇش بىلەن تارقاق بولۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شامال ئېلېكتىرى، فوتو ۋولت ئېلېكتىرىنىڭ كۆلىمىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلاردا تارقاق ئېنېرگىيەنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز شامال ئېلېكتىرىنى تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، غەربىي جەنۇب سۇ ئېلېكتىر بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دېڭىز بويى يادرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا پۇختا قەدەم بىلەن بىخەتەر تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل ئېنېرگىيە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان بىر تۈركۈم پاكىز ئېنېرگىيە بازىلىرىنى قۇرۇپ، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلەيدىغان سالمىقىنى %20 ئەتراپىغا ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بايلىقى مول جايلارغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە تەرەققىيات رىتىمىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. نېفىت - گاز چارلاش - ئېچىشنىڭ بازار ئىجازىتىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىپ، چوڭقۇر دېڭىز، چوڭقۇر قاتلام نېفىت - گازى ۋە پەۋقۇلئاددە نېفىت - گاز بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، نېفىت - گاز زاپىسى ۋە مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جايلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش لازىم. پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش يولىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېلېكتىر تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىل مىكرو ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش - قۇتقۇزۇش ۋە ئاقىل تەڭشىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى بىر تەرەپ قىلىش، جايلاشتۇرۇش ۋە زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چەت، يىراق رايونلارغا توك يوللاش - تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈر ئېلېكتىرىنى جانلىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تارتما سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئەندىزىسىنى قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. كۆمۈرنى رايون ھالقىپ توشۇش يوللىرى ۋە يىغىش - تارقىتىش - توشۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي گاز غول تۇرۇبا يوللىرىنى تېزدىن قۇرۇپ، نېفىت - گاز راۋان تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

4 - پاراگراف سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش

ۋادى ئومۇمىي بوشلۇقى ۋە سۇ بايلىقى بوشلۇقىنى تەڭپۇڭ جايلاشتۇرۇشنى مەۋقە قىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان دەريا سۇ سىستېمىسىنى تۈزەش، قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە تايانچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەش ۋە كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش تايانچ تۈرلىرىنى قۇرۇپ، نۇقتىلىق سۇ مەنبەسى ۋە شەھەرلەرنىڭ جىددىيەت زاپاس سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى ھەل قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە تىزگىنلىنىدىغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا - كىچىك دەريالارنى تۈزەش ۋە خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنى پۇختىلاشنى تېزلىتىپ، مۇداپىئە توسمىسى ۋە كەلكۈن باشلاش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونلىرىنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دەريا - كۆللەرنى قوغداش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلىق سۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.

4 - قىسىم قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجنى يېتەكلەپ ۋە بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساس قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

12 - باب دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش

قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرىغا تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمال ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

1 - پاراگراف تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇنلۇقىنى ئاشۇرۇش

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىناتنىڭ يېڭى ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىش، يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. خاس، پەرقلىق، سۈپەتلىك ئىستېمال ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلىي شەكلىنىڭ يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى، ئوتتۇرا - يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلات تەمىناتى ۋە مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەت تەمىناتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، مەھسۇلات، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ماسلىقىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپ يانداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي مونوپول كەسىپلەرنىڭ رىقابەتلىك ھالقىلىرىنى بازارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھالقىلارنى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش لازىم. ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولى بىلەن تۈگىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە دائىر قانۇن - نىزام ۋە يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۈپەتنى دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش - ئالماشتۇرۇش ۋە خەلقئارا ئۆلچەمنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا كونا ماركىلىرىنى قوغداپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خاس ماركىلارنىڭ تەسىرى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، پەرداز بۇيۇمى، كىيىم - كېچەك، ئۆي توقۇلمىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇمى ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم سەرخىل ماركىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.

2 - پاراگراف بايلىق ئامىلىنىڭ راۋان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان توسۇقلارنى تۈگىتىپ، بايلىق ئامىلىنىڭ جايلىشىشىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى مەنبەدىن راۋانلاشتۇرۇش لازىم. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا - ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ تەمىناتى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا بىۋاسىتە يېتىپ بارىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم. ئۆي - زېمىن بازىرىنى سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى يولغا قويۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە كىرىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارىسىدا ياخشى ئايلىنىش شەكىللەندۈرۈش لازىم. شەھەر - يېزا ئامىللىرى ئەركىن يۆتكىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايون كەسىپلىرىنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

3 - پاراگراف ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش

ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئوبوروت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. بىرلىككە كەلگەن چوڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ئىلغار قائىدە ۋە ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەت ئاساسىدا بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئوخشاش بولمىغان جايلار ۋە ساھەلەرنىڭ ئۆلچەم، قائىدە، سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەرلىك قورۇقچىلىق، ساھە مونوپولى ۋە بازار ئايرىمچىلىقىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش كېرەك. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تۈگۈن ئەسلىھەسى، غول لىنىيەسى، رايونلۇق تارقىتىش مەركىزى ۋە ئاخىرقى يەتكۈزۈش نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى تايانچ بازىلىرىنىڭ ئەسلىھەسى ۋە شارائىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېز تىرانسپورتى قاتارلىق تۆمۈريول قولاي يۈك تىرانسپورت مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا ھاۋا يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يوللىرىنى ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا تۇتاشتۇرۇلغان، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى تورىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم زامانىۋى ئوبوروت كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، قولاي ماگىزىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق سودا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، ئۇچراشماس سودا مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سودا ئوبوروتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش لازىم. زاپىسى تولۇق، ئىنكاسى تېز، زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك جىددىيەت ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

4 - پاراگراف دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

مالىيە چىقىم سالمىقى ۋە قىزىل رەقەم نىسبىتىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاپ، باج كېمەيتىش - ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ كۆپەيتىشى، تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە پايدىلىق باج تۈزۈمى ئورنىتىش لازىم. مۇۋاپىق تولۇق يۆتكىلىشچانلىقنى ساقلاپ، پۇل تەمىنات مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئىقتىسادنىڭ نامىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاساسەن ماسلىقىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىلىق سىياسەت قورالىنى يېڭىلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىستېمال كىرېدىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كەسىپ سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىشىش ۋە فۇنكسىيەلىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا يېڭىلاش ۋە قۇرۇلما يۈكسەلدۈرۈشنى قوللاش لازىم. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

13 - باب دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساس قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئامىل بايلىقىنى جەلپ قىلىدىغان قۇدرەتلىك تارتىش كۈچى مەيدانى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياج بىلەن خەلقئارا ئېھتىياجنىڭ، ئىمپورت بىلەن ئېكسپورتنىڭ، تاشقى مەبلەغ كىرگۈزۈش بىلەن سىرتقا مەبلەغ سېلىشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىدىغان يېڭى ئەۋزەللىكنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

ئىچكى سودا بىلەن تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى سودىغا دائىر قانۇن - نىزام، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، تىجارەت سالاھىيىتى، سۈپەت ئۆلچىمى، پىرىيوم - كارانتىن، ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش لىنىيە، ئوخشاش ئۆلچەم، ئوخشاش سۈپەتتە ئىشلەپچىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. ئىمپورت تاموژنا بېجى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپەتلىك ئىستېمال بۇيۇمى، ئىلغار تېخنىكا، مۇھىم ئۈسكۈنە، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورتىنى ئاشۇرۇپ، ئىمپورتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكسپورت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئېكسپورت ئاشۇرما قىممىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش لازىم. خەلقئارا بازارنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنى ئەنئەنىۋى ئېكسپورت بازىرىنى چوڭقۇر قېزىش، گۈللىنىۋاتقان بازارلارنى ئېچىشقا يېتەكلەپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا بازار ئۈلۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. پىششىقلاش سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بازىسى، تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىسى، خەلقئارا ماركېتىڭ مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، چەت ئەلدە ئىسكىلات قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، تاشقى سودا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش سىنىقى ئوچۇق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودىنىڭ رەقەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. سودا بىلەن سېلىنمىنى يۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى، جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى قاتارلىقلارنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

2 - پاراگراف خەلقئارا قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق دۇنياۋى ئامىل بايلىقى ۋە بازار بوشلۇقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. تاشقى مەبلەغنى ئەڭ زور دەرىجىدە جەلپ قىلىپ ۋە ئىشلىتىپ، تېلېگراف، ئالاقە تورى، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتىلغان مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ ئۈلگىلىك تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئوتتۇرا - ئالىي ياسىمىچىلىق، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە ۋە ئوتتۇرا - غەربىي رايونلارغا سېلىنىشىنى قوللاپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش مەركىزى قۇرۇشى، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا پىلانى تۈرلىرىگە قاتنىشىشى ۋە ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاش لازىم. چەت ئەل كارخانىلىرىنى پايدىسىنى مەبلەغ قىلىپ قايتا سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كارخانىنى سۇبيېكت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ۋە پايدا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. چېگرا سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - مۇلازىمەت تورى ۋە ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، مەسلىھەتچىلىك، بوغالتىرلىق، قانۇن قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ خەلقئارالىشىپ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ مەھسۇلات، مۇلازىمەت، تېخنىكا، ماركا، ئۆلچەملىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىگە يۇغۇرۇلۇشىنى قوللاپ، دۆلەت ھالقىغان تىجارەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، چېگرا سىرتىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك، قوش تەرەپلىك سېلىنما ھەمكارلىقى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىياسەت ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشقا دائىر قانۇن چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

14 - باب مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈش

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولى ۋە سېلىنمىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتىكى ھالقىلىق رولىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ۋە سېلىنما ئېھتىياجى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى بەرپا قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف ئىستېمالنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

ئاھالە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىگە لايىقلىشىپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇشنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ يېشىل، ساغلام، بىخەتەر بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش لازىم. ئەنئەنىۋى ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىدا سېتىشنى باشقۇرۇشتىن ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشقا بۇرۇلۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، مەجبۇرىي بىراك قىلىش تۈزۈمى ۋە كونا - كېرەكسىز ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىق چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ ئىستېمالىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئىستېمال يېتىلدۈرۈپ، ئۇچۇر ئىستېمالى، رەقەملىك ئىستېمال ۋە يېشىل ئىستېمالنى راۋاجلاندۇرۇپ، زاكازلىق ئىستېمال، سىنىما ئىستېمال، ئاقىل ئىستېمال، مودا ئىستېمال قاتارلىق يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش لازىم. مۇلازىمەت ئىستېمالىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىستېمالى ساھەسىنىڭ بازار ئىجازىتىنى بوشىتىپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىستېماللارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، تور ئىچى - سىرتى ئىستېمالىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بايرام - دەم ئېلىش ئىستېمالىنى ئاشۇرۇپ، بايرام - دەم ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائاشلىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. خەلقئارا ئىستېمال مەركىزىي شەھەرلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم رايونلۇق ئىستېمال مەركەزلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزا يۇغۇرما ئىستېمال تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ناھىيەلەرنىڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر ئىچىدە باجسىز دۇكان ئېچىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر ئىچى باجسىز دۇكانلىرىنى پىلانلاپ قۇرۇش كېرەك. ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەڭ تۇتۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش لازىم. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ئۆلچىمى ۋە كېيىنكى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقسانلىق مەھسۇلاتنى قايتۇرۇۋېلىش، مەھسۇلات زەخمىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، مەھسۇلات سۈپەت كاپالىتى قاتارلىق تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمى ۋە ماجىرا ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش

سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە، شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئاممىۋى سەھىيە، ماددىي ئەشيا زاپىسى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئاپەتنى يېنىكلىتىش، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، كارخانىلارنىڭ ئۈسكۈنە يېڭىلىشى ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش لازىم. ھەم ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەپ زاپاس كۈچنى ئاشۇرىدىغان يېڭى ئۇل ئەسلىھە، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا يۈزلىنىپ، سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى، دۆلەت سۇچىلىق تورى، يالۇڭزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا سۇ ئېلېكتىرىنى ئېچىش، پىلانېتلار ئارا تەكشۈرۈش، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى كەسىپلەشتۈرۈش قاتارلىق زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، زور پەن تەتقىقات ئەسلىھەسى، زور ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئاسراش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى، زور سۇ باشلاش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - كەلكۈن زىيىنىنى ئازايتىش، توك - گاز يەتكۈزۈش، چېگرا بويى، دەريا بويى، دېڭىز بويى قاتنىشى قاتارلىق ئۇلنى چىڭىتىدىغان، فۇنكسىيەنى ئاشۇرىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەبلەش سېلىش - مەبلەش يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ قوزغىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بازار يېتەكچىلىكىدىكى سېلىنمىنى ئىچكى جەھەتتىن ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. تۈرلەرنى پىلانلاش، زاپاسلاش، ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغ، يەر قاتارلىق ئامىللارغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت - جەمئىيەت كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP)نى قېلىپلىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كۆچمەس مۈلۈك سېلىنمىسى ھاۋالە فوندى (REITs)نىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساقلانما مۈلۈكنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، ساقلانما مۈلۈك بىلەن يېڭىدىن سېلىنغان مەبلەغنىڭ ياخشى ئايلىنىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

5 - قىسىم رەقەملىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، رەقەملىك جۇڭگو بەرپا قىلىش

رەقەملىك دەۋرگە يۈزلىنىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك جەمئىيەت، رەقەملىك ھۆكۈمەتنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

15 - باب رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى ئەندىزىسى يارىتىش

زور مىقدارلىق سانلىق مەلۇمات ۋە مول قوللىنىش مۇھىتى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقەم تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ ئاتا قىلىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قوزغاتقۇچىنى زورايتىش كېرەك.

1 - پاراگراف ھالقىلىق رەقەم تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى كۈچەيتىش

سەر خىل ئۆزەك، مەشغۇلات سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھالقىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى، سېنزور قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەرنى نىشانلاپ، ئاساس نەزەرىيە، ئاساسىي ھېسابلاش ئۇسۇلى، جابدۇق - ماتېرىيال قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئەۋلاد يېڭىلاپ قوللىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەممىباب بىر تەرەپ قىلغۇچ، بۇلۇت ھېسابلاش سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال يادرولۇق تېخنىكىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى كۈچەيتىش لازىم. كىۋانتلىق ھېسابلاش، كىۋانتلىق ئالاقە، نېرۋا ئۆزىكى، DNA ساقلاش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر پېنى بىلەن ھاياتلىق ئىلمى، ماتېرىيال قاتارلىق ئۇل پەنلەردە كىرىشمە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، رەقەم تېخنىكىسى ئوچۇق كودلۇق مەھەللىسى قاتارلىق ئىجادىيەت بىرلەشمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئوچۇق كودلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتال مەنبە كودى، قاتتىق دېتال لايىھەسى ۋە قوللىنىش مۇلازىمىتىنى ئېچىۋېتىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

2 - پاراگراف رەقەمنىڭ كەسىپلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش

سۈنئىي ئەقىل، بۈيۈك سانلىق مەلۇمات، بۆلەك زەنجىرى، بۇلۇت ھېسابلاش، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان رەقەملىك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئالاقە ئۈسكۈنىسى، يادرولۇق ئېلېكتىرونلۇق دېتال - زاپچاس، ھالقىلىق يۇمشاق دېتال قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. 5G ئاساسىدىكى قوللىنىش مۇھىتى ۋە كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، ئاقىل قاتناش، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى، ئاقىل ئېنېرگىيە، ئاقىل داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە سىناش - ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنى ئىزدەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېچىۋېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، 3 - تەرەپ بۈيۈك سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھەمبەھرە ئىقتىساد ۋە سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

3 - پاراگراف كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش

«بۇلۇت ھېسابلاش، رەقەملەشتۈرۈش، ئاقىللاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، رەقەم تېخنىكىسى ئارقىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە رايونلاردا خەلقئارا سەۋىيەدىكى بىرقانچە سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى ۋە رەقەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، تەتقىق قىلىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش، بازار مۇلازىمىتى قاتارلىق ھالقىلاردا رەقەملىك تېخنىكا قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس زاكازلىق ياساش، ئېلاستىك ياساش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ باغچە رايونلىرىنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ رەقەملىشىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋام ھۆددە ئېلىپ لايىھەلەش، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى، يېڭىچە پارچە سېتىش قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

16 - باب رەقەملىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش

رەقەم تېخنىكىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىۋاتقان يېڭى يۈزلىنىشكە لايىقلىشىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەھرىمەن بولىدىغان رەقەملىك تۇرمۇش بەرپا قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف ئاقىل، قولاي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش

مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، بالا بېقىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى نىشانلاپ، رەقەملىك مۇلازىمەتنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپ، دوختۇرخانا، ساناتورىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرىلەش ۋە قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. تور ئىچى - سىرتىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تور دەرسخانىسى، ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى، ئاقىل كۇتۇپخانا قاتارلىقلارنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي قاتلام، چەت - ياقا رايونلار ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا تۇتاشتۇرۇشنى قوللاپ، سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ تەسىرى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ «ئالاقە تورى + ئاممىۋى مۇلازىمەت»كە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسى ۋە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

2 - پاراگراف ئاقىل شەھەر ۋە رەقەملىك يېزا - كەنت بەرپا قىلىش

شەھەر - يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى يېڭىلاشقا رەقەم تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، ھەرىكەت ئۈنۈمى ۋە ماسلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم. يېڭىچە ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىنى دەرىجە - تۈر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، نەرسە تورى سېزىش ئەسلىھەسى، ئالاقە سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى، ئىمارەت قاتارلىقلاردا نەرسە تورى قوللىنىش ۋە ئاقىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئۇچۇر مودېلى سۇپىسى ۋە ھەرىكەت باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر سانلىق مەلۇمات بايلىقى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر سانلىق مەلۇمات مېڭىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. رەقەملىك قوشكېزەك شەھەر بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا يۈزلەنگەن ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئومۇمىي مەنپەئەتدار ئۇچۇر مۇلازىمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزا - كەنت باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

3 - پاراگراف رەقەملىك گۈزەل تۇرمۇش يېڭى مەنزىرىسى بەرپا قىلىش

مال سېتىۋېلىش ئىستېمالى، ئائىلە تۇرمۇشى، ساياھەت - ئىستىراھەت، قاتناش، سەپەر قاتارلىق تۈرلۈك مۇھىتلارنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئاقىل، ھەمبەھرىلىك، ئىناق، ئورتاق ئىدارە قىلىنىدىغان يېڭىچە رەقەملىك تۇرمۇش يارىتىش كېرەك. ئاقىل مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەھەللە رەقەملىك سۇپىسى ۋە تور سىرتى مەھەللە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان قولاي مۇلازىمەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، تور ئىچى - سىرتى يۇغۇرۇلغان مەھەللەت تۇرمۇش مۇلازىمىتى، مەھەللە باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئاقىل مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك. رەقەملىك تۇرمۇش تۇيغۇسىنى بېيىتىپ، رەقەملىك ئائىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ئومۇمىي خەلقنى رەقەملىك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ رەقەم ساپاسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇچۇر توسالغۇسىز ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىقلارنىڭ رەقەملىك تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.

17 - باب رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئىشلىرىدا رەقەم تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنىڭ تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش ۋە ئەندىزىسىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىيلىكى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

1 - پاراگراف ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتنى ئېچىۋېتىش - ھەمبەھرىلەشنى كۈچەيتىش

دۆلەت ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقى سىستېمىسىنى قۇرۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ تارماق، دەرىجە - قاتلام، رايون ھالقىپ توپلىنىپ يۇغۇرۇلۇشى ۋە چوڭقۇر قوللىنىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات بايلىقى مۇندەرىجىسى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت سانلىق مەلۇمات ھەمبەھرىلەش - ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ نوپۇس، قانۇنىي ئىگە، ماكان جۇغراپىيەسى قاتارلىق ئۇل ئۇچۇر بايلىقلىرىنى ھەمبەھرىلەش - ئىشلىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئاساسىي ئاممىۋى ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتىنى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە ئىزدىنىپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات ئېچىۋېتىش سۇپىسى ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش ئېغىزى بەرپا قىلىپ، ئالدى بىلەن كارخانىلارنى تىزىملاش - نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سەھىيە، قاتناش، ھاۋارايى قاتارلىق قىممىتى يۇقىرى سانلىق مەلۇمات توپلاملىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش لازىم. ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىنى ھوقۇق ئېلىپ تىجارەتكە سېلىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، 3 - تەرەپنىڭ ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات قېزىش - ئىشلىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

2 - پاراگراف ئۇچۇرلاشقان مەمۇرىيەتنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش

مەمۇرىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تۈر تىزىملىكىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۇچۇر سىستېمىلىرىنى بىرىكتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇر سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، تارماق ھالقىپ ماسلىشىپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەت بۇلۇت سۇپىسى ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى سىستېمىسىنى كۆجۈملۈك قۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسىنىڭ بۇلۇتقا كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەمۇرىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز يېڭىلاشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسىنىڭ تېز ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئېلاستىكلىق كېڭىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

3 - پاراگراف رەقەملىك مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلى، كەسىپ تەرتىپى ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئاقىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن تەرتىپى بىر گەۋدىلەشكەن تور مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. رەقەم تېخنىكىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ياردەمچى قىلىش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى چاستوتىلىق چوڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا دەل جايىدا ھەرىكەتچان ئۆلچەش، مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەقەم تېخنىكىسىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە، تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك قاتارلىق تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

18 - باب ياخشى رەقەملىك ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش

ئېچىۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قېلىپلىق باشقۇرۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك قائىدە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوچۇق، ساغلام، بىخەتەر رەقەملىك ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف سانلىق مەلۇمات ئامىلىنىڭ بازار قائىدىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش

سانلىق مەلۇماتتىن ئېچىپ پايدىلىنىش، شەخسىي سىرنى قوغداش ۋە ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى، سودا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىپ يەتكۈزۈلۈشى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىقلارغا دائىر ئۇل تۈزۈم ۋە ئۆلچەم - قائىدىلەرنى تېز ئورنىتىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ۋە ساھە تەلەپچانلىقى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشقان سانلىق مەلۇمات سودا سۇپىسى ۋە بازار سۇبيېكتلىرىنى يېىتلدۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات مۈلكىنىڭ باھالاش، تىزىملاش، راسچوت قىلىش، سودىدا تېپىشىش، ماجىراغا كېسىم قىلىش قاتارلىق بازار تىجارىتى سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. دۆلەت مەنپەئەتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسنىڭ سىرىغا چېتىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر ئۇللۇق قانۇن چىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنىڭ پۈتۈن ئىشلىتىش دەۋرىدىكى بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم. چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇھىتىغا تەتبىقلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتنى تۈر ۋە دەرىجە بويىچە قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ چېگرا ھالقىپ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

2 - پاراگراف قېلىپلىق، تەرتىپلىك سىياسەت مۇھىتى يارىتىش

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن سىياسەت ۋە قانۇن - نىزام سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەمبەھرە ئىقتىساد، سۇپا ئىقتىسادى ۋە يېڭى يەككە ئىگىلىكنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامۇۋاپىق مەمۇرىي ئىجازەت، ساپا - سالاھىيەت تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىشى، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاش لازىم. ئالاقە تورى سۇپا ئىقتىسادىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن - قائىدە بويىچە كۈچەيتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئورنى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مونوپوللۇقنى بېكىتىدىغان قانۇن - قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مونوپوللۇق ۋە ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش كېرەك. ئادەمسىز ھەيدەش، توردا داۋالاش، پۇل مۇئامىلە پەن - تېخنىكىسى، ئاقىل يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە ئەخلاقىي تەكشۈرۈش قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

3 - پاراگراف تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش

دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن - نىزام، تۈزۈم، ئۆلچەملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم ساھەلەردىكى سانلىق مەلۇمات بايلىقى، مۇھىم تور ۋە ئۇچۇر سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش لازىم. ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. تور بىخەتەرلىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساھە ھالقىغان تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھرىلەش ۋە خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكى خەۋپىنى بايقاش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش، ھۇجۇم مەنبەسىنى تېپىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور بىخەتەرلىكى ھالقىلىق تېخنىكىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تور بىخەتەرلىكى كەسىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. تور بىخەتەرلىكى تەشۋىق - تەربىيەسىنى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

4 - پاراگراف تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش

تور بوشلۇقىغا دائىر خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئاساسىي يول، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلغان ھالدا رەقەم ۋە تور بوشلۇقى خەلقئارا قائىدىسى بېكىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك، دېموكراتىك، ئاشكارا بولغان دۇنياۋى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق تور ئۇل ئەسلىھەسى ۋە تور بايلىقىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، رەقەملىك پۇل، رەقەملىك باج قاتارلىقلار ھەققىدە خەلقئارا قائىدە بېكىتىش ۋە رەقەم تېخنىكىسى ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە پائال قاتنىشىش كېرەك. دۇنياۋى تور بىخەتەرلىك كاپالىتى ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلىنى قوغداش، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، تور جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش بويىچە خەلقئارا ماسلىشىش - ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. ئانچە تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنى تېخنىكا، ئۈسكۈنە، مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە رەقەملىك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى رەقەملىك دەۋرنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈش لازىم. تور مەدەنىيىتى بويىچە ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

6 - قىسىم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش

سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

19 - باب تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىپ، يار - يۆلەك بولۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھاياتىي كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە تېخىمۇ باي بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

1 - پاراگراف دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش

دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، كىرىش - چېكىنىشكە ئىمكان بېرىش، قىلىدىغاننى قىلىپ قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش ۋە زورايتىش لازىم. دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك، كەسىپ يېتەكچىلىكى، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نىشانلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساقلانما مۈلۈكنى تەڭشەپ ۋە جانلاندۇرۇپ، كۆپەيمە كاپىتالنىڭ تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھەلەرگە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە خەيرىيەت ئىشلىرى قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھەلەرگە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش لازىم. تولۇق رىقابەتلىك ساھەلەردىكى دۆلەت ئىگىلىكىگە قارىتا، كاپىتال پايدىسى نىشانى ۋە قاتتىق مالىيە چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، يۆتكىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى ياخشى تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كۆرسەتمىسىنى جانلىق ئېلان قىلىش لازىم.

2 - پاراگراف دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش

پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن شىركەت ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت قانۇندا بەلگىلەنگەن، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئاشكارا بولغان، ماس يۈرىشىدىغان، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدىغان شىركەت ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك. مۇدىرىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇدىرىيەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇدىرىيەتنى شىركەت تىجارىتىدە تەدبىر بەلگىلەش سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رىغبەتنى كۈچەيتىش، ئاساسىي كەسىپنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت مېخانىزمىنى چوڭقۇر قاتلاملىق ئالماشتۇرۇپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلاردا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت تولۇق مەبلەغلىق كارخانىلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدە ئىزدىنىش كېرەك. باشقۇرۇش قاتلىمى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمى ۋە كېلىشىملىك باشقۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بازارلاشقان مائاش تەقسىماتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك رىغبەتلەندۈرۈشنى جانلىق قانات يايدۇرۇش لازىم.

3 - پاراگراف كاپىتال باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ھوقۇق بېرىش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، جانلاندۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى، مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا كۆپ تەرەپلىمە ئۆزگىرىش ياساشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش لازىم. كاپىتال باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تۈر بويىچە ھوقۇق بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارەت شىركىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارەت شىركىتى ۋە پاي ئىگىلىگەن كارخانىنىڭ ھوقۇق چېگراسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىش لازىم. ماس، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ھەقىقىي ساقلىنىش كېرەك. تىجارەتلىك دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش لازىم.

4 - پاراگراف پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان قانۇنچىللىق مۇھىتى، سىياسەت مۇھىتى ۋە بازار مۇھىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بايلىق ئامىلىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىشى، رىقابەتكە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارغا بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك توسۇقلارنى تۈگىتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللايدىغان سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىناۋەت ئۆستۈرۈشنى قوللاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت باھالاش، زايوم تارقىتىشىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش ۋە كىرېدىت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېقىنلىق ۋە پاكلىق ئاساسىدىكى ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، قېلىپلاشقان ھۆكۈمەت - كارخانا ئالاقە يوللىرىنى ئورنىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تۈگىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

5 - پاراگراف پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشى - يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، تىجارەت ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنى زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشقا يېتەكلەش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۇل تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ھالقىلىق تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇشقا قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلىپ قائىدىلىك تىجارەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىشى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياش بىر ئەۋلاد پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش لازىم.

20 - باب يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش

يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بازار سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باراۋەر ئىجازەت بېرىش، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئوچۇق - تەرتىپلىك بولۇش، سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بىرلىككە كەلگەن ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈش

تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، قاتتىق قوغدىلىدىغان، راۋان يۆتكىلىدىغان زامانىۋى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇپ، نەرسە ھوقۇقى، ھەقدارلىق، پاي ھوقۇقى قاتارلىق مۈلۈك ھوقۇقلىرىغا دائىر قانۇن - نىزاملارنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئېنىق بېكىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقى فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئادىللىق پىرىنسىپ قىلىنغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىسى، پۇقراۋى كارخانا، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىغا چېتىشلىق مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىدا ئەرز قىلىش، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا سوت قىلىش قاتارلىق قوغداش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىغا چېتىشلىق ناھەق، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە پەرقلەندۈرۈش - تۈزىتىشنى نورماللاشتۇرۇش ۋە مېخانىزملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتكە چېتىشلىق مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى ئىنكاس قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم. سانلىق مەلۇمات، بىلىم، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر تۈزۈم ۋە قانۇن - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

2 - پاراگراف ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا يېرىنى ئېلىش، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، تۇرالغۇ يېرى تۈزۈمى ئىسلاھاتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەر پىلانلاش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە يەر ئىشلىتىشتە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى، تېرىلغۇ يەر تولۇقلاش كۆرسەتكۈچىنىڭ رايون ھالقىغان سودا مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. ئوخشاش بولمىغان كەسىپ يەرلىرىنىڭ تىپىنى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئارىلاش كەسىپ يېرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن قېلىپلىق ئادەم كۈچى بايلىقى بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ شەھەر - يېزا، رايونلار ۋە ھەرخىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلار ئارا يۆتكىلىش توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇشتىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى ئازايتىش كېرەك. تېخنىكا ۋە سانلىق مەلۇمات ئامىلى بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ئامىل بازىرىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سودا قائىدىسى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىسىنى تەرتىپكە سېلىش، ھەمبەھرىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

3 - پاراگراف رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىش

رىقابەتكە ئىلھام بېرىش، مونوپولغا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رىقابەت سىياسىتى رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتىن بۇرۇن، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى بارلىق ھالقىلارنى قاپلىغان رىقابەت سىياسىتىنى يولغا قويۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش لازىم. كۆپەيمە مىقدارنى تەكشۈرۈش بىلەن ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش تەپسىلىي قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقان قائىدە ۋە ئۇسۇللارنى داۋاملىق ئېنىقلاپ بىكار قىلىش كېرەك. بازار رىقابەت ئەھۋالىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. مونوپوللۇققا قارشى ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنى توسۇش كېرەك. ئېنېرگىيە، تۆمۈريول، تېلېگراف، ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرنىڭ رىقابەتلىك ھالقىلىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىقابەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىجازىتىنى بوشىتىپ، بازار رىقابىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ كىرگۈزۈپ، تەبىئىي مونوپول كەسىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.

4 - پاراگراف ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ئىناۋەتكە دائىر قانۇن - نىزام ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇرى مۇندەرىجىسى ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش تەدبىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىناۋەت ۋەدىسى تۈزۈمىنى كېڭەيتىش لازىم. ئىناۋەت ئۇچۇرىنى توپلاش، ھەمبەھرىلەش، ئاشكارىلاش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىدىغان ئىناۋەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش لازىم. ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى ھەمبەھرىلەش - تەرتىپكە سېلىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە كارخانا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئاپپاراتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. ئىناۋەت ئۇچۇرى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت سۇبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

21 - باب زامانىۋى مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئورنىتىش

مالىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق ۋە مۇھىم تۈۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

1 - پاراگراف زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش

خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خامچوت تۈزۈشكە ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىمىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خامچوت بويىچە چەكلەش ۋە نەتىجە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يىل ھالقىغان خامچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش لازىم. ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، مالىيە كۈچى ماس، رايونلار ئارا تەڭپۇڭ بولغان مەركەز - يەرلىك مالىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەركەزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، رايون ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق ئىش ھوقۇقىنى ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۆتكىمە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. ھوقۇق - جاۋابكارلىق پەيدا بولۇش تۈزۈمى، ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت قەرز ئېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

2 - پاراگراف زامانىۋى باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

باج تۈزۈمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، بىۋاسىتە باج سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە باج سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك. شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئېلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش لازىم. ياسىمىچىلىقنى قوللاش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى مۇستەھكەملەشنى نىشانلاپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك. ئىستېمال بېجىنىڭ ئېلىش دائىرىسى ۋە باج نىسبىتىنى تەڭشەپ ياخشىلاپ، ئېلىش ھالقىسىنى كەينىگە سۈرۈش ھەمدە پۇختا قەدەم بىلەن يەرلىككە ئايرىپ بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. باجدا ئېتىبار بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆي - زېمىن بېجى قانۇنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ باج باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قەدەممۇقەدەم زورايتىش لازىم. باج ئېلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىل باج ئىشلىرى بەرپا قىلىپ، باج ئېلىش - باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

3 - پاراگراف پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

يۈكسەك ماسلىشىشچانلىق، رىقابەت كۈچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بەرپا قىلىش لازىم. زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، پۇل تەمىناتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رەقەملىك پۇلنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇپ شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى ئۆتمە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەركىزىي بانكىنىڭ سىياسەتلىك ئۆسۈم نىسبىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازاردا ئېلان قىلىنغان قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ مىزانلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، دۆلەت سودا بانكىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلار ۋە يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بانكىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى كۈچەيتىش لازىم. سىياسەتلىك پۇل مۇئامىلىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلانىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇغۇرتا شىركىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىركەت ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پايچىكلارنىڭ پاي ھوقۇقى سودىسى ۋە باغلىنىشلىق سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بولۇپمۇ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. پاي چېكى تارقىتىشنى تىزىملىتىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دائىملاشقان بازاردىن چېكىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى ئۈچىنچى بازار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. بازارلاشقان زايوم تارقىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زايوم بازىرىنىڭ كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، زايوم مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك دۆلەت زايومى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇل ئەسلىھە زايومى تارقىتىش لازىم. مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش تۈزۈمى ۋە ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسىدا تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى تولۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە قانۇنچىللىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. پۇل مۇئامىلە پەن - تېخنىكىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پەن - تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۇقسان تۈزىتىش ۋە توختىتىپ تۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئورنىتىش كېرەك.

22 - باب ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى، مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپ، سېلىنما، ئىستېمال، مۇھىت ئاسراش، رايون قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەر زىچ ماسلاشتۇرۇلغان، نىشانى ياخشى، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئاممىۋى خامچوت، تېررىتورىيەلىك تەرەققىيات، بايلىق تەقسىماتى قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ ماكرولۇق يېتەكلەش ۋە بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ماكرو سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، باھا، خەلقئارا كىرىم - چىقىم قاتارلىقلارنىڭ تەڭشەش - تىزگىنلەش نىشانىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، دائىرىلىك تەڭشەش - تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش - تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش لازىم. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋرىيلىك ھالقىغان سىياسەتلەرنى ياخشى لايىھەلەپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەڭپۇڭ، قۇرۇلمىسى ياخشى، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئىدارە قىلىشقا ياردەمچى بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستاتىستىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماكرو ئىگىلىك سىياسەتلىرىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە زور خەۋپ - خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش - سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت تۈزۈشكە قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىشىش، دېموكراتىيەلىشىش، قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىش

مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش لازىم. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تىزىملىك سىرتىدىكى تاشقى يوشۇرۇن ئىجازەت توسۇقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مۇلازىمەتچىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ئىجازەت چەكلىمىسىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش كېرەك. مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى ئىخچاملاپ، ساپا - سالاھىيەت ئىجازەتلىرىنى ئازايتىپ ھەمدە بىرىكتۈرۈپ، زۆرۈرىيەتسىز ئەنگە ئېلىش، تىزىملاش، يىللىق تەكشۈرۈش، بېكىتىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىغا چېتىشلىق تەكشۈرۈشلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. «كىنىشكا بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىۋېتىش»، «كىنىشكا ئالغاندىن كېيىن ئىجازەتنامىنى ئازايتىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش تۈرى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىغا چېتىشلىق تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم. قولاي، ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بولغان بازار سۇبيېكتلىرىنى چېكىندۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئادەتتىكى بىكار قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانا ۋەيران بولۇش ۋە تەبىئىي ئىگە ۋەيران بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەستىقلاش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا سودا «يەككە كۆزنەك» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. تىجارەت مۇھىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

3 - پاراگراف نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

«ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» ئاساسىي ۋاسىتە، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تولۇقلىما، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تور ئىچى - سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، يېمەكلىك، دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە، تور سودىسى، ساياھەت، ئېلان، ۋاسىتىچىلىك، مۈلۈك ئىشلىرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئامىل بازىرى سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىگە قارىتا سىغدۇرۇشچان ۋە ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساھە، تارماق ھالقىپ ھەمتۈرتكىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش، ماسلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئاممىۋى نازارەتچىلىك ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

7 - قىسىم يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەر ئارقىلىق يېزىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش لازىم.

23 - باب يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش

يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈپەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

1 - پاراگراف يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر، گۆش، سۈت قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆلىمىنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا» ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشنى چەكلەپ، «ئاشلىقتىن باشقا» زىرائەت تېرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىلغۇ يەر ئىگىلەش - تولۇقلاش تەڭپۇڭلۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى يەرنى ئىگىلىۋېلىپ ناچار يەر تولۇقلاپ بېرىش، سۇلۇق ئېتىزنى ئىگىلىۋېلىپ بىنەم يەر تولۇقلاپ بېرىشنى مەنئى قىلىش لازىم. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 1 مىليارد 75 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك تۇتاش ئېتىز بەرپا قىلىش لازىم. قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراقنى قوغداش ۋە مۇنبەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئىنچىكە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېجەشلىك سۇغىرىش تايانچ قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىش، سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق، ئاقىل، مۇرەككەپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، زىرائەت تېرىش - يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتىنى %75كە يەتكۈزۈش كېرەك. ئۇرۇق بايلىقىنى قوغداش - ئىشلىتىش ۋە ئۇرۇق ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق مەنبەسى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يېزا ئىگىلىك سورت - نەسىل تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىيولوگىيەلىك سورت - نەسىللەرنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئۇرۇقچىلىق باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش لازىم. ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە زىرائەت كېسەللىك - ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ھاۋا رايى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

2 - پاراگراف يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسىپ بەلبېغى ۋە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاشلىق، ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە يەم - خەشەكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېكولوگىيەلىك ساغلام باقمىچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، باغۋەنچىلىكنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى تىپ ئۆزگەرتىپ يېشىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ماكانىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكى ۋە بىنەم يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سۇلياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىشنى تۈزەپ، سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شاخ - شۇمبىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە چارۋا - قۇش قىغ - ماياقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يېشىل يېزا ئىگىلىكى ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە جۇغراپىيەۋى بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى باغچا رايونى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈلگە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش لازىم.

3 - پاراگراف يېزا - كەنت ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش

ناھىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، خەلقنى بېيىتىدىغان زامانىۋى يېزا - كەنت ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاشنىڭ بىرلىشىشى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى، پۇقراۋى قونالغۇ ئىگىلىكى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زورايتىش لازىم. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، سودا ئوبوروتى، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش - ئېتىراپ قىلىش سۇپىلىرى ۋە ئۆلچەملىك ئاقىل زاۋۇت بىناسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى يېزىلاردىكى 2 -، 3 - كەسىپنى نىشانلاپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش لازىم. مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بايلىقنى مۈلۈككە، مەبلەغنى پايغا، دېھقاننى پايچىكقا ئايلاندۇرۇش» ئارقىلىق، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

24 - باب يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش

يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەنت قىياپىتى ۋە ياشاش مۇھىتىنى ئىزچىل ياخشىلاپ، ياشاشقا باب گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش - يېتەكلەشنى كۈچەيتىش

ناھىيە تەۋەسىدىكى بازار ۋە كەنتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، مەھەللە قۇرۇلۇشى، ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىقلارنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش لازىم. ناھىيە تەۋەسىدىكى كەنتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كەنت قۇرۇلۇشىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي يەرنى ئۇنىۋېرسال تەرتىپكە سېلىشنى قېلىپلىق قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەھەللە، مىللىي كەنت - قورۇلارنى ۋە يېزا - كەنت قىياپىتىنى قوغداپ، كەنت - مەھەللىلەرنى ئۆز مەيلىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ياكى قوشۇۋېتىپ چوڭ مەھەللە قۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا كەڭ كۆلەمدە چېقىش - قۇرۇش قىلمىشلىرىنى قەتئىي مەنئى قىلىش لازىم. يېزا - كەنت تۇرمۇش بوشلۇقىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى ۋە يېزا - كەنت ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى قەتئىي قوغداپ، باقمىچىلىقتىكى بېقىشقا باب رايون، بېقىشقا چەك قويۇلىدىغان رايون، بېقىش چەكلىنىدىغان رايونلارنى ئىلمىي ئايرىش لازىم. شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانى تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

2 - پاراگراف يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ناھىيەنى ئاساسىي بىرلىك قىلغان ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە يېزا - بازارلارنىڭ دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش قۇرۇش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش - ئاسراش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا - كەنتلەر ۋە چوڭراق مەركىزىي بازارلارغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول، گاز، پوچتا ئالاقىسى، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. شەھەر - يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت قاتارلىق مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، دوختۇرلارنىڭ ئىش ئورنىنى ناھىيە بويىچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يېزا پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش لازىم.

3 - پاراگراف يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش

يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش - يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئەتراپىنى ئەخلەت قاپلاپ كېتىش ۋە يېزا - كەنتلەردە قارا سېسىق سۇ يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. يېزا تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئۆز جايىدا تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا تۇرمۇش يۇندىسىنى يېزا - بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ۋە مەركىزىي كەنتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا قەدەممۇقەدەم تۈزەش لازىم. جايلارنىڭ يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاش لازىم. يېزا سۇ سىستېمىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەنتلەرنى تازىلاش ۋە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاممىۋى بوشلۇقى، ھويلا - ئاران ۋە كەنت ئەتراپىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

25 - باب شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

شەھەر - يېزا ئامىللىرى باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئامىللارنىڭ يېزا - كەنتلەرگە كۆپرەك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

1 - پاراگراف يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ھۆددە يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆي بىلەن يەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ھالدا ئۆيلۈك يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ گۇۋاھنامە بېرىشنى تېزلىتىپ، ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئىختىيار قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، ھەقلىق قايتۇرۇۋالغان بىكار ئۆيلۈك يەر ۋە تاشلاندۇق كوللېكتىپ پاراۋانلىق قۇرۇلۇش يېرىنى قانۇن بويىچە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىپ بازارغا سېلىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. يەر ئېلىشتا ئاممىۋى مەنپەئەت يېرىنى بېكىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەر ئېلىش دائىرىسىنى تارايتىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەتلىك مۈلۈكنى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغىچە مىقدارلاشتۇرۇپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىش لازىم. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. دۆلەت شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتى سىناق رايونى، يېزا ئىسلاھاتى سىناق رايونلىرىنىڭ ئۈلگىلىك - يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

2 - پاراگراف يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش

يېزا ئىگىلىكى، يېزا سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ يۆتكىمە چىقىمى، يەرنى ھەقلىق بېرىش كىرىمى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش - قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تەمىنات - سودا كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا يەر ئىشلىتىش كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت كەسىپلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇۋاپىق يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا مۈلكى رەنە كېپىللىكىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. يېزىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان - ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئەسلىي يۇرتىدا ياكى ئىشقا ئورۇنلاشقان - ئىگىلىك تىكلىگەن جايدا نوپۇسقا ئالدۇرۇپ ماكانلىشىشى ۋە ئالاقىدار ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىلىنىشىگە يول قويۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېزىلاردا قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ قوشۇمچە كىرىم قىلىش ۋە ئىشتىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم.

26 - باب نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش

يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ۋە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسلىق يۆلەش سىياسىتى ۋە مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش

«قالپىقى ئېلىپ تاشلانسىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق، قالپىقى ئېلىپ تاشلانسىمۇ سىياسەتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق، قالپىقى ئېلىپ تاشلانسىمۇ ياردەمنى ئېلىپ تاشلىماسلىق، قالپىقى ئېلىپ تاشلانسىمۇ نازارەتچىلىكنى ئېلىپ تاشلىماسلىق» تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جانلىق كۆزىتىش ۋە دەل جايىدا يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئاھالىنى دائىملىق كۆزىتىپ، تېز بايقاش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتلام ۋە تۈر بويىچە ۋاقتىدا يۆلەش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم. يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە دائىملىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردا شەھەر - يېزا قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئازىيىشىنى چېتىشنىڭ قالدۇق كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە دائىرىسىدە ئېلىپ - سېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، ئۆلكە ھالقىغان سودا سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغى ۋە مۈلكىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەنلەرنى داۋاملىق يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلار كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ رايونلارنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك .

2 - پاراگراف نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. غەربىي رايوندىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەر ئىچىدىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق يۆلىنىدىغان بىر تۈركۈم ناھىيەلەرگە مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يەر، ئىختىساسلىقلار، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە مەركەزلىك يار - يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ئارا ھەمكارلىشىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش، مەركەزدىكى ئورۇنلار نۇقتا بەلگىلەپ يۆلەش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يۆلەشكە قاتناشتۇرۇش قاتارلىق مېخانىزملارنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىپ - قوشماقلىشىپ يۆلەش مۇناسىۋىتى ۋە يۆلەش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە ئەمگەك - مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

8 - قىسىم يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر توپى، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىگە تايىنىپ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك بازارلارنىڭ ماس، ھەمتۈرتكىلىك، ئۆزگىچە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك شەھەر تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلىش لازىم.

27 - باب يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش

ساقلانما مىقدارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، كۆپەيمە مىقدارغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە شەھەر - بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ دائىملىق نوپۇسنى تولۇق قاپلىشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ يانداش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

1 - پاراگراف نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

دەرىجىدىن تاشقىرى ئايرىم چوڭ شەھەرلەردىن باشقا شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايىدا تىزىملاپ نوپۇسقا ئېلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش لازىم. دائىملىق نوپۇسى 3 مىليونغا يەتمەيدىغان شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقا يەرلىك ۋە شۇ يەرلىك يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر نوپۇسىغا ئېلىش ئۆلچىمى جەھەتتە باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە بولغان I تۈردىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى ئومۇميۈزلۈك بوشىتىش كېرەك. شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەردە نومۇر جۇغلانمىسى بويىچە نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نومۇر تۈرلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتى نومۇرىنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يىللىق نوپۇسقا ئېلىش سان چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاسىتە قىلىنغان، ئولتۇراقلىشىش ۋاقتى قاتارلىق شەرتلەرگە باغلانغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى ۋە ئىش بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارنىڭ شەھەر - بازار مەجبۇرىيەت مائارىپى، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن ئەمەلىي بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

مالىيە يۆتكىمە چىقىمىنى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىغا چېتىشقا دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باراۋەر يۆتكىمە چىقىم تەقسىماتىدا دائىملىق نوپۇسقا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش مۇكاپات مەبلىغىنى ئاساسلىقى ئۆلكە ھالقىپ نوپۇسقا ئېلىش سانىغا ئاساسەن تەقسىملەش كېرەك. مالىيەلىك قۇرۇلۇش مەبلىغىدىن كۆپرەك نوپۇسقا ئالغان شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەركەز خامچوت مەبلىغى ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. شەھەر - بازار قۇرۇلۇش يېرى يىللىق كۆرسەتكۈچىنى تەقسىملەش ئاساسىنى تەڭشەپ، ئۇنى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى نوپۇسقا ئېلىش سانى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەمىنات كۆلىمىگە چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشىگە ئاساسەن، نوپۇس بارغان - كەتكەن رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى، دوختۇر قاتارلىقلارنىڭ ئىشتات سانى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنىڭ جايلىشىشىنى ئەمەلىي تەڭشەش كېرەك. شەھەر نوپۇسىغا ئۆتكەن دېھقانلارنىڭ يېزىدىكى يەر ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ پايدا تەقسىماتىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقى»نى بازارلاشتۇرۇپ چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ۋە يانداش سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك .

28 - باب شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بوشلۇقىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

شەھەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە قۇرۇلۇش مۇھىم نۇقتىسىنى تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەپ، زىچلىقى مۇۋاپىق بولغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان، ئىقتىدارى مۇكەممەل شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بوشلۇق ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف شەھەر توپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

شەھەر توپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، «ئىككى توغرا، ئۈچ تىك لىنىيەلىك» شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى قاتارلىق جايلاردىكى شەھەر توپلىرىنى ياخشىلاپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى، گۇاڭدۇڭ - فۇجيەن - جېجياڭ دېڭىز بويى رايونلىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكى، بېيبۇۋەن قولتۇقى قاتارلىق جايلاردىكى شەھەر توپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، خاربىن - چاڭچۈن، ئوتتۇرا - جەنۇبىي لياۋنىڭ، ئوتتۇرا سەنشى، ئوتتۇرا گۇيجوۋ، ئوتتۇرا يۈننەن، كۆكخوت - باۋتوۋ - ئېردوس - يۈلىن، لەنجوۋ - شىنىڭ، نىڭشيانىڭ خۇاڭخې بويى رايونلىرى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلاردا شەھەر توپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شەھەر توپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمى ۋە تەننەرخنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەنى ماس جايلاشتۇرۇش، كەسىپ ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئېكولوگىيەنى ئورتاق قۇرۇپ مۇھىتنى ئورتاق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شەھەر توپىنىڭ ئىچكى بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە ۋە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، كۆپ مەركەز، كۆپ قاتلام، كۆپ تۈگۈنلۈك تورلاشقان شەھەر توپى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف زامانىۋى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى بەرپا قىلىش

تەسىر كۆرسىتىش - يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك مەركىزىي شەھەرلەرگە تايىنىپ، بىر سائەتلىك ئاممىۋى قاتناش چەمبىرىكىنىڭ ماس تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم زامانىۋى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول ۋە شەھەر رايونى (ئەتراپى) تۆمۈريولى قاتارلىق رېلىسلىق قاتناشنى تايانچ قىلىپ، تۈرلۈك «ئۈزۈك يول»، «بوغما يول»لارنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەر ئىچى - سىرتى قاتنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا ۋە رېلىسلىق قاتناشتا «تۆت تورنى تۇتاشتۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇلىنىش - راۋانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە نوپۇسقا ئېلىش جۇغلانما نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى، مائارىپ ۋە داۋالاش بايلىقىدىن ھەمبەھرىلىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زايومىنى ئورتاق نەقلەشتۈرۈش - ئىشلىتىش، سانائەت باغچە رايونى ۋە پەن تەتقىقات سۇپىسىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. شارائىتى يار بېرىدىغان مەركىزىي شەھەر چەمبىرەكلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىلانلاش كومىتېتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، يىرىك پىلاننى بىرتۇتاش تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يەر، نوپۇس قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

3 - پاراگراف پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەر، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش

ئىقتىساد، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە، بىخەتەرلىك قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ نەزەرگە ئېلىپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەر، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى ئېچىش - قۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەر، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق، رايونلۇق ئەشيا ئوبوروتى بازىسى، كەسپىي بازار قاتارلىق فۇنكسىيە ۋە ئەسلىھەلىرىنى شۇنىڭدەك زىيادە مەركەزلىشىپ قالغان داۋالاش ۋە ئالىي مائارىپ قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقلىرىنى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇپ، ئېچىش سىجىللىقى ۋە نوپۇس زىچلىقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك. دۇنياۋى بايلىق سەپلىمىسى، پەن - تېخنىكا ئىجادىيەت بۆشۈكى، سەرخىل كەسىپلەرنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ئاساسىي گەۋدە، ئىلغار ياسىمىچىلىق تىرەك قىلىنغان كەسىپ قۇرۇلمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ يېڭى شەھەرلىك ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ مەركەزلىك، تەشكىللىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

4 - پاراگراف چوڭ - ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ياشاش ۋە ئىشلەشكە باب ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

ئۇنىۋېرسال تەننەرخ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەر، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ يۆتكەلگەن كەسىپلىرى ۋە تارقاقلاشتۇرۇلغان فۇنكسىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش لازىم. ئۆزگىچە بايلىق ۋە كەسىپ ئاساسىنى مەۋقە قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئورنىنى پەرقلىق بېكىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ كۆلەملىشىپ، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ۋە رايونلۇق كەسپىي مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قۇرۇش كېرەك. شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، 3 - دەرىجىلىك دوختۇرخانا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرگە جايلىشىشىنى قوللاپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە بايلىقى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى مودا ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ، شەھەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

5 - پاراگراف ناھىيە بازىرى مۇھىم ۋاسىتە قىلىنغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

ناھىيە بازىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت، مۇھىت تازىلىقى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئىشلىرى، كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئائىت ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەرقىي قىسىمدىكى ئاساسى ياخشىراق ناھىيە بازارلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئوتتۇرا - غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمالنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش رايونلىرىدىكى ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايونلار، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىغا مۇۋاپىق مەدەت بېرىش لازىم. ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مالىيەلىك مەبلەغنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنى سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ناھىيە ۋە بازار رايونلىرىدىكى دائىملىق نوپۇسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان شەرتكە ئۇيغۇن پەۋقۇلئاددە چوڭ بازارلاردا شەھەر تەسىس قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. رايون شارائىتى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئاساسىغا ئاساسەن، كىچىك بازارلارنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە كىچىك بازارلارنىڭ قېلىپلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

29 - باب شەھەر سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش

شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شەھەرلەرنى پىلانلاش - قۇرۇش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر بوشلۇقىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

1 - پاراگراف شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش

شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى ۋە بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى بايلىق - مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەنى ساقلاش، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. فۇنكسىيەلەر بىرىكتۈرۈلگەن، ئىستېرېئولۇق تەرەققىي قىلىدىغان، ئاممىۋى قاتناش يېتەكچى قىلىنغان تۈجۈپىلىك ئىخچام تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، يەر يۈزى ۋە يەر ئاستى بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆكەرتىش تۈگۈنى ۋە ئاممىۋى ئوچۇق بوشلۇقنى كۆپەيتىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلىرىدا مەھەللە تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر لايىھەسى ۋە قىياپىتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئەپلىك، تېجەشلىك، يېشىل، كۆركەم بولغان يېڭى دەۋر بىناكارلىق فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن ئېگىز ئىمارەت سېلىشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر يېڭىلاشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا مەھەللە، كونا زاۋۇت رايونى، كونا كوچا ۋە شەھەردىكى كەنت قاتارلىق قالدۇق تەۋەلىك رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئۆستۈرۈپ، كونا بىنالارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توختالغۇ، توكلىغۇلارنى پائال قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش لازىم.

2 - پاراگراف يېڭىچە شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياشاشقا باب، ئىجادىي، ئاقىل، يېشىل، ئىنسانىي، چىدامچان شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەرلەرنى ئاقىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەردىكى ئىمارەت، ئاممىۋى بوشلۇق، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قاتارلىقلارنى «بىر ئىسخېما» ئارقىلىق رەقەملىك باشقۇرۇش ۋە شەھەر ھەرىكىتىنى بىر توردا باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم. شەھەرلەردىكى ھالقىسىمان يېشىل بەلباغ، يېشىل كارىدور، شىناسىمان چىملىق، يېشىل يوللارنى ئىلمىي لايىھەلەپ جايلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە فۇنكسىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، ۋېلىسىپىت يولى، پىيادىلەر يولى قاتارلىق ئاستا يۈرۈش تورلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاقىل قۇرۇلمىلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، قۇراشتۇرما ئىمارەت ۋە پولات قۇرۇلمىلىق تۇرالغۇلارنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر ئەنئەنىسىنى قوغداپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك چېقىش - كۆچۈرۈشنى توسۇپ، شەھەر خاتىرىسى ساقلىنىدىغان، ئاھالە يۇرتىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان قىلىش لازىم. شەھەرلەردە بۇلغىما چىقىرىشنى مەنبەسىدىن ئازايتىدىغان، يىغىش بىلەن چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن، زەي چىقىرىۋېتىپ خەتەرنى تۈگىتىدىغان، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە جىددىي تاقابىل تۇرىدىغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - زەي چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر ھۆلچىلىك ئاپىتىنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بوران - چاپقۇن، قۇرغاقچىلىق ۋە گىئو ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە ئىمارەتلەرنىڭ جىددىي پاناھلاندۇرۇش فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. شەھەر قۇرۇلۇشى مەبلىغىنىڭ مەنبە - يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قەرەلى ماسلاشقان، يوللىرى كۆپ مەنبەلەشكەن، مالىيەسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش لازىم.

3 - پاراگراف شەھەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش، مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئىنچىكىلىشىش، ئاقىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. «مەھەللە باشقارمىسى - يېزىلار چاقىرىق قىلىش، تارماقلار ئاۋاز قوشۇش، قوبۇللانغان ئەرزنى دەرھال بېجىرىش» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش مېخانىزمى تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بايلىق، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى كوچا، مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىپ، زامانىۋى مەھەللە قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەر باشقۇرۇش ئۇسۇلى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى رەقەم تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۈنۈملۈك قاندۇرۇش لازىم. خوجىلىق مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى، سۈپىتى ۋە ئۆلچەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

4 - پاراگراف تۇرالغۇ بازىرى سىستېمىسى ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يول ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ۋەزىپىسى بىلەن تۇرالغۇسى باراۋەر بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ۋە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. تۇرالغۇ بىلەن يەرنى ھەمتۈرتكە قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆي - زېمىن پۇل مۇئامىلىسىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ بېجىنىڭ تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق ئۆزى ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قوللاپ، سېلىنمىلىق پۇرسەتپەرەس ئېھتىياجنى توسۇش كېرەك. ئۆي ئىجارە بازىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ساقلانما تۇرالغۇ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، شەھەر ئىجارىلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى زور كۈچ بىلەن تەرتىپلىك ئاشۇرۇپ، ئۇزاق ئىجارىلىك تۇرالغۇ سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجارە ئالغان تۇرالغۇ بىلەن سېتىۋالغان تۇرالغۇنى ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشتا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە قىلىشنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجارىلىك تۇرالغۇغا ئائىت قانۇن - نىزام قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىجارە بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئىجارە بەرگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، تۇرالغۇ كاپالىتىگە ئائىت ئۇللۇق تۈزۈم ۋە قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. كىرگەن نوپۇس كۆپ، ئۆي باھاسى يۇقىرى شەھەرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىجارە ئۆي يېرى پىلانىنى ئايرىم تۈزۈپ، كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ۋە كارخانا - كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىكار تۇرغان يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئۆي سېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۇرالغۇدىن باشقا ئۆيلەرنى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيگە ئۆزگەرتىشنى قوللاش لازىم. يەرنى ھەقلىق بېرىش كىرىمىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي كاپالەت بىلەن غەيرىي ئاساسىي كاپالەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەت ئوبيېكتى، ئىجازەت شەرتى، چېكىنىشنى باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاپشۇرۇش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

9 - قىسىم رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

رايونلۇق زور ئىستراتېگىيە، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى جايلىشىشى ۋە زېمىن بوشلۇقى تىرەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

30 - باب دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ۋە قوغداش ئەندىزىسىنى ياخشىلاش

بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىپ، جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە ئۈنۈملۈك جۇغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي فۇنكسىيەسى روشەن بولغان، ئەۋزەللىكلەردە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ۋە قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش

بوشلۇق قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئاممىۋى بايلىقنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، شەھەرلەشكەن رايونلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تۈر بويىچە ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى ۋە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، شەھەرلەشكەن رايون، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايون، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بوشلۇق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنى ئايرىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورنى بويىچە سىياسەت بۆلەكلىرىنى ئايرىپ، نۇقتىلىق ئېچىلىدىغان رايونلار، ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلار، ئېنېرگىيە بايلىقى مول رايونلار قاتارلىقلارغا پەرقلىق سىياسەت چىقىرىپ، تۈرلەر بويىچە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. بوشلۇق تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

2 - پاراگراف يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى كۆپەيتىش

مەركىزىي شەھەر ۋە شەھەر توپى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەل رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىساد ۋە نوپۇسنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكى ئىقتىدارى ۋە دۇنياۋى بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى قوشۇننى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئوتتۇرا - غەربىي قىسىمدىكى شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلاردا، مەركىزىي شەھەرلەرنى يېتەكچى قىلغان ھالدا، شەھەر توپى فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇھىم رايونى شەكىللەندۈرۈش لازىم. بايلىق يۆتكىلىش توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى ياخشىلاپ، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە بايلىقنى ياخشى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايون تەرەققىياتىدىكى تەسىر كۆرسىتىش - يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىش لازىم.

3 - پاراگراف مۇھىم فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايون، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، ئېنېرگىيە بايلىقى مول رايون ۋە چېگرا رايون قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان رايونلارنى تىرەك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە چېگرا رايون بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبە رايونلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەشنى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشىنى قوللاپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىدىكى ئاھالىنى شەھەرلەشكەن رايونلارغا تەدرىجىي تەرتىپلىك كۆچۈرۈش ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ نوپۇسقا ئېلىشقا مەدەتكار بولۇش لازىم. ئېنېرگىيە ئېچىشنىڭ جايلىشىشى ۋە تىرانسپورت ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نوپۇس ۋە ئىقتىساد تىرىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئاممىۋى بايلىق تەقسىماتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايون، چېگرا رايون قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك يۆتكىمە چىقىم بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

31 - باب رايونلۇق زور ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر يولغا قويۇش

ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتىش ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، رايونلۇق زور ئىستراتېگىيەلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى، بىرلىشىشى ۋە ئۆزئارا تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

1 - پاراگراف بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش

بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، فۇنكسىيە تارقاقلاشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك تارقاقلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش لازىم. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، قوزغىتىش رايونى ۋە باشلىنىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەمۇرىيەت قوشۇمچە مەركىزىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ سەنخې، شياڭخې، داچاڭ قاتارلىق ئۈچ ناھىيەسى (شەھىرى) بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جاڭجياكوۋنىڭ پايتەخت سۇ مەنبەسىنى ساقلاش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تىرەك رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش لازىم. بېيجىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ئۇل تەتقىقات ۋە ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جوڭگۈەنسۈن دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنىڭ ئالدىن يولغا قويۇش - سىناش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ كەسىپ زەنجىرى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ تۆمۈريوللىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئايرودۇرۇم توپى، پورت توپلىرىنىڭ ماسلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى بويىچە بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە بىرلىشىپ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىمالىي جۇڭگودا يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش سەۋەبىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

2 - پاراگراف چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە ئورتاق قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگو ئۈلگىسى يارىتىش كېرەك. گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى بۆلەك بويىچە ئىنچىكە رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - بازار پاسكىنا سۇ - ئەخلەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش، سانائەتتىن بۇلغىنىشنى تۈزەش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەش، كېمە - پاراخوتتىن بۇلغىنىشنى تۈزەش، قالدۇق رۇدا ئامبىرىدىن بۇلغىنىشنى تۈزەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چىشۈي دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىش لازىم. چاڭجياڭ دەرياسى مۇھىم قاتناش يولىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەپ، سەنشيا تۈگۈنىنىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى يېنىكلىتىپ، دەريا بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ۋە يۈك تىرانسپورت تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش لازىم. كەسىپلەرنىڭ ماس، ھەمتۈرتكە، بىر پۈتۈن بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش لازىم.

3 - پاراگراف گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئىلگىرى سۈرۈش

گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات جەھەتتىكى ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، گۇاڭجوۋ - شېنجېن - شياڭگاڭ، گۇاڭجوۋ - جۇخەي - ئاۋمېن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورلىرى ۋە شېنجېن - شياڭگاڭ - خېتاۋ، گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن - خېڭچىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇتۇپلىرىدىن ئىبارەت «ئىككى كارىدور، ئىككى قۇتۇپ»لۇق رامكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىلىم - پەن مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىش لازىم. شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت ۋە ئايرودۇرۇملارنىڭ فۇنكسىيەلىك جايلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ تىرانسىپورتى ۋە ئاۋىياتسىيە بايلىقىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش كېرەك. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم، يۈك، ئاپتوموبىللارنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ - ئاۋمېننىڭ كەسپىي سالاھىيەتنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قائىدە - مېخانىزملارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شياڭگاڭ - ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ چوڭ قولتۇق رايونىدىكى شەھەرلەردە ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن ياش - ئۆسمۈرلەر ئالاقىسى داڭلىق ماركىسى يارىتىش لازىم.

4 - پاراگراف چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

خەلقئارا ئىلغار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ سىستېمىسىنى نىشانلاپ، چاڭجياڭ دېلتىسى G60 پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى ۋە شاڭخەي - نەنجىڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ دۇنياۋى بايلىق تەقسىماتى ئىقتىدارى ۋە پۈتۈن مەملىكەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش - يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئۇل ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىلەن تولۇق قاپلاپ، پورت توپلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

خۇڭچياۋ خەلقئارا ئېچىۋېتىش تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى رايونچىسىنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادنى توپلاش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئاممىۋى مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇش ۋە ھەمبەھرىلەشنى تېزلىتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بايلىقىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش لازىم. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق ئاسراش ۋە ئورتاق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى ئېكولوگىيەلىك، يېشىل، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئۈلگە رايونىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

5 - پاراگراف خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش

يۇقىرى ئېقىندىكى نۇقتىلىق ئېكولوگىيە سىستېمىلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈچ دەريا مەنبەسىدىكى «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى پۇختىلاپ، گەننەن، زورگىي قاتارلىق رايونلارنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئوتتۇرا ئېقىندىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى تۈزەش ئەندىزىسىنى يېڭىلاپ، كىچىك ۋادىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى، بىنەم پەلەمپەي ئېتىز ۋە قايما توسمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆۋەن ئېقىندىكى 2 - دەرىجىلىك ئېگىز دەريالارنى تۈزەش ۋە ساھىل رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دېلتىسىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. فېنخې - ۋېيخې تۈزلەڭلىكى، خېتاۋ سۇغىرىش رايونى قاتارلىق جايلاردا يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى قىرغاق لىنىيەسىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىغا جايلاشقان شەھەر - بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە يانداش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇنى ئىچكىرىلەپ تېجەش - تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. كۆمۈر ئېچىش سىجىللىقىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. مەركىزىي شەھەر ۋە شەھەر توپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ناھىيە بازىرى ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا تەسىرگە ئىگە خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيەت ساياھىتى بەلبېغى بەرپا قىلىش لازىم. خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش باشلامچى رايونى قۇرۇش كېرەك.

32 - باب رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش

غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايونلارنى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايونلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە مەدەتكار بولۇپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى نىسپىي تەڭپۇڭلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش لازىم. بىر تۈركۈم زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىپ، ئوچۇق ئۆتەڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش لازىم. غەربىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇستەھكەملەپ، مائارىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش لازىم. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىدا قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە تەسىرگە ئىگە مۇھىم ئىقتىساد مەركىزى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى يۈكسەكلىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش قولاي رايونى بەرپا قىلىپ، گۈەنجۇڭ تۈزلەڭلىكى شەھەر توپىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، غەربىي شىمال رايونى بىلەن غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شىنجاڭنىڭ دۆلەت «ئۈچ بازا، بىر ئۆتەڭ» قۇرۇشىنى، شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىش مۇھىم ئۆتىڭى بەرپا قىلىشىنى قوللاش لازىم. 400 مىللىمېتىرلىق ھۆل - يېغىن پاسىل سىزىقىنىڭ غەربىدىكى رايونلارنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش

دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، ئاشلىق، ئېكولوگىيە، ئېنېرگىيە، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش لازىم. لياۋنىڭ دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىپ، چاڭچۈن - جىلىن - تۇمىنجياڭ ئېچىش - ئېچىۋېتىش باشلامچى رايونى قۇرۇپ، خاربىننىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش - ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە بايلىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي رايون ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش لازىم. جابدۇقچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوغۇق جايلار قار - مۇز سەيلىسى، ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا تەسىرگە ئىگە قار - مۇز ساياھەت بەلبېغى بەرپا قىلىپ، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە رىقابەت ئۈستۈنلۈكى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان تېخىمۇ جەلپكار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. شەرقىي رايونلار بىلەن نىشانلىق ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

3 - پاراگراف ئوتتۇرا رايونلارنى يۈكسەلدۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

مۇھىم ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھالقىلىق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش يۈكسەكلىكى يارىتىپ، ئېكولوگىيەلىك يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ تېز يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، بېيجىڭ - گۇاڭجوۋ، گەنسۇ - خەيكوۋ، بېيجىڭ - جيۇلۇڭ قاتارلىق لىنىيە بويلىرىدا بىر تۈركۈم ئوتتۇرا - يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى جايلاشتۇرۇش ۋە پائال قوبۇللاش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەر توپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋۇخەن، چاڭجۇتەن مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەملىكەتلىك مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى بەرپا قىلىش لازىم. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق ئاسراش ۋە بىرلىكتە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش لازىم. خۈەيخې دەرياسى، خەنجياڭ دەرياسى ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد بەلبېغى يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ھەمكارلىق - ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۆتىڭى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتىنى بولۇپمۇ ئاممىۋى سەھىيە ئېغىر تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

4 - پاراگراف شەرقىي رايونلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش

يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى توپلاشقان ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىكىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، شەرقىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. دۇنياۋى ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئامىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق قاتنىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتا يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ باشلامچى ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشىنى، پۇدۇڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېتەكچى رايونى بەرپا قىلىشىنى، جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ ئورتاق بېيىش ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللاش لازىم. شەندۇڭنىڭ كونا - يېڭى قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

5 - پاراگراف ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش

كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جياڭشى، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ سابىق مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىسى يارىتىشىنى قوللاپ، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا، دابيېشەن، زويوۋجياڭ، سىچۇەن - شەنشى، يىمېڭ قاتارلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يېشىل، ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئېكولوگىيەسى چېكىنگەن رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىجيې سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش لازىم. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈلگە رايونى ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە مۇستەقىل زاۋۇت - كان رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لازىم. كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ ياسىمىچىلىق رىقابەت ئەۋزەللىكىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدان - رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش لازىم. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش - مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، چېگرا بويىدىكى شەھەر - بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا پورتى قورۇلۇشىنى قوللاپ، چېگرا بويىدىكى كەنت - بازار ۋە ئۆتەڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش لازىم. چېگرا سودىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى دەل جايىدا قوللاش سالمىقىنى زورايتىش لازىم.

6 - پاراگراف رايونلار ماس تەرەققىياتىغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش

رايونلۇق ئىستراتېگىيەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايونلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلار ئارا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق مېخانىزملارنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلار، شەرقىي - ئوتتۇرا - غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلكە پاسىلى رايونلىرىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى يېڭى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاش كېرەك. ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى ئارقىلىق قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى غەربىي رايونلار ۋە جاپالىق چەت - ياقا رايونلارغا يۆتكىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. رايونلار ھەمكارلىقى ۋە مەنپەئەت تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋادىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنلىرى ئارا، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلار بىلەن كۆپ سېتىلىدىغان رايونلار ئارا، بايلىق چىقىرىدىغان جايلار بىلەن بايلىق قوبۇل قىلىدىغان جايلار ئارا كۆپ خىل شەكىلدىكى مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىشنى قوللاپ، باغچە رايون، تاشقى زېمىن ئىقتىسادى قاتارلىق مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك .جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى نىشانلاپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسى ۋە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(داۋامى بار)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.