تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا جۇڭگو شىنجاڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى»

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى شىڭ، مېھرىگۈل ناسىر

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى تىجارەت ئەندىزىسى يۇغۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال سودا گەۋدىسى بولۇپ، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر جەزمەن بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ، مال سېتىۋالىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ، بىر تەرەپتىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىدى، بىر تەرەپتىن سودا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

چوڭ بازاردىكى مەدەنىيەت - ئىجادىيەت بۇيۇملىرى كوچىسىدا، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىجاد قىلىنغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بار، يەنە جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىن كەلتۈرۈلگەن خاس تاۋارلار بار، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت - ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى بار. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە قاتناشقان چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق نۇرغۇن ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار ئىچىدىن ئۆز دۆلەتلىرى ئېكسپورت قىلغان سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئۇچرىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشچان ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىدىن توختىماي ھاياجانلاندى.

«بۇ كىچىككىنە نان ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىكنىڭ مۇكەممەل يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ.» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ چوڭ بازار نان مەدەنىيەت سارىيىغا قىزغىن تەكلىپ قىلىندى، ئۇ بىر تەرەپتىن ناننىڭ تەييارلىنىش جەريانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ، بىر تەرەپتىن تېتىپ كۆردى، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى «نان»نىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن زور كەسىپ زەنجىرى بولدى، بۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت پىششىقلاش، سېتىش ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ساياھەت كەسپى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنىدى.

ۋىلادىمىر نوروۋ مۇنداق قارىدى: ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل يۈكسىلىپتۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم ئىكەن، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپتۇ، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللىنىپتۇ، دىنلار ئىناق، رايىش ئىكەن، ھەر مىللەت خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋېتىپتۇ.

شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك تارىخ ئادىمىيەت مەنزىرە رايونى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قويۇق ئادىمىيەت تارىخى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تارقىتىپ، چەت ئەل ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى جەلپ قىلدى. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، «كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش، ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتا سېلىش» بويىچە قەدىمىي شەھەردە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى پۈتۈنلەي ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، ئاھالىلەر ئۈچۈن سۇ تۇرۇبىسى، ئەۋرەز تۇرۇبىسى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەبىئىي گاز ئورنىتىپ، قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى بىلگەندە، بەس - بەستە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى تەرىپلىدى.

رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى ئىۋان رېروخوۋېتسف ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغان خەنشۇناس ئىدى. ئۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا تولىمۇ مەپتۇن بولدى، ھەربىر دۇكاندىن ئۆتكەندە، كىرىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، سوراپ باقتى. «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا شۇنچە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم».

«خەلقئارادا شىنجاڭدا <مەدەنىيەت جەھەتتە كەمسىتىش> مەۋجۇت دەيدىغان شاۋقۇنلار بار، لېكىن مەن ئۇنداق ئەھۋاللارنى ئازراقمۇ كۆرمىدىم. ئەكسىچە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، زور مەبلەغ سېلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقىنى كۆردۈم. باشقا دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن باھا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى تاجىكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زوخىر ئوزود سەئىدزادە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.