تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىپ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش، ھەمتۈرتكە شەكلىدە سۆھبەتلىشىپ لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئورگان، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، ساھە، سىستېمىلارغا كىرگۈزۈش، يېزا، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپ، دوختۇرخانىلارغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جيا پېڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. لېكسىيە جەريانىدا، جيا پېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى ۋە شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا، سۈن شيۇلىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش، پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسلىق ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى.

3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يىغىن مەركىزىدە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ ياڭشى لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ۋاڭ ياڭشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈردى؛ تارىخىي ۋەقەلەر ۋە قەھرىمان شەخسلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى سىستېمىلىق ئەسلەپ ئۆتۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى. دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى.

3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى دىڭ شوۋچىڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دىڭ شوۋچىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش، يېڭى تارىخىي پەللىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلدى.

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر زېڭ يەنياڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. زېڭ يەنياڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، ھەم سىياسىي يۈكسەكلىك، نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقى بولغان، ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەم تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلىگەن، ھەم دەۋر ئېھتىياجىنى نامايان قىلغان ھالدا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشىگە چوڭقۇر، ئەتراپلىق، ئىنچىكە يېتەكچىلىك قىلدى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، يۈ شى، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ جۈنشيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ شىيىڭ، جاڭ لىياڭ، لى شىنئەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.