تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن شىنجاڭدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆردۈم

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى شىڭ، مېھرىگۈل ناسىر

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئاق مەسچىتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ناماز ئوقۇۋاتاتتى، بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد كېشاۋارزىزادىمۇ ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى. «بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، دەپ قارىدىم».

مۇھەممەد كېشاۋارزىزادى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىدىن تەركىب تاپقان 30 نەچچە كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى. ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەمدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ھېس قىلدى. «چوڭ زالنىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق، گىلەملەر يۇمشاق، پاكىز ئىكەن، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسى سەپلىنىپتۇ، تېخىمۇ كۆڭۈلگە ياقىدىغىنى شۇكى، يەنە ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق ئۈستەل - ئورۇندۇقلار بار ئىكەن.» مۇھەممەد كېشاۋارزىزادى مۇنداق دېدى: يەنە مەسچىتكە يانداشتۇرۇپ ئاشخانا، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا، تەرەت ئېلىش ئۆيى قۇرۇلۇپتۇ، تەبىئىي گاز، كەڭ بەلباغلىق تور، رادىيو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپتۇ، مەخسۇس مەدەنىيەت كىتاب ئوقۇش ئۆيى سېلىنىپتۇ، مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

«جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدىكەن، بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغىنىدەك، «جۇڭگو ئىسلام دىنىنى باستۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگودا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق» دېگەن ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. مۇھەممەد كېشاۋارزىزادى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، بىز جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چۈشەندۇق، شۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىزكى، جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ناھايىتى ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىگەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادى پۈتۈنلەي شەخسىي ئارزۇسى بويىچە بولىدىكەن.

ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى دىنو كۇسنادى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇمۇ مۇسۇلمان بولغاچقا، مەسچىتنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئالاھىدە تەپسىلىي كۆردى. «مەن 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقىنى كۆردۈم، مەسچىتتە ناماز ئوقۇغاندا، بۇ يەرنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى تولۇق ھېس قىلدىم.» دىنو كۇسنادى مەسچىت ئىمامىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، قەرەللىك ھەقسىز تەربىيەلەش، ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، دىنىي خادىملارغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە تەشكىللىگەنلىكى قاتارلىقلاردىن خەۋەردار بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇلار باشقىچە غەرەزدىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى ئاساسسىز ئەيىبلىشىگە بېرىلگەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە ئىكەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ يۇقارقى قاز ئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن مامۇت شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئۆزىنىڭ بىر تىرانسپورت شىركىتىدە شوپۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، خوتۇنىنىڭمۇ ئىشلەپ كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدىغانلىقىنى، بىر بالىسىنىڭ يەنە ئىچكىرى رايون شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەنلىكىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماخىندىرا باھادىر پاندى مۇنداق دېدى: «بىز دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەتتىكى ئامما تۇرغۇننىڭ ئائىلىسىدە ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلدۇق، ئۇلارنىڭ چېھرىدە پارلاپ تۇرغان تەبەسسۇمدىن جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم، تىنچ جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.