تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل گېننى داۋاملاشتۇرۇش  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنىمۇ جەسسەملەش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش - سۈپۈرۈش قاتارلىق نەق مەيدان تەربىيە پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىدىن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ھېس قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار «چىڭمىڭدا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار رەتلىك تىزىلىپ، گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. ئېھتىرام بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا بېرىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغان مىكرو پارتىيە دەرسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لېي لېي مۇنداق دېدى: «بۇ، بىر قېتىملىق پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش تەربىيە دەرسى بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان تاۋلىنىش بولدى، قەھرىمانلار گەرچە ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، روھى مەڭگۈ ھايات، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتىمىزنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك».

3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ، تولۇپ تاشقان ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى ھەم خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، ئۈچ قېتىم چوڭقۇر تەزىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلار - قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى ۋە چەكسىز ئېھتىرام بىلدۈردى. ئارقىدىن كۆپچىلىك بىرلىكتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» ناملىق ئەسىرىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئارقىلىق، كۆپچىلىك بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەدە تاۋلىنىش ۋە روھنى تازىلاشنى باشتىن كەچۈردى، ئەسلىي مەقسەتنى يەنە بىر قېتىم قوزغىتىپ، ئېتىقادىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

روھنى داۋاملاشتۇرۇپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئالدىدا مېڭىش

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش دەل يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ مەنىۋى شىفىرىغا ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەش، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» چىڭمىڭدا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئارقىلىق، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ ۋېنچى مۇنداق دېدى: «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز خىزمىتىمىزنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك».

3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتى گۇرۇھ باش ئىشتابىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كارخانا شىنجاڭ جۈشىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. گۇرۇھ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جيەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى كۈچەيدى، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، كارخانىنى سۆيۈش ئېتىقادى ۋە ھېسسىياتى كۈچەيدى. يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىدۇ.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش بىزنىڭ قەھرىمانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى خاتىرىلىشىمىز. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئىرادىسى ۋە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە كۈرەش ھالىتى بىلەن يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشتىكى جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشى كېرەك!

«ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپلا، ئالاھىدە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتىمىزنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يۈكسەك غايە تىكلەپ، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ جىگاۋ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئەسلەشكە تەشكىللەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار گو لىڭ، لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ نىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.