تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى خېزې مۇدەن خەلقئارا تاۋار سودا مەركىزىدە تورغا چىقىرىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەننىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى شەندۇڭ ئۆلكىسى خېزې مۇدەن خەلقئارا تاۋار سودا مەركىزىدە رەسمىي تورغا چىقىرىلغان، تورغا چىقىرىلغان كۈنى 37 ئورۇن ھېساب ئاچقان، چىگىت سودىسىدا پۈتۈشۈش مىقدارى 9806 توننا بولغان.

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى دۇنياغا داڭلىق. شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان قەشقەر ۋىلايىتى سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاختىچىلىق كەسپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى. 2020 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە جەمئىي 5 مىليون 539 مىڭ مو كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەيزاۋات، مارالبېشى، يەكەن، مەكىت، يوپۇغا قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىلىدىغان نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون 632 مىڭ 700 موغا يەتتى.

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەر، يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا تىۋىتى چىققاندىن باشقا، چىگىتتىن يەم - خەشەك ئاقسىلى ۋە پاختا قىسقا تىۋىتى، ئۆسۈملۈك يېغى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى، پىششىقلىغىلى بولىدۇ، پاختا قىسقا تىۋىتى پۇل ياسايدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ، پاختا تىرىپىنى يەنە يەم - خەشەك ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

«پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تورغا چىقىرىش» تۈرىنى يولغا قويۇش سۇبيېكتى بولغان خېزې مۇدەن خەلقئارا تاۋار سودا مەركىزى نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە رايون بۆلىكى زەنجىرى تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پاختا، چىگىت، پاختا تىرىپى جەھەتتە شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى بىلەن شەندۇڭدىكى ئاساسلىق سېتىش رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، سودا ھالقىلىرىنى ئازايتىپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

«شىنجاڭنىڭ <پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تورغا چىقىرىش> شەندۇڭ - شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى كارخانا، تىجارەتچى، سودىگەرلەر ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرىدىغان، قولايلىق، تېز بولغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان سۇپا بەرپا قىلىپ بەردى» دېدى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چېڭۋېي.

شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خېزې مۇدەن خەلقئارا تاۋار سودا مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تورغا چىقىرىلىشى شىنجاڭ پاختىسىنىڭ دۆلەت ئىچى - خەلقئارا بازاردىكى تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.