تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىدىكى ئاساس قەيەردىن كەلگەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ يى، جاڭ جىلى، خېي خۇڭۋېي

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان پاختا يىغىش، تايلاش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا پاختىكارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى)

ھازىر، شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەت پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %87.3ىنى ئىگىلىدى، كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 27 يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا ئۆزگىچە كىلىمات بايلىق شارائىتى ۋە غايەت زور ھوسۇلىدىن باشقا، يۇقىرى سۈپەت پۈتۈن ئاپتونوم رايون پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم يېتەكلەش كۈچىگە ئايلاندى، شۇنداقلا شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولىدىغان يېڭى ئەۋزەللىكنى بەرپا قىلدى.

ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېۋەز تېرىش خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى. بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىدە، ھەرقايسى جايلار «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»نى يادرو قىلىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپتە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچتى.

ئەلا سورت كەسىپ ئاساسىنى چىڭىتتى

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى قارابۇقا كەنتىگە جايلاشقان كۇچا شەھەرلىك قۇرۇقلۇق كېۋىزى تەجرىبە پونكىتىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، كۇچا شەھەرلىك قۇرۇقلۇق كېۋىزى تەجرىبە پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ما جۈن تېما گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇرۇقلۇق بايلىقى ماتېرىياللىرى ھەم سورت يېتىشتۈرۈش ماتېرىياللىرىنى رەتلەۋاتاتتى. «بۇ يىل بىز 1600 ئۈلۈش سورت يېتىشتۈرۈش خام ماتېرىيالى تېرىشنى مۆلچەرلىدۇق، كېيىنكى مەزگىلدىكى سورت كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۇل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز» دېدى ما جۈن.

سورت يېتىشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئاپتونوم رايونىمىز پاختىچىلىق كەسپىدە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تايانچقا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاللاپ يېتىشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئەۋزەل پەن تەتقىقات كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، بىر تۈركۈم سۈپىتى ئەلا پاختا يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 70 نەچچە خىل پاختا سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، چىلگە سورت يېتىشتۈرۈش، ھوسۇللۇق سورت يېتىشتۈرۈش، سۈپەتلىك سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، سورتى ئەلا، مول ھوسۇل ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولغان بىر تۈركۈم پاختا سورتىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قوللىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئەلا سورتنىڭ قوللىنىلىشى پاختىچىلىق كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ، يەرنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كېۋەز رايونلىرىدا ئەۋزەللىك تېخىمۇ روشەن بولدى.

«ئۆزى يېتىشتۈرگەن سورت رايونغا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.» كۇچا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇرۇقلۇق باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى رېن شىنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، بۇ شەھەرنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بىلەن قاپلاش نىسبىتى %99تىن يۇقىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى تاللاپ يېتىشتۈرگەن سورت بىلەن تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«كېۋەزنىڭ مايسا چىقىرىش نىسبىتى ھەم كېيىنكى مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز بىر ئورەككە بىر تۈپ تېرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىۋاتىمىز، ئۇرۇقلۇق رەسمىي ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن بىر يۈرۈش ئۆلچەش - باھالاش، سىناق قىلىشتىن ئۆتۈشى كېرەك، ئۇرۇقلۇقنىڭ مايسا چىقىرىش نىسبىتىنىڭ %85تىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.» رېن شىنۋېي مۇنداق دېدى: سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بىلەن ياخشى ئۇسۇلنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى شۇ جاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، كەڭ كۆلەمدە سىناق قىلىپ كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزى يېتىشتۈرگەن پاختا سورتى تەدرىجىي ھالدا بازاردا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى، بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولدى، شىمالىي شىنجاڭدا ئۆزى يېتىشتۈرگەن سورتنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولدى.

ئىلمىي پەرۋىش قىلىش يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى بەرپا قىلدى

ياخشى پاختىغا تېرىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ، تەبىئىيكى يۇقىرى ئۆلچەملىك پاختا ئېتىزى ۋە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە ئۆستى، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇ بىلەن ئوغۇت بىر گەۋدىلەشكەن سولياۋ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، ماشىنا بىلەن يىغىش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى كېڭەيتىلىپ قوللىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختىنى ماشىنا بىلەن يىغىش نىسبىتى %75.5كە يەتتى. ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئەنئەنىۋى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى، دېھقانلارنىڭ كېۋەز تېرىش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

«پەقەت يەر تۈزلەشتىن ئىبارەت بىر تۈردىلا، ھەر 200 مو يەردىن 40 مو يەرنى ئارتۇق چىقىرىپ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.» كۇچا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ماھىرە راخمان مۇنداق دېدى: يەرنى تۈزلەش ماشىنىلىشىشنى تېز كېڭەيتىش - ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى، تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىللە، پاختا ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بولسىلا، بېيدوۋ يول باشلاش تېرىش تېخنىكىسى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىپ، تېرىشنى تېخىمۇ دەل جايىدا، مايسا چىقىرىش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلالايمىز، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئوغۇتتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يەرنىڭ ئوزۇقلۇقى تەكشى بولماسلىق ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ» دېدى ماھىرە راخمان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كۇچا شەھىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىقنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىدىغان جاينىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

«نۆۋەتتە كۇچا شەھىرىدە كېۋەز تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى 173كە يېتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا كېۋەز يېڭى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا پايدىلىق شارائىت ياراتتى.» رېن شىنۋېي مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا كۇچا شەھىرىنىڭ پاختا ھوسۇلى، سۈپىتى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، ياخشى كېۋەزلىكتە ياخشى پاختا تېرىش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قېتىم دېھقانچىلىقنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارغا ياردەملىشىپ ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇنقى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىدە مۇۋاپىق سۇغىرىش، ئىلمىي ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى.

يېڭىچە تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، بىر مەيدان قاتتىق يامغۇر ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەنىدى، شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى قۇمتوقاي كەنتىدە، شايار ناھىيەسى داشىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىشنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى كەلگەن دېھقان ئائىلىلىرى بار ئىدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ما جەنمىڭ بۇ بىرنەچچە كۈندە تىراكتور شوپۇرى مەمەت رېقىپ بىلەن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ يىل ئۇلار 11 مىڭ مو كېۋەزلىكنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، دېھقانلار ئائىلىسىنى يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، سۇغىرىش، پاختا يىغىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2017 - يىلى 2 - ئايدا، ما جەنمىڭ ۋە بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى داشىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتور، دورا پۈركۈش ماشىنىسى، پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق 43 يۈرۈش يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، كېۋەز تېرىشتىن يىغىشقىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشقان باشقۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە قارىغاندا، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئىدىيەسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈش داشىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يەنە بىر مۇھىم فۇنكسىيەسى. «بىر پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت مىقدارى 200 پاختا يىغىش ئىشچىسىنىڭكىگە تەڭ كېلىدۇ، بۇ، ۋاقىتنى تېجەپ، ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.» مەمەت رېقىپ مۇنداق دېدى: ماشىنىلاشتۇرۇش كەلگۈسىدە پۈتۈن كەنتنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ چىقىش يولى. شۇڭا، ئۇ كەنتتىكى ياشلار بىلەن ھەر يىلى بازار، ناھىيە ئۇيۇشتۇرغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكىنى ئۆگىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىشلىتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئورتاق ئۆستۈردى.

«بۇ يىل گۈلباغ بازىرىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 190 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز كۆلىمى 150 مىڭ مو بولۇپ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن تېرىپ بولىنىدۇ.» گۈلباغ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ھىمىت ئىبراھىم مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەك كۈچىنى ئىنتايىن خورىتىدىغان خىزمەت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تېرىقچىلىق تەننەرخى تېجىلىپلا قالماي، يەنە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئادەم كۈچى ئىزدەشتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ ھالقىنى قىسقارتتى.

«بۇ يىل بىز سولياۋ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، بىيولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پاختا بىرلىك ھوسۇلىنى 350 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېدى رېن شىنۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.