تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتى - شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى»، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 2 - قوشۇمچە ھۆججىتى - شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى»نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. بۇ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىدا بېكىتىلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم تەرتىپلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2019 - يىلى شياڭگاڭدا «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن مالىمانچىلىق» يۈز بەرگەندىن بۇيان، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن بەزى قالايمىقانچىلىقلار شۇنى بىلدۈردىكى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سايلام تۈزۈمىدە روشەن يوچۇق ۋە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەر ساھەدىكىلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتى، 2 - قوشۇمچە ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت، شياڭگاڭ سايلام تۈزۈمىدىكى يوچۇقلارنى ۋاقتىدا ئېتىپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار، شياڭگاڭنى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»، «مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلىدىغانلارنى چىقىرىۋېتىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 1 - قوشۇمچە ھۆججەت، 2 - قوشۇمچە ھۆججەتتە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى ۋە شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا باراۋەر قاتنىشىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، مۇستەھكەم قانۇنچىللىق ئاساسىغا ۋە كۈچلۈك خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە، تولۇق ھەققانىيلىققا ۋە روشەن ئىلغارلىققا ئىگە بولۇپ، شياڭگاڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زۆرۈر تەدبىر، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھاكىمىيەت رامكىسىدا، مۇھىم ئىش ئورنىدا تۇرغان، مۇھىم ھوقۇقنى ئىگىلىگەن، مۇھىم باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان زاتلار جەزمەن قەتئىي ۋەتەنپەرۋەرلەردىن بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىم شياڭگاڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زۆرۈر بىخەتەرلىك كىلاپانى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئارقىلىق «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى مۇستەھكەم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتى، 2 - قوشۇمچە ھۆججىتىگە ئاساسەن، شياڭگاڭدا كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سايلام كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، سايلام كومىتېتىغا يېڭى فۇنكسىيە يۈكلەندى ھەم باش مەمۇر ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى تەڭشەلدى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ باراۋەر قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغان شياڭگاڭچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر يۈرۈش يېڭى دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى بەرپا قىلىنىدۇ.

«شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى تەكىتلەش شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا «بىر خىللا» بولۇش يولىنى تۇتۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ۋەتەننى سۆيمەيدىغان، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلىدىغان ئۇنسۇرلارنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنىغا كىرىشىگە يول قويماسلىق، شياڭگاڭنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلىش ۋە تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. سايلامغا قاتنىشىش ئارزۇسى بار ھەر قانداق زات پەقەت «ۋەتەنپەرۋەرلەر» ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، ھەممىسى قانۇن بويىچە سايلامغا قاتناشسا، قانۇن بويىچە سايلانسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سايلام كومىتېتى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ كۆلىمى، تەشكىل قىلىنىشى ھەمدە ۋۇجۇدقا كېلىش شەكلىنى تەڭشەش ئارقىلىق، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى سايلام تۈزۈمى شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتتى، بۇ، شياڭگاڭدىكى كەڭ ئاھالىلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە بىر پۈتۈن مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەلا سۈپەتلىك دېموكراتىيە ۋە جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق. مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، مەركەزنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملار باراۋەر قاتنىشىش، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلگەن دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، مەركەزنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشى ئۆزگەرمەيدۇ.

قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى يولغا قويۇشتا، قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ يولغا قويۇشتا. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېھتىياجغا ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىگە قارىتا، ئەسلىدىكى 1 - قوشۇمچە ھۆججەت، 2 - قوشۇمچە ھۆججەتكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كونكرېت بولغان بەلگىلىمە چىقاردى، بۇنداق قىلىش ھەم بۇ قېتىمقى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى قانۇن چىقىرىش مۇددىئاسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالاقىدار يەرلىك نىزام چىقىرىشىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. كېيىنكى قەدەمدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىنكى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتى ۋە 2 - قوشۇمچە ھۆججىتىگە ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقىدار يەرلىك نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار سايلام پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت ئىشلىرى يۈرۈشسە خەلق ئىناق بولىدۇ، خەلق ئىناق بولسا ئىشلار روناق تاپىدۇ. «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىغا تامامەن ئۇيغۇن، پەقەت ۋەتەنپەرۋەرلەرلا شياڭگاڭنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان شياڭگاڭنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شياڭگاڭ چوقۇم يېڭىباشتىن توغرا يولغا قايتىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ئارزۇ قىلىدىغان ياخشى ھۆكۈمەت، ياخشى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ شياڭگاڭ چوقۇم يېڭىباشتىن قايتا يولغا چىقىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پارلاق داغدام يولىغا ئاتلىنىپ، «شەرقتىكى مەرۋايىت»نىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.