تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل قوبۇل قىلىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىپ، 100 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسىنى سىستېمىلىق ئەسلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىدى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

قەيسەر ئابدۇكېرىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ پارتىيە تارىخى ئاساسىي ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى چۆچەكتە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر قارقېن قابدىكېرەم لېكسىيە سۆزلىدى.

قارقېن قابدىكېرەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشەنچە بەردى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشتە مۇھىم ئىلھاملاندۇرۇش رولىغا ۋە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى قومۇل شەھىرىگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر مەردان مۇقىيىت قومۇلدىكى مىڭغا يېقىن پارتىيە ئەزاسى، كادىرغا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، چۈشەندۈرۈلۈشى ئەتراپلىق بولۇپ، ھەم نەزەرىيەۋى يۈكسەكلىككە، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەر دائىرىسىگە، ھەم تارىخىي چوڭقۇر تەسىراتقا، ھەم رېئال قاراتمىلىققا ئىگە.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جەنرېن لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

ئىككى سائەتلىك دوكلاتتا، ۋاڭ جەنرېن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق تارىخىي مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈردى، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى شەرھلەپ چۈشەندۈردى، پارتىيەنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىدە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى دىڭ شۇچىڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، دىڭ شۇچىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلدى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى - پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې ۋېيچاڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

خې ۋېيچاڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر يېشىپ بەردى، بۇ ھەم سىياسىي يۈكسەكلىككە، ھەم ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان خادىملارغا بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوچۇق دەرسى ئۆتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لېكسىيە ئۆمىكى جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى كورلا تالا شىركىتىگە كېلىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىش تەسىراتى ھەققىدە بەھۇزۇر پاراڭلاشتى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى(مۇئاۋىن شۆيۈەن باشلىقى) دۈەن لياڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

دۈەن لياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى سىستېمىلىق ئەسلەپ ئۆتتى، دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لېكسىيە ئۆمىكى كۆكيار خاتىرە سارىيىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى خوتەندە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس چېن خەنلىن لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، چېن خەنلىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى، مەزمۇنى مول، چۈشەندۈرۈشى ئەتراپلىق بولدى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى گېڭ دوۋېن لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، گېڭ دوۋېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، نۇقتىلىق مەزمۇنى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى ۋە سىستېمىلىق شەرھلەپ بايان قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لېكسىيە ئۆمىكى تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كاللىسىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، رېن چۇنشياڭ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋېن بو، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ يۈۋېي، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جيەنشەن، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۇڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ۋېنبو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ جېندۇڭ، جاڭ لۇ، شۆ يۈنشاۋ، جۇڭ يۈجۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.