تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز بەش يىلدا 85 مىليارد 600 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار بىرىكمە مەبلەغ چۈشۈردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايون نۇقتىدا سىناق قىلىنغان نامرات ناھىيەلەرگە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار بىرىكمە مەبلىغىدىن جەمئىي 85 مىليارد 693 مىليون يۈەننى تەقسىملەپ چۈشۈرگەن. 2020 - يىلى 2016 - يىلىدىكىدىن 19 مىليارد 371 مىليون يۈەن كۆپەيتىلىپ، %479.48 ئاشقان.

يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەبلەغنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەبلەغنى سىياسەت بويىچە نامرات ناھىيەلەرگە پارچىلاپ چۈشۈرۈپ بېرىدىغان، نامرات ناھىيەلەر بىرتۇتاش پىلانلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىدىغان خىزمەت مېخانىزمى. ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى قەرەلىدە ئېلىۋېتىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

2016 - يىلى نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن جەمئىي 12نى ئېلان قىلىپ، بىرىكمە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى، مەبلەغ چۈشۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىش، ھېسابات دەپتىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردى. ئاپتونوم رايوندىكى مالىيە تارماقلىرى مەبلەغنى پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەدبىر، چارىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشى جەھەتتىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى زۇلپىقار ئابدۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى يېپىق ھالقىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايون ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار بىرىكمە مەبلىغىنى توپلاش، تەقسىملەپ چۈشۈرۈش، چىقىم قىلىپ ئىشلىتىش، نەتىجە - ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خىزمەت تىزىملىكى ھەم مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار بىرىكمە مەبلەغنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقىسىمان يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەبلەغنى پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى بويىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيەلەرنىڭ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.