تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«توردا ۋە تور سىرتىدا» تەڭ كۈچەپ، كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى

تارباغاتاي ۋىلايىتى:

«توردا ۋە تور سىرتىدا» تەڭ كۈچەپ، كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: « i تارباغاتاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، سىنلىق پارتىيە دەرسى ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، ناھايىتى قولايلىق» دېدى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى لى شۇسېن مۇخبىرغا.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت - نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما جياڭيۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايىتى تۈرلۈك بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. «بىز يەنە i تارباغاتاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش سۇپىسى قۇرۇپ، كۆپ ئادەم ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىش، سوئالغا بەسلىشىپ جاۋاب بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تولۇق قوزغايمىز».

بۇنىڭدىن باشقا، تارباغاتاي ۋىلايىتى يەنە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، قىزىل كىنو كۆرۈش، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا تەشكىللەش ئارقىلىق، باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى كۆپ خىل بولغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغىدى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، تەسىرات يازدى، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى؛ دۆربىلجىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى يوللىغان «پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىدىن 100 لېكسىيە» ئالاھىدە پىروگراممىسىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى؛ ساۋەن ناھىيەسىنىڭ شىگوبى بازىرى جياساۋزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ھەم ئىلھامى»نى باش تېما قىلىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مىكرو دېكلاماتسىيە، مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو ھېكايە، مىكرو بەھرىلەش ھەم زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلىدى.

دۆربىلجىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ بىن مۇنداق دېدى: «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدۇق، بىز تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە كۈرەش ھالىتى بىلەن، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.