تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېچىۋېتىش قەدىمى پۇختا بولدى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئالدىراش بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك».

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، رايون ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قېزىپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، قاتناش تۈگۈنى، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى، رايون پۇل مۇئامىلە قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى پۇختا، ساغلام ئالغا سىلجىتىلدى.

قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

3 - ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭدا ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى تۈرلەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىگە كىردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، بەينياۋخۇ كۆلى پورت ئەتراپى كەسىپلەر باغچىسى تۈرى قاتارلىق قاتناش تۈگۈنى مەركىزىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەردە ئارقا - ئارقىدىن ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، 2019 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئۇچۇش رايونىنىڭ توپا تەجرىبە بۆلىكى، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ %70 ئاساسىي قۇرۇلمىسىدا قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىقلار تاماملاندى. بۇ يىلدىن باشلاپ، قۇرۇلۇش ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئاساسىي قۇرۇلمىسى، ئۇچۇش رايونىنىڭ مەيدان يولى ھەمدە ئالاقىدار يانداش قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىدۇ. ئومۇمىي قۇرۇلۇشنى 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرى تاماملاش پىلانلاندى.

شۇ چاغدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى كىرىش - چىقىش مىقدارى 63 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2019 - يىلىدىكى يولۇچى كىرىش - چىقىش مىقدارىنىڭ 2.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يىللىق يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرىش - چىقىش مىقدارى 750 مىڭ توننىغا يېتىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا قارىتىلغان خەلقئارا توشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۆپەيتىلىدۇ.

ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى شاڭ شياۋگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قۇرۇلۇش 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بولۇپ، قۇرۇلۇش نۆۋەتتە ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ توپا ياغاچ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىدا %70 قۇرۇلۇش مىقدارى تاماملاندى، يانداش قۇرۇلۇشلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى غەربكە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، جۇڭگو شىنجاڭدىن ياۋروپاغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ G3018 جىڭ - ئالاتاۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، جۇڭگو - پاكىستان تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق غەربكە تۇتاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى تېزلىتىلدى، يىل بويى ئېچىۋېتىلىدىغان تاشيول پورتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن 2 - دەرىجىلىك تاشيولغا تۇتاشتۇرۇلدى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا يول توشۇش لىنىيەسىدىن 118ى ئېچىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەپ، 18 مىليون 943 مىڭ توننىلىق خەلقئارا يول يۈك توشۇش مىقدارىنى تاماملىدى.

ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى رايونلارغا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلدى، «شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانى تېز ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاۋىياتسىيە تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلدى، «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى تېز بەرپا قىلىندى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 1529 كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2020 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگىنى 856 كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 7398 كىلومېتىرغا يەتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بەش ئايرودۇرۇم يېڭىدىن كۆپەيدى، بىر ئايرودۇرۇم يۆتكەپ قۇرۇلدى، توققۇز ئايرودۇرۇم ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، ھازىر بار بولغان ئايرودۇرۇم 22 بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن بەشى كۆپەيدى.

كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى كۈنسېرى گەۋدىلەندى

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (شەھىرى)نىڭ زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى توردا «بۇلۇت سودىگەر چاقىرىش» تونۇشتۇرۇش يىغىنى شەندۇڭ، خېبېي، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى 200 دىن ئارتۇق كارخانىچىنى تور سۇپىسى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

«بۇ يىل <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان باشلانغان يىل، بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويدۇق. بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى قورغاس زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي كۈچى بار يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانىلارنى قورغاسقا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان» دېدى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىيەن.

جاڭ جياۋۋېي قورغاستىكى بىر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى ئېلىپ كەلگەن ياخشى ئېففېكتنى بۇرۇنلا ھېس قىلدى. بۇلتۇر بۇ كارخانا قورغاستا يورۇقلۇق ئېلېكتىرلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسىپلەر باغچىسى تۈرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىنى چۆرىدەپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى پېچەتلەش - سىناش تۈرىدىكى كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى شەكىللەندۈردى.

«كەسىپلەر باغچىسى بەزى يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، بۇ جاينى ئۈسكۈنىلەرگە 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسىپلەر باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدۇق» دېدى جاڭ جياۋۋېي.

قورغاس «رايون، سىياسەت، ئېچىۋېتىش»تەك ئۈستۈلەنمە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغىدا ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى باشلامچى قىلىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا بويىدىكى پورت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسى ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

پورت تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتى

2 - ئاينىڭ ئاخىرى، قەشقەردىكى مەلۇم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كارخانىسى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا بىر قېتىملىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت ماللىرىنى مەلۇم قىلدى. بۇ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت ماللىرى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچىمۇ تۇنجىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەن قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ۋە قەشقەر تاموژنىسى دەرھال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى چېگرا ھالقىغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى گەۋدىلىك بولغان ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارغا بېرىپ «تەجرىبە ئۆگەندى».

«بىز ئالاتاۋ تاموژنىسى، تيەنجىن تاموژنىسى قاتارلىق قېرىنداش ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىنى چېگرادىن كىرگۈزۈش - چىقىرىش ھالقىسىنى قانداق ئەلالاشتۇرغانلىقىنى ئۆگەندۇق. بىز تاموژنىدىكى تاموژنا خادىملىرىنى ئالاقىدار تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىنىڭ رايونغا كىرىش - چىقىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز» دېدى قەشقەر تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى ۋاڭ چۇەنجيې.

قەشقەر ۋىلايىتىدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى 41 كەسپىي تايانچنى ئاجرىتىپ مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قەشقەر تاموژنىسىنىڭ كەسپىي خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەخسۇس مەسئۇل قىلدى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا «بىر كۆزنەك» شەكلىدىكى مۇلازىمەت زالى تەسىس قىلىنىپ، خادىملارنىڭ مەركەزلىك ئىش بېجىرىشى ۋە كەسىپلەرنى مەركەزلىك بېجىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارىلىقتىكى ھالقىلارنى ئۈنۈملۈك قىسقارتتى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بەردى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مۇددەتتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىمپورتتا «ئىككى قەدەم بويىچە مەلۇم قىلىپ» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككى بۆلەكلىك ئىجازەت»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەرەللىك تەھلىل قىلىش، باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۈزۈك نۇقتا ۋە توسۇق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى، قىسقارتتى.

2020 - يىلى، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 20.8 سائەت، 0.48 سائەت بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بولغان 21.02 سائەت، 1.71 سائەتتىن تېز بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.