تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى يورۇتۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدەم ئىزىغا ئەگىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنەيلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، دىڭ شياۋشى، ۋاڭ زىمىڭ

تارىخ ھەمىشە بەزى پەۋقۇلئاددە پەيتلەردە كىشىگە چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇ.

1949 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس ماۋ زېدۇڭ مەركەز ئورگىنىنى باشلاپ شىبەيپودىن ئايرىلىپ، بېيپىڭغا قاراپ يولغا چىقتى، يولغا چىقىش ئالدىدا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «بۈگۈن بېيجىڭغا كىرىپ ئىمتىھان بېرىدىغان كۈن» دېدى.

2013 - يىلى 7 - ئايدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى 1 - قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە − پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىبەيپوغا كەلدى. خاتىرە سارىيىدا، باش شۇجى ئۇزاققىچە چوڭقۇر خىيالغا چۆمگىنىچە: «پارتىيە دۇچ كەلگەن <ئىمتىھان> تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق» دېدى.

تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، مۇساپىنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغان پەيتتە، يەنە بىر مەيدان پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە − پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدەم ئىزى كونا ئىنقىلابىي رايونلار ھەم ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلارغا يېتىپ، قىزىل ئەسلىمىلەرنى قايتا ئەسلەپ، تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، پارتىيە تارىخىدىن ئالغان ئىلھامنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىشى، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشى، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلىشى، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

داۋلىنى بىلىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش −

100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ ئىچكى لوگىكىسى ۋە چوڭقۇر ئىلھامىنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش

تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدە، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

«گۈللىنىش يولى» ئاساسىي كۆرگەزمە زالىغا كىرگىنىڭىزدە، تارىخنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

«ھازىر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئارزۇسىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى».

2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغىنىغا ئەمدىلا 15 كۈن بولغان يولداش شى جىنپىڭ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ، شۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشنى قەلبكە پۈكۈش دەل 100 يىللىق سالاپەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر ئۇنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەندى، پىكىر يۈرگۈزدى.

باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىدىكى تىللاردا داستان قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان سەھىپە»، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش «يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ ئابىدە».

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، 100 يىللىق مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان قىزىل سەھىپىنى ۋاراقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇرەككەپ تارىخ تۇمانلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىزچىل ئەمەل قىلىنىۋاتقان مۇقەررەر لوگىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

«گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھەقىقەتنىڭ تەمى»نى جانلىق بايان قىلدى.

«بىر كۈنى، بىر يىگىت ئۆيىدە ئىجتىھات بىلەن كىتاب يېزىۋاتقاندا، ئانىسى سىرتتا تۇرۇپ: <زۇڭزا يېگەندە قارا شېكەر قىيامى قوشۇسەن، يېدىڭمۇ؟> دەپ توۋلاپتۇ، ئۇ: <يېدىم، يېدىم، بەك تاتلىقكەن> دەپتۇ. نەتىجىدە موماي ئىشىكتىن كىرىپ قارىسا، بۇ يىگىت بېشىنى كۆتۈرمەي كىتاب يېزىۋاتقىدەك، ئاغزى پۈتۈنلەي قارا سىياھ بولۇپ كەتكەن ئىكەن.» كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، باش شۇجى: «بۇ كىشى كىم؟ ئۇ دەل چېن ۋاڭداۋ، مۇشۇ كىتابنى يازغان» دېدى.

بەش يىلدىن كېيىن، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغىنىغا ئەمدىلا بىر ھەپتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ مەخسۇس شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭغا باردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايدا، باش شۇجى بۇ كىچىك قوللانمىنىڭ ھېكايىسىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بەردى.

ھەقىقەتنىڭ تەمى نېمىشقا شۇنچە تاتلىق؟ چۈنكى دەل ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولىنى ئىزدەش داۋامىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار باشتىن كەچۈرۈلۈپ، ئېچىنىشلىق قان - ياش تۆكۈلۈۋاتقاندا، ماركسىزم خۇددى تۈن پەردىسىنى يېرىپ ئۆتكەن چاقماقتەك، ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان كونا جۇڭگوغا ئۇزاق قۇرغاقچىلىقتىن كېيىنكى يامغۇردەك ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مىڭ يىللىق ئىلىم يۇرتى بولغان يۆلۇ بىلىم يۇرتى، سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كەلدى.

دەرسخانا ئالدىدا، باش شۇجى كۈنلۈك تۇتۇپ، لەمپە ئاستىدىكى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىغا قاراپ، ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

«رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئەينى يىلى مۇشۇ يەردە تاۋلانغان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش دەل مۇشۇ يەردىن كەلگەن. كوممۇنىستىك پارتىيە نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدى؟ ئەينى يىلىدىكى شىكۇمېن، نەنخۇدىكى ئاشۇ كېمە، ئاشۇ ئون نەچچە ئادەمدىن بۈگۈنكى مۇشۇ قەدەمگە يېتىپ كەلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدىكى يولنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش، چوقۇم ھەقىقەتنى يەرلىكلەشتۈرۈش كېرەك».

پارتىيە تارىخىغا قايتا نەزەر سالغاندىلا، ئاندىن ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بىر توغرا يولنى تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.

100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دەل ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرغاچقىلا، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغاچقىلا، جاھاننى ئۆزگەرتىدىغان، ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يارىتالىدى.

2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، يەنئەن ياڭجيالىڭ، مەركىزىي چوڭ زال. پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كەلدى.

تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى پارتىيە بايرىقىغا يېزىلىپ، بۇ ياش ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلىنىشتەك مۇھىم ئىلگىرىلەش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى.

«پارتىيەمىزنىڭ سىناق، ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ھەممىدە غەلىبە قىلالىشىدىكى ئاچقۇچ، ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىقى ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقانلىقىدا.» ئەينى يىلىدىكى يىغىن مەيدانىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھاياجانلاندى.

ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگىچە بولغان 100 يىللىق پارتىيە تارىخى ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش تارىخىدۇر.

بېيجىڭ داشۆدىن ئىبارەت جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن ماركسىزمنى تارقاتقان ۋە تەتقىق قىلغان بۇ جايغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماركسىزمنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ۋە ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەنلىكى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تېڭچۇڭدىكى ئەي سىچى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، ئەي سىچى «ماركسىزمنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىختىساس ئىگىسى» دەپ تەرىپلىدى، ماركسىزمنى ياخشى تارقىتىشتا، كىتاب بويىچە ئۆلۈك سۆزلەشكە، ئۇ يەر - بۇ يەردىن ئۈزۈپ نەقىل كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاممىۋىلاشتۇرۇش، ئاممىبابلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

...

تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەنلىكى، دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆپ قېتىم چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشقا يېتەكلىدى.

نەزەرىيەدىكى سەگەكلىكتىن سىياسىيدىكى قەتئىيلىككىچە، تارىخىي تەجرىبىلەر ھەتتا ساۋاقلارنى خۇلاسىلەش، قايتا ئويلىنىش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قايتا - قايتا ئەسكەرتتى.

گۇيجوۋ، قىزىل تۇپراق.

2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى بېكىتىدە زۇنيىغا كەلدى.

ئەينى يىللاردىكى كۆرۈنۈش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىن زالىغا ئەينى يىلى يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بىر پارچە رەڭسىز سۈرىتى ئېسىلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىن بېرىپ تەپسىلىي كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «زۇنيى يىغىنى پارتىيەمىز تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە مۇھىم يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا سىياسىي لۇشيەن ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىڭىتىش، قەيسەر، پىشىپ يېتىلگەن مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قىممەتلىك تەجرىبە ۋە مۇھىم ئىلھام قالدۇردى».

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم گۇيجوۋغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ۋۇجياڭ دەرياسى ساھىلىدە مېڭىپ، قارشى قىرغاقتىكى چوڭقۇر ھاڭ، تىك قىيالارغا نەزەر تاشلاپ، باش شۇجى تەسىرلەنگەن ھالدا: «بۇ يەردىن ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيەنىڭ ۋۇجياڭ دەرياسىدىن قانچىلىك تەستە بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ!» دېدى.

100 يىللىق پارتىيە تارىخىدا، قانچىلىغان داۋالغۇشلار، قانچىلىغان كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ئىشلار بولدى، خەتەر ئىچىدىن ھايات يولى تېپىش، خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتا نېمىگە تايىنىلدى؟

«زۇنيى يىغىنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئىجادىي تۈزدى ۋە يولغا قويدى. بۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخى دەل پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تارىخىدۇر.

فۇجيەندىكى گۇتيەن يىغىنى ئەسلىي ئورنىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش؛ يەنە خېبېي شىبەيپوغا بېرىپ، «ئىككى جەزمەن»نىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ بېيجىڭ شياڭشەنگە كېلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى «ئىمتىھان بېرىش» سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكى بىلەن يېڭى دەۋر ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب يېزىشقا ئەسكەرتىش...

تارىخىي نەق مەيداندىكى نۇرغۇن قېتىملىق «پارتىيە تارىخى ئوقۇتۇشى دەرسى» ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ كىشىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىدى.

ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، ئەخلاق مىزانى ئورنىتىش −

100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ قىزىل گېنى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى تىكلەش

2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا، جەڭگىۋار ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھۆرمەت قەدىمى بىلەن مەيدانغا كىرىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى، كانايچىلار ياڭراق مۇراسىم كانىيى چالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىكارلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئوردېنى»نى بىر - بىرلەپ تاقاپ قويدى، ھەم ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

بىر ئۈمىدلىك مىللەتتە قەھرىمان بولمىسا بولمايدۇ، بىر ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارت بولمىسا بولمايدۇ.

جىڭگاڭشەندىكى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىدىن، جىڭجەي ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغىچە، يەنە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى ئۇچرىشىش خاتىرە ئابىدىسىگىچە؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنىدىن، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىگىچە، يەنە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىگىچە... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قەھرىمانلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن جايدا، قەھرىمانلار روھىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىمانلارنى ياد ئەتكەن، قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن كۆرۈنۈشلەر كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشتا قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

«ھەر قېتىم جىڭگاڭشەن، يەنئەن، شىبەيپو قاتارلىق ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلارغا بېرىشنىڭ ئۆزى بىر خىل روھىي جەھەتتىكى، ئىدىيە جەھەتتىكى تاۋلىنىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇلۇغ تارىخنى كۆپرەك ئەسكە ئېلىپ تۇرساق، قەلبىمىزدە نۇرغۇن ئاكتىپ كۈچ كۆپىيىدۇ».

بۇ كۈچ ئىنقىلابىي غايىگە بولغان سادىقلىقتىن كەلگەن −

جياڭشى گەنجوۋ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارى يۈدۇ دەرياسى ساھىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئاشۇ قېتىملىق ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىشنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايروپىلانغا، پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، يەتتە سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ بۇ يەرگە كېلىپ، تارىخنىڭ ئەكس ساداسىغا قۇلاق سالدى، قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئىزدىدى.

«ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. غايە - ئېتىقاد ئوتى تۇتاشتۇرۇلدى، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ غايە - ئېتىقاد بىزدە چوقۇم بولۇشى كېرەك، بۇ ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشىمىز كېرەك».

100 يىللىق شانلىق يىللار ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەملىكىنى خاتىرىلەپ، قەھرىماننىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتماقتا.

يولغا چىققان جاي يۈدۇدىن، ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ توختىغان خۇنەن چېنجوۋغىچە، مۇھىم، زور بۇرۇلۇش يۈزبەرگەن جاي گۇيجوۋ زۇنيىغىچە، ئۇچرىشىش جايى بولغان نىڭشيا جياڭتەيپۇغىچە، يەنە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى كەسكىن جەڭ قىلغان گەنسۇ گاۋتەيغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزۇن سەپەر ئىزنالىرىنى بىر - بىرلەپ ئىزدەپ، جاھاننى لەرزىگە سالغان مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچنى ھېس قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە ياخشى مېڭىش چاقىرىقىنى چىقاردى.

بۇ كۈچ ئېسىل ئەنئەنىنى چىڭ ساقلاشتىن كەلگەن −

بادەن جىلىن قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى خېيخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جۇڭگونىڭ تۇنجى قويۇپ بېرىش مەيدانى بولغان جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى جايلاشقان. يەنە 700دىن ئارتۇق ئالەم قاتنىشى قەھرىمانى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن دۇڭفېڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قويۇپ بېرىش مۇنارى بىلەن بىللە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

2013 - يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان قەھرىمانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى ۋە «شەرق شامىلى روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ، ۋەتەن ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

لياۋنىڭ فۇشۈن، لېي فېڭنىڭ ئىككىنچى يۇرتى.

2018 - يىلى 9 - ئايدا، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇشۈن شەھىرىدىكى لېي فېڭ خاتىرە سارىيىغا مەخسۇس كېلىپ، لېي فېڭنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. لېي فېڭنىڭ قول يازمىسى، ئەستىلىك بۇيۇملىرى، سۈرەتلىرى قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئالدىغا كەلگەندە، باش شۇجى ئارىلاپ - ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈپ، لېي فېڭ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئەگەر 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق، 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەممىسى لېي فېڭ روھىدىن ئۆگىنەلىسە، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدا مەڭگۈ داتلاشمايدىغان بىر تال بۇرما مىخ بولالىسا، بىزنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىمىز، جەڭگىۋارلىقىمىز چەكسىز زورىيىدۇ، بىز ھەممىدە غەلىبە قىلالايمىز» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

بۇ كۈچ ئەسلىي مەقسەت، خىسلەتنى چىڭ ساقلاشتىن كەلگەن −

خېنەن لەنكاۋ، بىر كوممۇنىستنىڭ مەنىۋى يەر بەلگىسى.

2014 - يىلى 3 - ئاي ۋە 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە ئىككى قېتىم كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

«يولداش جياۋ يۈلۇ تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا بولۇپ، تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش قىلاتتى، ھەمىشە جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ كىيىمى، باش كىيىمى، ئايىغى، پايپىقى كۆپ قېتىم سۆكۈپ يۇيۇلغان، كۆپ قېتىم يامالغان، كۆپ قېتىم تىكىلگەنىدى. ئۇ پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلاتتى، ئەزەلدىن قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيتتى.» لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياۋ يۈلۇنىڭ پاك ئەمەلدار بولۇش ھېكايىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى تىرىشىپ جياۋ يۈلۇچە ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

تۈرمىدە «نامراتلىق»نى يازغان فاڭ جىمىن، شۇ جايدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن «گۇ گوڭ» دەپ ئاتالغان گۇ ۋېنچاڭ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ دېھقان بولغان گېنېرال گەن زۇچاڭ، تۆھپىسى ۋە نام - ئاتىقىنى چوڭقۇر يوشۇرغان پارتىيەنىڭ ياخشى جەڭچىسى جاڭ فۇچىڭ...باش شۇجى شى جىنپىڭ نەگىلا بارسا شۇ يەردە سۆزلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئۈلگىلەردىن، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارغا توغرىلىنىپ، سىياسىي ئەخلاق تۇرغۇزۇش، ئېسىل ئەخلاقنى تونۇش، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

100 يىللىق مۇساپىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىر قاتار ئۇلۇغ روھنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلدى.

ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى قىزىل كېمە روھى، جىڭگاڭشەن روھى، يەنئەن روھىدىن، قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى روھى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە داچىڭ روھىغىچە، يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدىكى ئالاھىدە رايون روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىغىچە...

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، قايتا - قايتا چوڭقۇر مۇھەببەتلىك شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، قايتا - قايتا سەمىمىي تاپىلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخقا بولغان ئىزدىنىش داۋامىدا، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيە تارىخىدىن پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مول ئوزۇقىنى ئېلىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتتى.

خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش −

100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ يىلتىزى، قان تومۇرى ۋە كۈچ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلققە بەخت يارىتىش بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى ئۇرغۇتۇش

خۇنەن - جياڭشى چېگرالىنىدىغان جايدىكى لوشياۋ تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىگە ياۋزۇلارنىڭ گۈزەل كىچىك تاغلىق كەنتى جايلاشقان بولۇپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھېكايە تارقالغان.

1934 - يىلى 11 - ئايدا، خۇنەن ئۆلكىسى رۇچېڭ ناھىيەسى شاجوۋ كەنتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئايال جەڭچىسى كەنت ئاھالىسى شۈ جېشيۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان، مېڭىش ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئۇنىڭغا قالدۇرغان.

2016 - يىلى 10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ تارىخنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا سۆزلىگەن ۋاقتىمدىلا چوڭقۇر تەسىرلەنگەنىدىم».

تۆت يىلدىن كېيىنكى كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شۇ جايغا بېرىپلا ئۇدۇل شاجوۋ كەنتىگە كېلىپ، «يېرىم يوتقاننىڭ ئىللىقلىقى» مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىخانىسىغا كىردى.

قىزىل ئارمىيە ئايال جەڭچىلىرىنىڭ يوتقاننى كېسىپ كەنت ئاھالىسىگە سوۋغا قىلغان ھەيكىلى ئالدىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قىزىل ئارمىيەنىڭ يېمەك - ئىچمىكى، كىيىم - كېچىكى ئۆزىگە يېتىشمەيۋاتقان، ھايات - ماماتى قىل ئۈستىدە قالغان ئەھۋالدىمۇ، قەلبىدە يەنىلا پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ئويلىغان. ھەربىر ئىش - ھەرىكەتكە چىن ھېسسىيات سىڭگەن! بىزنىڭ ئارمىيەمىز خەلقنىڭ قوشۇنى، بىز كوممۇنىستلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ھېسسىياتى بىر يوتقاننى ئورتاق ئىشلىتىش ھېسسىياتىدۇر».

ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈش قەدەم ئىزىدا، مەيلى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تارىخىي ئىلھاملارنى ئەكس ئەتتۈرۈش بولسۇن، مەيلى پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىنى سۆزلەش، قىزىل تەربىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر «خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى» دېگەن بۇ ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەيداندا چىڭ تۇردى.

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.

«پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخى دەل پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخىدۇر.» دەل شۇنداق بولغاچقا، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە، 100 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈپ، جۇڭگوغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك غايەت چوڭ پاراخوتقا ئايلىنالىدى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەرلىككە تەكشۈرۈشكە بارغاندىكى 1 - بېكەتتە جياڭسۇ شۈجۇغا كەلدى.

فېڭخۇاڭشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان خۇەيخەي ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش قاتارلىق بۆلەكلەرنى نۇقتىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ھەربىر بۇيۇم، ھەربىر سۈرەت، ھەربىر كۆرۈنۈش خۇەيخەيدە ئۇچرىشىپ قىلغان ھەل قىلغۇچ جەڭنى قايتا نامايان قىلدى.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، خۇەيخەي ئۇرۇشىدا 2 مىليون 250 مىڭ خەلق ئىشچىسى، 400 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك ھارۋا سەپەرۋەر قىلىنغان. بۇ ھارۋىلارنى بىر - بىرىگە چېتىپ، ئىككى يول بويىچە زۇڭدۈي تەشكىللىسە، نەنجىڭدىن تا بېيجىڭغىچە تۇتىشىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرتەرەپتىن چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، بىرتەرەپتىن ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى سورىدى، ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى تەستە قولغا كەلگەن، ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىغا ئىگە زور بىر تۈركۈم قوماندان ئىختىساسلىقلار ۋە كۈرەش قەھرىمانلىرىغا تاياندۇق، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىغا تاياندۇق. خۇەيخەي ئۇرۇشى قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبە. بىز خەلققە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلقنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش كېرەك، خەلق ھەقىقىي قەھرىماندۇر. «جۇڭخۇا مىللىتى كۈتۈۋالغان ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىش جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن!»

خۇەيخەي ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى پۇقرالار كىچىك قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ قولغا كەلتۈرگەن؛ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى پۇقرالار قولۋاق ھەيدەپ قولغا كەلتۈرگەن؛ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى پۇقرالار يەڭنى تۈرۈپ ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى يۈز مىليونلىغان خەلق ئىسسىق قېنى ۋە قايناق ھېسسىياتى بىلەن ياراتقان...

شېنجېن ليەنخۇاشەن تېغىدا، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلى تاغ چوققىسىدىكى سۇپىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئايىغى ئاستىدىكى بۇ تۇپراققا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن نەزەر سېلىپ تۇراتتى.

2012 - يىلى 12 - ئايدا، گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ليەنخۇاشەن تېغىغا چىقىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم يىراق بولمىغان جايغا ئۆز قولى بىلەن بىر تۈپ گاۋشەنرۇڭ كۆچىتى تىكتى.

سەككىز يىلدىن كېيىن، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ يەرگە كەلدى.

تاغ چوققىسىدىكى سۇپىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېننىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە ئېگىزدىن نەزەر سالدى، كۆز ئالدىدا رەت - رەت ئاسمان پەلەك ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەرنىڭ يارقىن ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىپ چىققانىدى.

ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، شېنجېن مۆجىزىلىرىدىن ھاياجانلانماي تۇرالمايمىز، خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك: «شېنجېن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق بىر قوللۇق بەرپا قىلغان يېپيېڭى شەھەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەزدىكى ئېسىل نامايەندىسى»، «بۇ، جۇڭگو خەلقى ياراتقان دۇنيا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۆجىزە».

نەچچە ئونمىڭ ئامما ئون يىل جاپالىق ئىشلەپ، تىك قىيالار ئارىسىدا «سۈنئىي سامانيولى» قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى ياساشتىن شياۋگاڭ كەنتى ئاھالىلىرى بارماق ئىزىنى بېسىپ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ بۇرغىسىنى ياڭرىتىشىغىچە؛ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ سەيخەنبانى قۇملۇق چۆل - جەزىرىدىن چەكسىز ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشىدىن ئارزۇسىنى باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ نەنخەي دېڭىزى بويىدىكى ئاشۇ «چەمبىرەك»نى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان خەلقئارا چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇشىغىچە...

ھەربىر قېتىملىق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەربىر قېتىملىق مۇھىم سۆز قىلىش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

ئونمىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەت ئۇنتۇلمىدى. تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي فۇپىڭ ناھىيەسىگە بېرىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى بەزى يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ يەنىلا بىرقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. «بىز چوقۇم تۈرلۈك ئاماللار بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېزدىن يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.» ئاددىي سۆزلەر مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىلىدىغان چوڭ ئىشلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

تەيخاڭشەن تېغىدىن يىمېڭشەن تېغىغىچە، ليۇپەنشەن تېغىدىن دابيېشەن تېغىغىچە... تاغ قانچە ئېگىز، يول قانچە يىراق بولسىمۇ، باش شۇجى ھەمىشە ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي يول يۈردى، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش باشتىن - ئاخىر ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ غېمى ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كونا ئىنقىلابىي رايون يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇسنى تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەدىسى قەرەلىدە ئىشقا ئاشتى، يۈز مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەستايىدىل ئەسلەپ، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي ماڭايلى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا داۋاملىق ياخشى ماڭىمىز. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ 2021 - يىلى چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا ئېيتقاندەك، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرسىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرسىلا، ئەڭ كەڭ خەلق ئارىسىدا تۇرسىلا، مۇقەررەر مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 26 - تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.