− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن كارتىنىلار
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
ياشلار، ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ئوقۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر تور بىلەن تور سىرتى، دەرس ئىچى بىلەن دەرس سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپتىكى كىچىك دەرسخانا بىلەن جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسىنىڭ «ماس قەدەمدە تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش»ىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىرادە باغلاش، ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.
پارتىيە تارىخى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىگە سىڭدۈرۈلدى
3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى بەرپا قىلغان يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بازىسى ھەم جۇڭگو مەدەنىيىتى تەربىيەسى بازىسى ۋە ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسى بازىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
بۇ بازىنى قۇرۇش شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇش باشلانغاندىن بۇيان، مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىرىدە بىردەك «تۆت تارىخ» مەخسۇس تېمىلاشتۇرۇلغان دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۆتۈلۈپ، ئايلانما دەرسخانا، سىنغا ئېلىش، ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدا» قاتارلىق باش تېمىلاردىكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش VR سىنىپىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، كۆرۈنمە ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئوقۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئۈنۈمدارلىقى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى دەرستىن بۇرۇنقى بەش مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، «مىكرو پارتىيە تارىخى» دەرسخانىسى تەسىس قىلدى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى دەرسلىك PPTسى تەييارلاپ، مۇنبەرگە چىقىپ ساۋاقداشلارنى توردا ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىشقا يېتەكلىدى، سوئال - جاۋاب شەكلى ئارقىلىق قان ۋە ئوتتا تاۋلىنىشنى قايتا ئەسلەپ، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش جەريانىدا پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىي مۇساپىسىنى ھېس قىلدى.
قاغىلىق ناھىيەلىك 9 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار پەن ھالقىپ كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش ئارقىلىق پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى بىلىملىرىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، قوزغىتىش شەكلى، كۆرۈنۈش شەكلى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى شەكلىدىكى ئوقۇتۇش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان قىسقا ھېكايىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پارتىيە تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«ئېچىش ئەندىزىسى» تېخىمۇ جانلىق بولدى
3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك شۆيۈەنىدىكى پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئەسلىھە 2019 - يىللىق 2 - سىنىپقا كىرىپ، «پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىش» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنىنى قانات يايدۇردى.
نەق مەيداندا پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى سۇڭ تيەن ۋاقىت ئوقىنى بويلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا فاڭ جىمىن، دۇڭ سۈنرۇي، جياۋ يۈلۇ، جۇڭ نەنشەن قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، پارتىيەلىك ئوقۇغۇچى تيەن فۇسېن ئايال پارتىيە ئەزاسى دۇڭ جيەنمىننىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ ئايانماي، پارتىيە مەخپىيەتلىكىنىڭ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويمىغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلدى. پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇغۇچىلار «دەۋر ئۈلگىسى لاچىن بايەكە» «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى ماۋ شياڭلىن» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە»لەردىن ئورتاقلاشتى. «بۇ ھېكايىلەر بىز كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ قەيسەرلىك بىلەن چىڭ تۇرغانلىقىمىزنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا مېنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش غايە - ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى داشۆ ئوقۇغۇچىسى جياڭ يۈ مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھاياجانلانغان ھالدا سۆز قىلىپ.
قىزىل ئارمىيە ھېكايىلىرى توپلىمى، قىزىل كىنولارنى قويۇش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، كۆرۈنۈشلۈك دىراما ئورۇنداش... ئۈرۈمچى شەھەرلىك 75 - باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، قورغاس ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلار بىر قاتار ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىدا ئارقا - ئارقىدىن ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى قوزغىدى.
ئاۋات ناھىيەلىك لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قانات يايدۇرغان «نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىنى سىزىپ، جاپالىق يىللارنى ئەسلەش» پائالىيىتىدە، ئوقۇتقۇچىلار بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى «قىزىل كېمە روھى»نى نامايان قىلىدىغان تەشۋىقات تام گېزىتى ئىشلەشكە يېتەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيەنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتتىن پارلاق مەنزىلگە يۈزلەنگەنلىكىدەك شانلىق تارىخىي مۇساپىسىنى بايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى «قىزىل كېمە روھى»، كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، بىلىمنى پۇختا، ياخشى ئۆگىنىپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي دەۋر بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
قىزىل بايلىقلار جانلاندۇرۇلدى
3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، كۇچا شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سارىيى رەسمىي ئېچىلدى، شۇنداقلا بۇ كۇچا شەھىرىدىكى مەكتەپتە ئېچىلغان تۇنجى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سارىيى.
شۇ كۈنى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تەسىرلىك بايانىغا ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىللىق مۇساپىنى قايتا ئەسلىدى.
كۇچا شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى رازىگۈل ئەركىن ئېكسكۇرسىيەدىن كېيىن مۇنداق دېدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.
ئالاتاۋ شەھىرىدىكى مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ رايون خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، «قىزىل تەربىيە» «دۆلەت دەرۋازىسى تەربىيەسى»نى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، مەكتەپ رادىيوسى، تاختاي گېزىتى، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا سۆز قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سالمىقىنى ئاشۇردى.
كۆكتوقاي ناھىيەسىدە «100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئەسلىي مەقسەتتە ئەكس ئەتتۈرۈش، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش» باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، چۈشەندۈرگۈچى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى سۆزلىگەندە قايناق ھېسسىياتى ئۇرغۇدى، بالىلار ئاڭلاپ غەيرىتى تولۇپ تاشتى. ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار «قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى» «كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى» قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە تارىخى ۋە دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنىڭدىن كۈچ ئالدى، ئىشەنچىنى چىڭىتتى، كەلگۈسىگە يۈزلەندى.