تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن سېتىشىنىڭ ھەر ئىككىلىسى جانلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى جانلاندى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى دەپ ئېلىندى)نىڭ كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ يىل 1 -، 2 - ئايدا 793 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %195.9 ئاشتى؛ كەسىپ زەنجىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ كۆمۈر سېتىش پايدىسى 38 مىليون 296 مىڭ 300 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %786.82 ئاشتى.

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) خوتەن بۇيا كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستى ئوچۇق كانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىدا، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا تەرتىپلىك قاچىلىنىۋاتاتتى، ھەرقايسى قېزىش رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانى تەرتىپلىك ئىدى. خوتەن ۋىلايىتىدىكى نۇقتىلىق كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2020 - يىلى خوتەن بۇيا كانچىلىق شىركىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كۆمۈرچىلىك بويىچە «بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 600 مىڭ توننىدىن ئارتۇق خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر ۋە توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) خوتەن بۇيا كانچىلىق شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق تىجارەت كىرىمى جەمئىي 44 مىليون 585 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11 مىليون 56 مىڭ 200 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %33 بولدى. شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) خوتەن بۇيا كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ليۇ گۇاڭخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، خوتەن بۇيا كانچىلىق شىركىتى كەلگۈسىدە قېزىلما بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، كۆمۈر ئاساسىي كەسپىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر بىلەن تەمىنلەش تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىكەن.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى 2012 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى مۇھىم، زور تۈرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قومۇل، خوتەن، ئاقسۇ، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق رايونلاردا نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، دۆلەت كارخانىسىنىڭ تۈۋرۈكلۈك ۋە تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندى.

بۇلتۇر، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، سەنتاڭخۇ كان رايونىدىكى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىنىڭ 1 - قارارلىق يىلىغا 5 مىليون توننا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكىدىكى 25 كۆمۈر كان ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىش باشلىغان كۆمۈر كان بولۇپ قالدى. بۇ يىل قومۇل شۆبە شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش كۆمۈرى 530 مىڭ 300 توننا سېتىلىپ، سېتىش كىرىمى 15 مىليون 909 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرىكى قاقاس چۆل - جەزىرىلەردە سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى، تۈر ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشى، كۆمۈر ساقلاش مەيدانى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئۆلچەش رايونى يۇلتۇزلاردەك تارقالغان بولۇپ، كۆمۈر توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك ھالدا، توختىماي سىرتقا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. قومۇل شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇڭ خەنۋۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىدا 2021 - يىلى 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، بىرلەشمە سىناق يۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىغا كىرگۈزۈشنى ھەمدە 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى پۈتكۈزۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى باشلاشنى پىلانلىدۇق.

«شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېتەرلىك ئېلاستىكلىققا، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە. كارخانا پەن - تېخنىكا، پەن - تەتقىقاتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ يىل تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىشى %10تىن تۆۋەن بولماسلىق، ساپ پايدىنىڭ ئېشىشى %30تىن تۆۋەن بولماسلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.» شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خۇ گوچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل گۇرۇھىمىز نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈم ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، زاپاس مىقدارىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش مىقدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەم تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

2021 - يىلى شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى خوتەن 2 × 350MW ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ، ۋۇسەيۋەن كان رايونى 2 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ رايوننىڭ كەسىپ ھەم تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا قومۇل، ئاقسۇ، خوتەن، بايىنغولىن، ئىلى قاتارلىق رايونلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ھەم ئەمەلىي كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىدۇ؛ قومۇلنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيە تۈرى ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئاسراش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، توك چىقىرىش مىقدارى ھەم تورغا يوللىنىدىغان توك مىقدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشۇرىدۇ؛ قومۇل سەنتاڭخۇ شىتوۋمېي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئوت ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىركەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتىنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.