ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ
ئىشىك ئالدىدىلا داڭلىق دوختۇرلارغا كۆرۈنەلەيدىغان بولدى، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلاردا ماشىنا ئادەم بار بولدى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار ئوپېراتسىيە قىلالايدىغان بولدى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت داۋالاش كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قولايلىقلاردىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى...
«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ساغلاملىق ئىشلىرىدا ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 898 يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، 8602 كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تاماملاندى؛ «قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن» 32 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىدە زىچ تىپتىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىندى؛ يېزىلاردىكى نامرات رايونلاردا يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرى «يوق نۇقتا»لار تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگىتىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.
«كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» «كېسەل كۆرسىتىش يىراق بولۇش»قا خاتىمە بېرىلدى
بىر يىلنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز قوزغالغان مېڭە تىقىلمىسى تىلغا ئېلىنسا، گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازىرىنىڭ قوشتاغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئەنۋەر ۋايىتنىڭ ھېلىمۇ يۈرىكى جىغىلدايدۇ: «ھازىرقى گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋاقتىدا قۇتقۇزمىغان بولسا، پالەچ بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى».
320 مىڭ نوپۇسى بار گۇما ناھىيەسى ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات ناھىيە بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى ئىدى. ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، ئىختىساسلىقلار كەمچىل، تېخنىكا سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ھەمىشە خوتەن شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىپ كېسەل كۆرسىتىشىگە توغرا كېلەتتى.
2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى - يۆلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى، خادىملىرى يوق نۇقتىلارنى ئومۇميۈزلۈك تۈگەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كوللېكتىپى يېتەكچى قىلىنىپ، ئەنخۇينىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش بايلىقى، قىسىم دوختۇرخانىلىرىنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش كۈچى ماسلاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر باشقۇرۇش ئۆمىكى ئارقىلىق داۋالاش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى چىڭ تۇتۇلدى، بىر مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى ئارقىلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلدى، بىر مەخسۇس بۆلۈملەر ئىتتىپاقى كوللېكتىپى ئارقىلىق مەخسۇس بۆلۈم مۇلازىمەت ئىقتىدارى بارلىققا كەلتۈرۈلدى، تۈرلۈك شەكىلدىكى جەمئىيەت ياردەم بېرىش - يۆلەش ئارقىلىق ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇۋاپىق تېخنىكىلار كېڭەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.
3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسى يۇڭخې كەنتى، كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ئابدۇللا ئەسلىدە ئاددىي قورۇما بىلەنلا ئىككى رومكا ئاق ھاراق ئىچمەكچى بولغانىدى، ئەمما دوختۇرنىڭ ئارىلاپ تاپىلاشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، يېرىم بوتۇلكا ئاق ھاراقنى جايىغا قويۇپ قويدى.
3 - ئاينىڭ بېشىدا، قاراسۇ يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈشكە قاتناشقاندا، نۇرمەمەتكە يۇقىرى قان بېسىمى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، ئۇ شۇ ھامان دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى. دوختۇرخانا نۇرمەمەتكە ئارخىپ تۇرغۇزدى، ھەر ئايدا ئائىلە دوختۇرى بېرىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، «مەنمۇ ھازىر كەنت دوختۇرلىرىغا ئەگىشىپ يۇقىرى قان بېسىمنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم».
ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى؛ رايون ئىچىدىكى يېزا نوپۇسىدىكى ئاغرىقلارغا قارىتا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتا «ئالدى بىلەن دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش» «بىر كۆزنەك»تە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى؛ چوڭ كېسەل، سوزۇلما كېسەللەرنى تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش يولغا قويۇلدى؛ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈلدى...
بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» «كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى بۇ كەڭ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.
«مۇھىتى ناچار» «سەۋىيەسى تۆۋەن» بولۇش بىلەن خوشلىشىش
«ئىلگىرى ئاساسەن ناھىيەگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتەتتۇق، ھازىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى بازارلىق دوختۇرخانىغا كېلىپ خىزمەت قىلىدىغان بولدى.» باي ناھىيەسى سايرام بازارلىق دوختۇرخانىدىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنسا، سايرام بازىرى سايرام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شازادەم قادىر ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ: «مۇھىت ياخشىلاندى، دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسى ئۆستى، نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدىغان بولدى، ئوپېراتسىيەنىمۇ قىلالايدىغان بولدى».
دىققەت داۋالاش ئىسلاھاتىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارنىڭ داۋالىنىشىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. 2019 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ناھىيە كۈچلۈك بولۇش، يېزا جانلىق بولۇش، كەنت مۇقىم بولۇش، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىش، ئۇچۇر راۋان بولۇش»تىن ئىبارەت داۋالاش - ئالدىنى ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلدى.
باي ناھىيەسى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باشلامچى بولغان ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ «بۆلۈم - ئىشخانىلار يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، داۋالاش تېخنىكىسى ئىشخانىسى، تەكشۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈم - ئىشخانىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىكى بۆلۈم - ئىشخانىلاردىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋاندىن يۇقىرى تېببىي خادىملارنى يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە ياكى نۆۋەتلىشىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە كېسەل كۆرۈش، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆز جايىدا تەربىيەلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ «تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى»نى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلەتتى.
«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، زىچ تىپتىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئاساسىي داۋالىنىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئاساسىدىكى يىراق مۇساپىلىك شىندىيەنتۇ ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، يىراق مۇساپىلىك تەسۋىرىي سۈرەت ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، يىراق مۇساپىلىك پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرىنى دىياگنوز قويۇش - داۋالاشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.
كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى دۈرە بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 180 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ئەڭ يىراق بولغان يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا ھېسابلىنىدۇ. «ئىلگىرى دوختۇرخانىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، دېھقان - چارۋىچىلار بۇ يەرگە كېلىپ كېسەل كۆرسىتىشنى خالىمايتتى. بۇ بىرنەچچە يىلدا زور كۈچ بىلەن قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، بىز نۇرغۇن ئىلغار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدۇق.» بۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى جەزىن نۇرباي مۇنداق دېدى: توغرا دىياگنوز قويۇشقا كۆزى يەتمىگەن كېسەللىكلەرگە قارىتا، تېببىي تېخنىكلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىغا ھەر ۋاقىت يوللىسا بولىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دىياگنوز قويۇش نەتىجىسى ۋە داۋالاش لايىھەسىنى تېزدىن قايتما ئىنكاس قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى.
ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويدۇرۇشنى تاللىغان ئاغرىقلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۈرە بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئۈنۈمى خېلى ئۆستى. نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دوختۇر - سېسترالارنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇدى. «بىز بۇ بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى جەزىن.
«ئادەم ئالدىنى ئېلىش + تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش» توسۇقىنى پۇختا توقۇش
3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە داۋاملىق «ئۈچ رايون، ئىككى يول» بويىچە باشقۇرۇش ئىجرا قىلىنىپ، دوختۇر - سېسترالار 2 - دەرىجىلىك مۇداپىئەدە تۇرۇپ، «بىر ئاغرىق، بىر دوختۇر، بىر كېسەل كۆرۈش ئۆيى» بويىچە تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇۋاتاتتى. ئەۋرىشكە ئېلىش، دېزىنفېكسىيەلەش، تەشۋىق - تەربىيە ...
ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئالدىنقى قاراۋۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىپ قېلىپ كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن كىشىلەرنى تاسقاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بېكىتىلگەن قىزىتمىنى كۆزىتىش دوختۇرخانىسىدىن 112سى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىن 193ى تەسىس قىلىنىپ، خېسۈەن تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت چىققان ئاغرىق مىسالىنى بىرىنچى ۋاقىتتا بايقاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
ئاغرىقلارنىڭ كۆپ خىللاشقان كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يۈزتۇرا ئۇچرىشىش ۋە كىشىلەر توپىنىڭ توپلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلار كېسەل كۆرۈش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا «توردا مەسلىھەت سوراش» ئىستونىدا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسىلى، جۇڭيى تېبابىتى قاتارلىق 30 نەچچە بۆلۈم - ئىشخانىنىڭ مۇدىر ۋىراچ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچلىرىنىڭ ئىسمى تىزىلغانلىقىنى، ھەربىر دوختۇرنىڭ ماھىر ساھەسىنىڭ ئېنىق، تەپسىلىي كۆرسىتىلگەنلىكىنى، كېسىلى جىددىي بولمىغان، كېسىلى گۇمانلىق، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر بولمىغان ئاغرىقلارنىڭ ھەرقانداق مەسىلىسى بولسا ئالاقىدار ساھەدىكى مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدىغانلىقىنى كۆردى.
«بۇلۇتتا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش» «بۇلۇتتا قايتا تەكشۈرۈش» «بۇلۇتتا رېتسېپ يېزىش» «بۇلۇتتا دورا تەييارلاش» «بۇلۇتتا پەرۋىش قىلىش»... ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار ئاغرىقلارنىڭ نورمال داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىماقتا.
«14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، چوڭ كېسەللەرنى مەنبەدىن ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدۇ؛ تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە پۇختىلاپ، ئاممىنى ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.