تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تاماملاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش يىغىنى ئاچتى

لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تاماملاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، لېكسىيە تېزىسى چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى، كوللېكتىپ دەرس تەييارلاندى، پارتىيە تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايون تايانچ كۈچلەرنى ئاجرىتىپ تەشكىللىگەن لېكسىيە ئۆمىكى بۆلۈنۈپ جايلارغا بېرىپ، ئورگان، كارخانا، يېزا، مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قاتلام، تۈرلەرگە بۆلۈپ يۈزتۇرا، ھەمتۈرتكە شەكىلدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن لېكسيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق تارىخىي مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ نىشان - تەلىپى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق سۆزلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق سۆزلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ياخشى كەسپىي سەۋىيە، تېخىمۇ ئەمەلىي شەكىل، ئۇسۇل بىلەن لېكسىيە مەزمۇنىنى توغرا سۆزلەپ، تولۇق سۆزلەپ، جانلىق سۆزلەپ، لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تاماملاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.