تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بۇ يەرنىڭ تاغ - دەريالىرىغا، بىر تال گىياھ، بىر تۈپ دەرىخىگىمۇ چوڭقۇر مېھرىم بار»

− «14 - بەش يىل»دا ئىشنى باشلاش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، يەن كې

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

يول بويى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، قايتا ئەسلىدى، پىكىر يۈرگۈزدى.

يول بويى ئاشۇ تاغلار، ئاشۇ دەريالار، ئاشۇ يوللار، ئاشۇ كىشىلەرنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى.

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«بۇ قېتىم فۇجيەنگە كېلىشىمدىكى بىر چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش بولسا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، <14 - بەش يىل>دا ئىشنى باشلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش؛ شۇنداقلا فۇجيەندىكى يۇرتداشلارنى يوقلاشتۇر».

2002 - يىلى 10 - ئايدا فۇجيەندىن ئايرىلدى، شۇ چاغدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. فۇجيەندە، يولداش شى جىنپىڭ «ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى يىللار»نى ئۆتكۈزدى.

1985 - يىلى فۇجيەنگە كېلىپ، شيامېندىن نىڭدېغا باردى، ئاندىن يەنە فۇجوۋغا باردى. فۇجيەندە خىزمەت قىلغان 17 يېرىم يىلنى قايتا ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ تاغ - دەريالىرىغا، بىر تال گىياھ، بىر تۈپ دەرىخىگىمۇ چوڭقۇر مېھرىم بار. فۇجيەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن فۇجيەنگە يەنە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم. بۇ يەردە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى بەزى ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشلەرنى كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە يەنىلا داۋاملىق ئويلاندىم ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇم، بەزىلىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى».

ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن ھەربىر ئۇششاق ئىشمۇ قاينام تاشقىنلىققا تولغان دەۋرنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدۇر. بۇ خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان چاغدا يازغان شېئىردىكىدەك: «بۇلۇتلار توختاپ بىر ئىزدا سۈزۈلدۈردى يۇيۇپ ئاسماننى، فۇجيەننىڭ تاغ - دەريالىرىنى كىرگۈزدى گۈزەل تۈسكە».

ئىلگىرىكى ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاغ يولىدىن «ئاسمان، يەر، بوشلۇق»تا تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىشقىچە؛ «قەغەزدە قاتۇرۇلغان فۇجوۋ شەھىرى»دىن «بەختكە تولغان فۇجوۋ»غىچە؛ خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر قىيىن مەسىلىدىن «تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈش»كىچە... تۈنۈگۈنكى كۆرۈنۈش بىلەن بۈگۈنكى مەنزىرە تەكشۈرۈش جەريانىدا توختىماي ئالماشتى. فۇجيەننىڭ ھېكايىسىمۇ جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ بىر جانلىق ئىخچام كارتىنىسى. ۋۇيىشەن تېغىنىڭ قاتمۇقات چوققىلىرى گىرەلەشتى، سەنمىڭنىڭ ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق بولدى، فۇجوۋ شەھىرىنىڭ «بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلانى ئاخىرغىچە سىزىلدى»، كىشىلەر باش شۇجىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، فۇجيەننى ئوقۇپ چۈشەندى، جۇڭگونى ھېس قىلىپ بىلدى.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ قايتا ئەسلەش مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈندۇر؛ بىر رايوننى كۆزىتىش پۈتۈن ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى سىزىپ چىقىش ئۈچۈندۇر. «قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىش»تە، جاۋاب قەغىزى داۋاملىق يېزىلماقتا.

«بىز مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالساق بولمايدىغان مەسئۇلىيەت»

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە

بىر پارچە كونا سۈرەت ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسى ئاقىل باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ كارىدورىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئانچە كۆزگە چېلىقمايتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردىن ئۆتكەندە قەدىمىنى توختاتتى.

ئۇ تىك قىيادىكى بىر تۈپ دەرەخ، بىر تۈپ داخۇڭپاۋ ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىللارنى ئەسلەپ: «بۇ دەرەختىن بىر يىلدا سەككىز سەر ئەتراپىدا چاي ئۈزۈلۈپ، كىچىك مىس قۇتىغا قاچىلىناتتى، گۆھەر ھېسابلىناتتى» دېدى.

لېكىن ھازىر پۈتۈن تاغ - دالىلارنى قاپلاپ، بايلىققا ئايلاندى. چاي ۋۇيىشەن تېغىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ «گۆھىرى»گە ئايلاندى. 120 مىڭ كىشى چايغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چاي تېرىپ، چاي ياساپ، چاي سېتىپ، چايچىلىق كەسپىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

ۋۇيىشەن تېغى ئېتىكىدىكى شىڭسۈن بازىرى يەنزىكې ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقىغا كىرسىڭىز، چايچى دېھقانلارنىڭ شاخ - شۇمبىلارنى كۆمۈش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز، ئېچىلغان قىچا گۈللىرى چېچەكلىرى ئېتىزغا قونۇپ، دەل تۇپراققا ئوغۇت بولغانىدى.

«بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 300 نەچچە مىڭ يۈەن.» چىرايى قارامتۇل كەلگەن بىر چايچى دېھقان ئوتىغۇچنى قويۇپ، خۇشال ھالدا كېلىپ باش شۇجى بىلەن مۇڭداشتى.

بىر پارچە يېشىللىق بىر جايدىكى پۇقرالارنى بېيىتتى. «چاي دەرىخى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئېسىل دەرەخ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لۇ يۈنىڭ «چاي دەستۇرى»نى تىلغا ئالدى، ئۇ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى چايچىلىق كەسپى سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىدۇ.» ئۇ مۇنداق تاپىلىدى: چاي مەدەنىيىتى، چايچىلىق كەسپى، چاي پەن - تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قىلىش كېرەك.

لياۋ خۇڭ فۇجيەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، شۇنداقلا ئۆز قولى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدىغان «تېخنىكا خاس ۋەكىلى». باش شۇجى كېلىشى بىلەن، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا تۇپراقنىڭ pH قىممىتىدىن باشلاپ سۆزلىدى: «ئىلگىرى تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا قەغەز يۈزىدە گەپ ساتاتتۇق، ھازىر ئىلمىي ماقالىنى زېمىنغا يازىدىغان بولدۇق» دېدى.

«تېخنىكا خاس ۋەكىلى» پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى. 20 يىل ئىلگىرى، «تېخنىكا خاس ۋەكىلى» تۈزۈمى يولداش شى جىنپىڭنىڭ نەنپىڭدىكى بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە يىلتىز تارتقان. شۇ قېتىم، يەرلىك ئۈچ ئىشنى دوكلات قىلغانىدى، بىرى «تېخنىكا خاس ۋەكىلى»نى يولغا قويۇش، بىرى 1 - شۇجى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يەنە بىرى ياردەمچى ئوبوروت قىلىش. «بۇ ئۈچ ئىشنى مەن ئومۇميۈزلۈك قوللىدىم. مەن مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، كېيىن ئۆلكىدە ئومۇملاشتۇردۇم. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ، ھازىر پۈتۈن جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە <تېخنىكا خاس ۋەكىلى> بار. يېزا ئىگىلىكى ھاياتىي كۈچكە، جۇشقۇنلۇققا ئىگە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە پەن - تېخنىكىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىش كېرەك».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ بىپايان يېزىلىرىدىن يولغا چىقىدىغان يېڭى مۇساپە. فۇجيەن كونا ئىنقىلابىي رايون، سوۋېت رايونى، «يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش» ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا باشلانغان قەتئىي ئىرادىلىك ئىنتىلىش. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە «كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش بىزنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز» دەپ تاپىلىدى.

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى نەنپىڭنى كۆردى، بۇ فۇجيەندە ئەڭ بالدۇر پارتىيە قۇرۇلغان، قوراللىق كۈرەش بايرىقى ئەڭ بالدۇر كۆتۈرۈلگەن جاي، «قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇرغان» جاي.

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەنمىڭغا باردى، بۇ مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان تۆت جاينىڭ بىرى.

ئەينى يىلى فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ مەخسۇس كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچقان، «ئۈچنى ئۇنتۇماسلىق»نى ھازىر ئوقۇسىمۇ كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ.

سەنمىڭنىڭ شاشيەن ناھىيەسى شياماۋ بازىرى يۈباڭ كەنتى، كەنت ئېغىزىدىكى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي كامرا دەرىخى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ بوران چاپقۇنىغا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىگە گۇۋاھ بولدى. كەنت ئاھالىلىرى ئەينى يىلى ئەپكەش كۆتۈرۈپ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ساتقان، كېيىن يايما يايغان، ئاندىن كېيىن جاھان كېزىپ يول تاپقان.

ياپىلاق گۆش، بېلىق كۇمىلىچى، زىبا، جىنباۋيىن، جياڭجۈن مىگو، يۈجياۋ، مايدا پىشۇرۇلغان گۈرۈچ ئۇيۇتمىسى، دېڭجەنگاۋ، ئېغىزنى كۆيدۈرىدىغان دۇفۇزەي... شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنىڭ تەمى كەنتنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتار - قاتار بىنالارنى بويلاپ كەنتكە كىرىپ، يول بويى يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ ياشانغانلارغا «سالامەتلىكىڭلارنى كۆپرەك ئاسراڭلار» دەپ تاپىلىدى، بالىلارغا «تاماق تاللىماڭلار» دېدى. رەڭگارەڭ دالىلار، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كەنتلەرنىڭ ھەممىلا يېرى كۈلكە ئاۋازىغا تولدى.

تاغ ئېتىكىدە سەيلە قىلغاندا، سۇنىڭ شىرىلداپ ئاققان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

«ئىلگىرى ھەر قېتىم سەنمىڭغا كەلگىنىمدە، شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى يەيتتىم. ئەينى چاغدا ئۇنى كېڭەيتىش خىيالىم بار ئىدى، ئۇنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلغانىدىم.» ئۇ چاغدا، سەييارە سودىگەرلەر قاينايدىغان ھۈنەر - سەنئەت بايرىمىدا، يولداش شى جىنپىڭ ئىسراپچىلىق قىلماي، فۇجيەن ئالاھىدىلىكى مول بولغان شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرى بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەنىدى.

ھالبۇكى بۈگۈن، سورتىغا قارىدى، ئۆلچەم ئۈستىدە توختالدى، باھاسىنى سورىدى، باش شۇجى شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كىچىك ھېسابات دەپتىرىدە چوڭ خەلق تۇرمۇشى بار ئىدى.

«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سىلەرنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، سىلەرمۇ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشتۇڭلار. بۇنى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىش، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدۇ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش يېڭى مۇساپىسىدە داۋاملىق ئالدىدا مېڭىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

بىر ھەرىكەتچان جۇڭگو، بىر جۇشقۇن جۇڭگو. بۈگۈنكى قاتناش تورى تەبىئىي چوڭ جىلغىلارنى راۋان يولغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆتمۈشتە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان قولايلىقلارنى ياراتتى.

تەكشۈرۈش يولىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشى شاڭراۋدىن كەلگەن بىرنەچچە ساياھەتچىنى ئۇچرىتىپ قالدى، ئۇلارنىڭ پويىز بىلەن ۋۇيىشەنگە كېلىشىگە پەقەت 22 مىنۇتلا كەتكەنىدى، ئىلگىرىكى يىللارنى ئەسلەيدىغان بولساق، شياداڭ يېزىسىغا بارىدىغان «چېلىڭ يولى كۆككە تۇتاشقان» دېگەن سۆزنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرى كۆز ئالدىمىزدا ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ، ھازىرقى ئۆزگىرىشلەر كىشىنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇرىدۇ.

«كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىنىڭ خاس كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتى كاپالىتى قاتارلىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك.» باش شۇجى شۇنداق تەكىتلىدى.

ھەممە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىگىنى خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت.

«ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ياخشى قوغداش كېرەك»

«ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى»نىلا كۆزلەشتىن يېشىل، ماس تەرەققىي قىلىشقىچە

فۇجيەننىڭ تاغلىرى كۆپ. ۋۇيىشەن تېغى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ئىنتايىن داڭلىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى تۇنجى بېكىتى تاغ - دەريالارنى كۆرۈش بولدى. ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسى ئاقىل باشقۇرۇش مەركىزىدە، ئۇ چوڭ ئېكران ئارقىلىق پايانسىز «يېشىل دېڭىز»نى كۆردى. سېرىق قورساق پۆپۈچەك قىرغاۋۇل، كۆزەينەكلىك يىلان، قارا ئېيىق، تاغتېشەر قاتارلىقلارنىڭ بىر مەھەل ئىز - دېرىكى قالمىغانىدى، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە چارلاش كامېراسىدا پات - پات پەيدا بولىدىغان بولدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بامبۇك سالغا ئولتۇرۇپ جيۇچۈشىنى بويلاپ مېڭىپ، ئېگىزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغقا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، باش شۇجى ئۇنى «تۆمۈر ئالىقان» دەپ ئاتىدى. «توققۇز دەريانىڭ سۈيى قاشتېشىدەك سۈزۈك، 36 ئاجايىپ چوققا كۆككە تاقاشقان.» 1999 - يىلى 12 - ئايدىلا، دەل ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ۋۇيىشەن تېغى دۇنيا تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، «قوش دۇنيا مىراسى» دەپ نام ئالغان. تاغ - دەريالارنىڭ ئىشى كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ۋۇيىشەن تېغى تەڭداشسىز ئېكولوگىيە، ئادىمىيەت بايلىقىغا ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پەخرى، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ياخشى ئاسراش كېرەك».

نۇرغۇن جايلار ئەگرى يوللارنى بېسىپ ئۆتتى. ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىياتنى نۇرغۇن كىشى «ئىككىدىن بىرنى تاللايدىغان» تاللاش سوئالى دەپ قارىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا يەنە بىر خىل مەسىلىنى ھەل قىلىش تەپەككۇرىنى كۆرۈپ يەتكەن. 1997 - يىلى ئۇ سەنمىڭ چاڭكوۋ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بىباھا گۆھەر، تاغلىق رايوندا <تاغ - دەريا رەسىمى>نى ياخشى سىزىپ، تاغ - دەريا - ئېتىز ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك».

2000 - يىلى ئۇ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئېكولوگىيە ئۆلكىسى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى باشلامچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن، فۇجيەن ئېكولوگىيە ئۆلكىسى قۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، يولداش شى جىنپىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

چاڭتىڭدىكى سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش خىزمىتى بىر جانلىق مىسال.

يولداش شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم چاڭتىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، چاڭتىڭدا مىنگو دەۋرىدىلا خېتيەننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. مەن كۆپچىلىككە دېسەم، ئېكولوگىيەگە مەبلەغ سېلىش قارىماققا ئېچىش قۇرۇلۇشىدەك توخۇ بېقىپ تۇخۇم تۇغدۇرۇشقا ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاخىرىغىچە تۇتقاندا ئالتۇن توخۇ بېقىپ، ئالتۇن تۇخۇم تۇغدۇرغاندەك ئىش بولىدۇ».

بىر نۆۋەت بىر نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلەش. فۇجيەن تۇنجى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى بولۇپ، بۇ «ئېكولوگىيەسى ئەلا ئوقۇغۇچى» تېزلا ئىلگىرىلىدى: ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۇدا 42 يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇننى ساقلىدى؛ سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتى %7.5كە تۆۋەنلىدى؛ نەنپىڭ قاتارلىق بەش جايدا رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى...

«مۇشۇ يىللاردا فۇجيەن تېخىمۇ بۈك - باراقسانلاشتى. يېشىل رەڭ فۇجيەننىڭ يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى. داۋاملاشتۇرۇپ تىرىشىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى فۇجيەننىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

فۇجوۋ تاغ - دەريالىق شەھەر. يېشىل تاغلار شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ، دەريالار گىرەلىشىپ كەتكەن. 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياۋيې باغچىسىدىكى فۇداۋنىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقتى، رۇڭچېڭ شەھىرىنىڭ مەنزىرىسى كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا «تەشتەك مەنزىرىسىنى ئاز كۆرۈش» «ئارقا ھويلىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى كۆپرەك كۆرۈش» كېرەك، بۇ، ئۇنىڭ شۇ جايدا خىزمەت قىلغاندا دائىم دەيدىغان سۆزى ئىدى. «مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، فۇجوۋلۇقلارنىڭ سۇ، ئوتنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن ئەڭ قورقىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.» فۇجوۋدا ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر كۆپ بولۇپ، ئوت تۇتىشىپ كەتسىلا كېڭىيىپ كېتىدۇ؛ مىنجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى تاشسىلا، سۇ ئۆيلەرگە كىرىپ كېتىدۇ. «قەغەزدە قاتۇرۇلغان فۇجوۋ شەھىرى» دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن.

«ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» «گۇاڭشا قۇرۇلۇشى» «بەخت يارىتىش قۇرۇلۇشى»نىڭ ھەربىر تال خىش پارچىسىغىچە قەلبىگە پۈكۈلگەن.

فۇجوۋغا نەزەر. زوخەينىڭ سۈزۈك سۇلىرى جىمجىت ئورمانلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، شىخۇ كۆلىنىڭ سۈيى سۈزۈك، تىنچ. ئۇ ئەينى يىلى شىخۇ كۆلىدىكى لاي - لاتقىلارنى تازىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «تازىلاپ چىقىرىلغان لاي - لاتقىلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىلارغا ئېتىزلارنى ئوغۇتلاشقا ئاپىرىپ بەرگەن»لىكىنى ئەسلىدى...

«شەھەر خەلقنى سىغدۇرالىشى كېرەك.» مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ئۇنىڭدا «شەھەر سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش» دېگەن بىر باب بار بولۇپ، «شەھەرنىڭ يېشىل ئايلانما، يېشىل كارىدور، يېشىل قوزۇق، يىشىل يولىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى يېشىل يول فۇجوۋدا 125 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققىچە سوزۇلدى.

فۇشەن جياۋيې باغچىسى فۇرۇڭيۈەن باغچىسىدا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى: «باش شۇجى ئۆيگە قايتتى» «پات - پات ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇڭ»...

باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «فۇجوۋ بەختكە تولغان جاي! خۇجيۇ(فۇجوۋ دېگەن مەنىدە)دا تۇرغانلارنىڭ بۇ جايدىن كەتكۈسى كەلمەيدۇ!» «ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇۋاتىدۇ، فۇجوۋ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ. ئېكولوگىيە ئەڭ ياخشى شارائىتتۇر».

فۇجوۋدىكى «3820» قۇرۇلۇشىدا ئەسىر ھالقىغان فۇجوۋنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنى يولداش شى جىنپىڭ شۇ جايدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە رەھبەرلىك قىلىپ يولغا قويغان: «ئەينى چاغدا فۇجوۋ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئورۇن <دېڭىز ساھىلىگە جايلاشقان شەھەر> <تاغ - دەريالىق شەھەر> قۇرۇش ئىدى». نۇرلار چاقنىدى، بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرىغىچە سىزىلدى.

«ھازىرقى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى بۇ يۆنىلىشكە ئۇيغۇن، بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تەسەۋۋۇرىمىز بىلەن بىردەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىياتى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ياخشى بولدى. بەختكە تولغان جاينىڭ خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

«جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك جەۋھىرىنى قېزىش»

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىن تارىخىي يىراقنى كۆرۈشكىچە

جاڭ جيەنگۇاڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن فۇجيەن ئۆلكىلىك تارىخ - مەدەنىيەت سارىيىدا ئىشلەپ، قېتىرقىنىپ جۇ شىنى تەتقىق قىلدى.

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچقۇرۇن، ۋۇيىشەن تېغىدىكى جيۇچۈشى بويىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قەدىناس دوستىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدى. ئۇلار پەلەمپەي بىلەن يۇقىرىغا چىقىپ، جۇ شى باغچىسىغا كىردى.

«سەھەردە ئورمان سايىسى يوقىلار، كېچىدە بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنار.» تاغ ئېتىكىدىكى ئېرىق بويىغا جايلاشقان ۋۇيى دەرسخانىسىدا، جۇ شى بىر توپ شاگىرتلىرىنى باشلاپ جوتۇلىرىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، ئەپكەشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلمىي تەتقىقات، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئەلنەغمە قىلىپ 50 يىلنى ئۆتكۈزگەن». جۇ زىنىڭ ئۆز رەسىمىنى سىزغانلىقىدىن تارتىپ لىشۆ ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ راۋاجلاندۇرۇشقىچە، جاڭ جيەنگۇاڭ پىششىق بىلىدىغان ئىشلىرى توغرىسىدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

تارىخنىڭ قېلىن - ئېغىر دەرۋازىسىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، چەكسىز جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە كىرىش. «بارلىق شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتى، مۇكەممەل بىلىش، سەمىمىيەت، دۇرۇس قەلب، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش، ئائىلىنى باشقۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جاھاننى تىنچلاندۇرۇش»، «دۆلەتتە خەلقنى ئاساس قىلىش، دۆلەتنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش»، «شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېنىق بىلگۈچى شەيئىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى، شەيئىلەرنىڭ مۇقەررەر شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك»، «سۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق سۈزۈك؟ چۈنكى مەنبەسىگە ئېقىن سۇ توختىماي قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ»...

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى جەۋھەرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش، ۋارىسلىق قىلىش، پۈتۈن زېھنىنى قويۇپ ئويلىنىش، باش - ئاخىرىنى تۇتاشتۇرۇش.

«مەن شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مەخسۇس كۇڭزى سارىيى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنى كۆرگىلى باردىم، ۋۇيىشەنگە كېلىپمۇ مەخسۇس جۇ شىنى كۆرگىلى كەلدىم.» ئۆتمۈشكە قاراپ كەلگۈسىنى بىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى:

«بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا، چوقۇم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئەگەر جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى بولمىسا، نەدىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولسۇن؟ ئەگەر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىمىز بولسۇن؟ بىز جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىدىكى جەۋھەرلەرنى قېزىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك».

تارىخ دەرياغا ئوخشايدۇ، دەريا سۈيى توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ.

باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ئاياغ ئىزىنى بويلاپ، فۇجيەننىڭ شانلىق مەدەنىيلىكىگە كىرىش.

«سەنفاڭ چىشياڭغا جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ يېرىمى مۇجەسسەملەنگەن.» 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەرگە زىيارەتكە كېلىشى بۇ قەدىمىي كوچىنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى.

ئۇ «لىفاڭ تۈزۈمىنىڭ جانلىق تاشقاتمىسى»، جىن دەۋرىدىكى شېئىر ۋە ژانىر، تاڭ دەۋرىدىكى گۈللىنىش، مىڭ - چىڭ دەۋرىدىكى گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش، «كۆزنى ئېچىپ دۇنياغا قاراپ» بوران - چاپقۇن، داۋالغۇشلارنى كۆرۈش... ئاق تام، قارا كاھىشلىق قەدىمىي ئۆيلەردە يىللارنىڭ سانسىز ئۇسلۇبى قېپقالغان، ھالبۇكى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ئەڭ ئەۋجىگە چىققان شەھەر تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن خەۋپلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

سەنفاڭ چىشياڭنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان قەدىمىي ئۆي «چېقىلىپ» كېتىشكە دۇچ كەلگەن جىددىي ۋاقىتتا، فۇجوۋ شەھىرىدىكى بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن شۇجىسى شى جىنپىڭغا خەت يازدى. يولداش شى جىنپىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، چېقىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى دەرھال تەلەپ قىلدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ، قەدىمىي ئۆينى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى جىممىدە باشلاندى.

چېقىشتىن رېمونت قىلىشقىچە، بىر خەتتىكى پەرق بولسىمۇ، ئەمما ئاسمان - زېمىن پەرق بار ئىدى. شەھەر تەرەققىيات قۇرۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توقۇنۇشى ئارىسىدا ئادەمنى سىنايدىغىنى تارىخىي يىراقنى كۆرەرلىك.

يولداش شى جىنپىڭ 19 يىل ئىلگىرى تەكلىپ بويىچە «فۇجوۋدىكى قەدىمىي ئۆي» ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆز خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش دەل تارىخنى ساقلىغانلىق، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلىغانلىق، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەرنىڭ شەكىلسىز ئېسىل ئەنئەنىسىنى ساقلىغانلىق».

«سىز تۈرتكە بولغان فۇجوۋنىڭ <ئۈچ تاغ، ئىككى مۇنار، بىر كوچا> مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يىرىك پىلانى بويىچە، بىز مۇشۇ يىللاردا بىر - بىرلەپ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردۇق.» فۇجوۋ شەھىرىدىكى يولداش باش شۇجىغا شۇنداق تونۇشتۇردى.

«ئاستانە گۇيۆنى ئۈچ تاغ ئوراپ تۇرار، مۇنار يىراقتىكى پېڭخۇغا باقار.» باش شۇجى شى جىنپىڭ لاڭگۈەن كوچىسىنى بويلاپ، يەن فۇنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا كىردى. خەلق ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولدى، خەلقنىڭ بېشىغا ئاپەت ياغدى، «جاھانگىرلار جۇڭگونى تالان - تاراج قىلدى، خەلق قاچانمۇ تىنچ، ئاسايىشلىق كۈنلەرگە ئۇلىشار» «ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغانلار ئەمەلدار، ئاقسۆڭەكلەر بولماستىن، بەلكى ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەردۇر»، ھەسرەت بىلەن يېزىلغان ھەربىر قۇر ئەسەرنى كۆرۈپ، باش شۇجى چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى، خورسىندى.

«بۇ خەتلەر تېخىچە بۇ يەردە تۇرۇپتۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تامدىكى ئىككى قۇر خەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇدى: «ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، ئىسلاھ قىلىشنى باش بولۇپ تەشەببۇس قىلىش. ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش».

«توغرا! سىز 1997 - يىلى <يەنفۇ ۋە جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش> ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېغىشلىما يېزىپ بەرگەنىدىڭىز».

5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «روھى» ۋە «يىلتىزى» بار.

«ئاممىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىش»

تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈشتىن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىچە

سەنمىڭ شەھىرىنىڭ «نامى» ئىسلاھاتتىن كەلگەن.

داۋالاش ئىسلاھاتى، ئورمان ئىسلاھاتىنىڭ ھەممىسى قىيىن مەسىلىلەر. سەنمىڭ شەھىرى قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يول ئىزدىگۈچى.

ۋاقىتنى 2000 - يىلى 11 - ئايغا قايتۇرايلى. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەھەر - بازار تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، «دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش» ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەرنى تۈزۈم جەھەتتىن ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنى كېسىلىنى كۆرسىتەلەيدىغان، داۋالىنالايدىغان قىلىش كېرەك.

بۇ، ئىسلاھات كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش مەسىلىسى. مەسىلىنى يېشىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش كېرەك.

«داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا، داۋالاش بىرلەشمە ھەرىكىتى» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، سەنمىڭ شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، دادىل سىناق قىلىپ، يېڭى يول ئاچتى. 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر پارچە تۈۋرۈكسىمان خەرىتە ئالدىدا توختاپ تەپسىلىي كۆردى. دوختۇرخانىنىڭ دورا، خورىما ماتېرىيال كىرىمى تۆۋەنلەپ، داۋالاش مۇلازىمىتى كىرىمى ئاشتى، 2019 - يىلى سەنمىڭ شەھىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان داۋالىنىش خىراجىتى 1734 يۈەن بولۇپ، پەقەت مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %46ىگە توغرا كەلدى. پۇقرالار ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

«زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى يەنىلا خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بۇ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. بۇ ئىشنى چىڭ تۇتۇشتا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك ئىدىيە بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساغلاملىق 1، باشقىلارنىڭ ھەممىسى كەينىدىكى 1.0 بولمىسا، ھېچنېمە قالمايدۇ.

باش شۇجى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ ئىسلاھاتىڭلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. بۇ بىر خىل باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش روھى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدىكى ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىق».

«ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېغىر كېسەللەرنى كۆرسىتىش شۇ ئۆلكىدە ھەل قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى كېسەللەر شەھەر، ناھىيەلەردە ھەل قىلىنىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان باش ئاغرىش، قىزىپ قېلىشلار يېزا - كەنتلەردە ھەل قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەت <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە باشلىنىدۇ. ئىسلاھاتتىكى توسۇق نۇقتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك».

قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما جاپالىق.

شاشيەن ناھىيەسى كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلانغان جاينىڭ بىرى. 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاشيەن ناھىيەسى يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىگە كەلدى.

ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى، ئورمان يېرى تىجارەت ھوقۇقى كىنىشكىسى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى كىنىشكىسى ۋە ئوبوروت قىلىشتىكى تىجارەت ھوقۇقى كىنىشكىسى. تۆت كىنىشكا ئۈستەلگە تىزىلغان بولۇپ، ئۇلار 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ھالقىغان، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىلىرى. باش شۇجى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى.

2002 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ ۋۇپىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلغان: «كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە ئوخشاش تاغ ئېتىكىدىن تاغ ئۈستىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشى كېرەك»، بۇنىڭ بىلەن فۇجيەننىڭ ئورمان ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

شاشيەن ناھىيەسى چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كوللېكتىپ ئورمان يېرىدە «تاغنى ئائىلىلەرگىچە تەقسىملەش، ئورماننى ئادەمگىچە باراۋەر تەقسىملەش»نى يولغا قويدى. 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، «مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ كىنىشكا تارقىتىش» تاماملاندى.

ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى مەسىلىلەر بىر - بىرلەپ بارلىققا كەلدى.

پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ دەرەخنى قانداق كېسىش كېرەك؟ يالغۇز ئائىلىلەر قانداق قىلىدۇ؟

قىيىنچىلىقلارنى بىر - بىرلەپ يېڭىش، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئورمانچىلىق پۇل مۇئامىلىسى، ئورمان ئارىسى ئىقتىسادى، كوللېكتىپ ئورمان يېرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش سەنمىڭنىڭ ئورمانچىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

«سەنمىڭ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلانغان مۇھىم جاي. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىش قىلىشتىكى بىر يېتەكچى ئىدىيەسى دەل ئاممىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىش، ئامما ھەقىقىي قەھرىمان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:

«بىز ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارغا قارىتا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئومۇملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. <تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈش>تەك ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى، ۋاقتىمۇ ئۆتمەيدۇ. پائال، پۇختا بولۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەش، يۆنىلىشنى ئىگىلەش كېرەك، ئېغىپ كېتىشكە بولمايدۇ».

«يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا <كېلىپ چىقىشى>نى سۈرۈشتۈرمەسلىك»

«چوڭ ئېقىنغا ئەگىشىپ يۈگۈرۈش»تىن پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكىچە

«بۇ قېتىم فۇجيەنگە كېلىپ ئايلىنىپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك كارخانىدىن بىرنى تېپىپ كۆرۈپ باقماقچى. نېمىنى كۆرىمەن؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەل توختىۋېلىپ مۇنداق دېدى:

«يېڭىلىق يارىتىش».

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، فۇجيەن فۇگۇاڭ پاي چەكلىك شىركىتى. سېخلارغا كىرىپ، ھۈنەر - سەنئەتنى كۆرۈپ، سېتىش يوللىرىنى سورىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىغا زور ئىشتىياق باغلىدى. فۇگۇاڭنىڭ كەشپىيات پاتېنتى بىر تامغا لىق تىزىلغانىدى.

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يەنە ئالغا ئىلگىرىلەپ ماڭىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك. چوڭ ئېقىنغا ئەگىشىپ دائىم باشقىلارغا ئەگەشسە بولمايدۇ. ھازىر كىمنىڭ پۇرسەتنى تۇتالايدىغانلىقىغا، كىمنىڭ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە، كىمنىڭ ياخشى قىلالايدىغان مۇشۇنداق ئىقتىدارى بارلىقىغا قاراش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا <كېلىپ چىقىشى>نى سۈرۈشتۈرمەي، پەقەت دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالىسىلا، دۆلەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. كىم ياخشى قىلالىسا دۆلەتنىڭ تۆھپىكار تۈۋرۈكى بولىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى چاسا سېپىگە كىرىشتە ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك. ھازىر دۆلەت يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تۈرلۈك دۆلەت سىياسىتى قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر ھەرىكەتكە كەلدى، يىرىك پىلانمۇ تۈزۈلۈۋاتىدۇ».

يېڭىلىق يارىتىشتا تېزلىتىش كۇنۇپكىسى بېسىلدى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ساھەلەرگە ئايرىلىپ شەرھلىنىپ بايان قىلىندى، «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىش»نىڭ سەھىپىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

مائارىپ ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئوخشاشلا مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولامدۇ - يوق؟ يولداش شى جىنپىڭ 1990 - يىلى مىنجياڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەكتەپنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدىكى گاڭگىراشتىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى.

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەندە، «پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى» مەكتەپكە قايتا كەلدى.

مىنجياڭ شۆيۈەنىگە كىرىپلا ئۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئىلگىرىكى ئالىقانچىلىك چوڭلۇقتىكى يەر ھازىر مۇشۇنداق زور تەرەققىي قىپتۇ، ئۆزگىرىش نېمىدېگەن زور - ھە!

ئەينى يىلى ئوقۇتقۇچى كەمچىل ئىدى، مەكتەپ ياتىقى كەمچىل ئىدى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل ئىدى... شى مەكتەپ مۇدىرى ھەر قېتىم نەق مەيداندا ئىش بېجىرەتتى، ھەتتا بىر يىلى چاغانلىق جەم بولۇش تامىقىنىمۇ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە يېگەنىدى. «ئۆتكۈزۈۋالغىنىم <سېرىق تاختا ئاگاھلاندۇرۇشى> بېرىلگەن تەنزە. مەن ئويلايمەنكى، ئىسمىم يېزىلغانىكەن، ھەقىقىي مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، شۆيۈەن ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك».

مىنجياڭ شۆيۈەنى مەكتەپ تارىخى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە زالىدا، «ئەڭ چوڭ بولۇشنى قوغلاشماسلىق، بەلكى ئەڭ ئەلا بولۇشنى قوغلىشىش، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنى قوغلىشىش» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. يولداش شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، ئۇزاق بولدى.

شياداڭ يېزىسى ئۈچۈن تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈشتىن دېڭىزدا باقمىچىلىق قىلىش، شېزۇ مىللىتىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى تىكىش، سىرلانغان ساپال بۇيۇملىرىنى ياساشقىچە، كۆرگەزمە زالىدا ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى مول ئىدى. باش شۇجى مۇنداق دېدى: «مىنجياڭ شۆيۈەنى بۇرۇنقى قىياپىتىدە ئەمەس ئىكەن، لېكىن مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى ئىزچىل ئىلگىرىكى يولنى بويلاپ مېڭىۋېتىپتۇ».

«بۇ سىرلانغان ساپال بۇيۇمنىڭ ئىسمى <مۈشۈكنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش>»، تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنچىكىلەپ سەپسالدى. ھەقىقەتەن، بېلىق ئىدىشىدىكى بېلىقلار خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنەتتى.

1992 - يىلى، ئۇ خەلق گېزىتىدىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرگەن: ئامېرىكىلىق ياشانغان گارنارد ئەپەندى بالىلىق چاغلىرىدىكى يۇرتى − فۇجوۋ گۇلىڭغا قايتا بېرىپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان، جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ بۇنى ئېسىدىن چىقارمىغانىدى. يولداش شى جىنپىڭ شۇ ھامان گارنارد خانىمغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن.

شۇ پەيتتە، كۆرگەزمە زالىدىكى سىرلانغان ساپال بۇيۇملارنى كۆرۈپ، باش شۇجى ئۆتكەن بۇ ئىشنى ئېسىگە ئالدى. ياشانغان ئەپەندىنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۇھەببىتى ئۇ ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان فۇجوۋنىڭ ئەسلىي سىرلىق لوڭقىسىغا باغلانغانىدى. گارنارد خانىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئاشۇ جۈپ لوڭقىنى فۇجوۋغا سوۋغا قىلغانىدى.

«جەمئىيەت ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلار پىرامىدا شەكلىدە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر تەتقىقات تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپلا قالماي، ئەمەلىي قوللىنىشچان مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىمۇ تۇرغۇزۇشى كېرەك، ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.» يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھنى تاۋلاش، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىدە مەسئۇلىيىتى بار. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك».

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنى. بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى، باش شۇجى نىڭدې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئەھۋالنى دوكلات قىلغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەتنى نامايان قىلىش، تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان چىدامچانلىقنى ساقلاش كېرەك».

«غەيرەت پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكتۇر، چىدامچانلىق تامچە سۇ تاشنى تەشكەنگە ئوخشايدۇ. تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك».

يېڭى مۇساپىدە بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلدى، جيۇجوۋ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.