شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغان پەيتتە، يەنە بىر مەيدان پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە − پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدەم ئىزى كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلارغا يېتىپ، قىزىل ئەسلىمىلەرنى قايتا ئەسلەپ، تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، پارتىيە تارىخىدىن ئالغان ئىلھامنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىشى، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشى، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلىشى، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بۇ ھەقتە «تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى يورۇتۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدەم ئىزىغا ئەگىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنەيلى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى، شىنجاڭ گېزىتى ئەتە بۇ خەۋەرنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى «تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى يورۇتۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدەم ئىزىغا ئەگىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنەيلى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى
مۇھەررىر:
ياسىنجان
|
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
2021/03/27 22:30
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.