تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (4)

1941-يىلى

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»دە «جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى»نىڭ يۈزبېرىش جەريانى خەۋەر قىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى توغرىسىدىكى سۆزى» ئېلان قىلىندى ھەمدە ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ «جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى» توغرىسىدا تارقاتقان خەۋىرى ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە گومىنداڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تۇرۇشنى يولغا قويغان جىنايى سۇيىقەستى پاش قىلىندى. چېن تەنچيۇ دىخۇادىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىغا «جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى»گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى.

كېڭەيتىپ ئوقۇش

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىدە جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ئېلان قىلىندى.

1941 - يىلى 3 - ئايدا، دىخۇادىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى توغرىسىدا ماۋ زېدۇڭ ۋە مەركەزدىكى بارلىق يولداشلارغا تېلېگرامما يوللاپ، بىردەك مۇنداق قارىدى: جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى گومىنداڭ ئىچىدىكى ياپونپەرەسلەر، كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئىزچىل قارشى تۇرۇش سۇيىقەستىنىڭ داۋاملىق ئەۋج ئېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە تەسلىم بولۇش مەقسىتىدىكى غايەت زور ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش. پارتىيەمىز چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى قوغداپ، گومىنداڭنىڭ يولسىز ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كۆپ قېتىم يول قويغانىدى، ھازىر يول قويۇش باسقۇچى ئاخىرلاشتى. بىز ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى قوغداش، ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى قوغداش مەيدانىدا تۇرۇپ، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاممىۋى پىكىر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ياپونپەرەسلەر، جاھىللارغا ئەجەللىك زەربە بېرىشىمىز كېرەك. بىز پۈتۈن مەملىكەت بويىچە (ھەممىمىز) مەركەزنىڭ جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ھىمايە قىلىمىز.

7- ئاينىڭ 1 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»دە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلىندى ھەم ماۋ زېدۇڭ، جۇ دېنىڭ سۈرىتى بېسىلدى. چېن تەنچيۇ دىخۇادىكى بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى يىغىپ، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدا داغدۇغىلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ تۆت يىللىقى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

كېڭەيتىپ ئوقۇش

«شىنجاڭ گېزىتى»دە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز>> ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى ھەم ماۋ زېدۇڭ، جۇ دېنىڭ سۈرىتى بېسىلدى.

11 - ئاي خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى ماۋ زېمىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە پۈتۈن شىنجاڭدا رايون، كەنت باشلىقلىرىغا قارىتا دېموكراتىك سايلام يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئەمەلدارى - شاڭيۇلۇق تۈزۈمى بىكار قىلىندى.

1942-يىلى

5- ئاينىڭ 27 - كۈنى چېن تەنچيۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا دىخۇادىكى يېقىنقى ئىككى قېتىملىق سوتنىڭ ئەھۋالىنى، يەنى: شېڭ شىسەي ئويدۇرۇپ چىققان «ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىش سۇيىقەستى» ۋە «ئالتاي ۋەقەسى»دىن ئىبارەت ئىككى دېلوغا قايتا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەم شېڭ شىچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى، دەپ كۆرسەتتى.

9 - ئاي شېڭ شىسەي ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كوممۇنىستىك پارتىيەگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇردى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى خادىملىرىدىن 154 كىشى (ئائىلە تەۋەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى نەزەربەند قىلدى، ئارقىدىنلا تۈرمىگە تاشلىدى.

1943-يىلى

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى لىن جىلۇ دىخۇا 4 - تۈرمىسىنىڭ شەرقىي قورۇ 5 - نومۇرلۇق كامېرىدا «مەھبۇسلار ناخشىسى» ۋە «ئايالىنى ئەسلەش» دېگەن شېئىرلارنى يازدى، چېن گۇيىن ئاھاڭغا سالدى، بۇ ناخشىلار تۈرمىدە ئېيتىلىپ ۋە تارقىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەردى.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلدى.

كېڭەيتىپ ئوقۇش

گومىنداڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ۋاڭ دېپۇ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك «ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن شىنجاڭ سوت كوللېگىيەسى»نى چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا بىۋاسىتە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى.

چېن تەنچيۇ

ماۋ زېمىن

لىن جىلۇ

1945-يىلى

8- ئاي ئىلغار تەشكىلات «شىنجاڭ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى» جاڭ جىيۈەننى 8 - ئارمىيەنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشقا ئەۋەتتى. پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شەرقىي شىمال، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا، سەنشى - خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن قاتارلىق ئازاد رايونلارغا باردى.

1946-يىلى

6 - ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، جاڭ جىجۇڭ ئەپەندىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭ تۈرمىسىگە قامالغان پارتىيەمىز خادىملىرىدىن 131 كىشى (ئائىلە تەۋەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قويۇپ بېرىلىپ، دىخۇادىن ئايرىلىپ يەنئەنگە قايتتى.

كېڭەيتىپ ئوقۇش

1946 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «ئازادلىق گېزىتى»دە يەنئەندىكى ھەر ساھەنىڭ شىنجاڭدىكى قويۇپ بېرىلگەن يولداشلارنىڭ يەنئەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭدىكى قويۇپ بېرىلگەن كوممۇنىستلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى يەنئەندە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

□ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.