تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى بىڭتۇەندە ئۆتكۈزۈلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى بىڭتۇەندە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، چۈ چىڭشەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى ھەم شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى. لېكسىيە دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇپ، ھەم نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەنگەن، ھەم مىساللار ئارقىلىق يېشىپ تەھلىل قىلىنغان، ھەم تارىخ خۇلاسىلەنگەن، ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىنغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش مەسىلىسى چوڭقۇر شەرھلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن، بىڭتۇەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بىر قېتىملىق قالتىس پارتىيە تارىخى تەربىيەسى كونسۇلتاتسىيە دەرسى ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، بىڭتۇەندە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ قېتىمقى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ كونسۇلتاتسىيە دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئېرىشىشى كېرەك. بىڭتۇەن روھى، توغراق روھى ۋە پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەن ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە باي بولغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىنى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەندە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۇي، كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۈ چىڭشەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە شىخەنزە داشۆ، بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىڭتۇەندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى لېكسىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.