تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى جەمئىي 103 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېرى كەڭ بولۇپ، مول شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئىگە، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى زاپىسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ يىللىق رادىياتسىيە ئومۇمىي مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى بىرقەدەر ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 103 مىليون 700 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، غەربىي شىمال بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 35 مىليون 610 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %34ىنى ئىگىلەيدۇ.

2011 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە سىرتقا يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى يەتكۈزۈش باشلاندى، شۇ يىلى سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى ئاران 225 مىليون 580 مىڭ كىلوۋات سائەت ئىدى، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 26 مىليارد 760 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى، يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشتى.

مۇھىت قوغداش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 100 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 32 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالىدۇ، بۇ، 86 مىليون 400 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدى، 272 مىڭ توننا گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى، 237 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

نۆۋەتتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى «14 - بەش يىل»لىق شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتتە تۈزۈپ، «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 110 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 34 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.