تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيىمىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەملەيمىز

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇردى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوچۇق دەرسى بولدى، 100 يىللىق كۈرەشنىڭ شانلىق داستانىنى قايتا ئەسلەش ئارقىلىق كوممۇنىزم غايىسى تېخىمۇ چىڭىتىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئەسلىي مەقسەت ئارقىلىق كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق يېڭى تارىخىي سەھىپە پۈتىدۇ.

كۈچكە ئېرىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

نەق مەيداندا لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىر كىچىك كېمىدىن ھەيۋەتلىك غايەت چوڭ پاراخوتقا ئايلىنىپ، پۈتمەس - تۈگىمەس مەنىۋى خەزىنە ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى، پەقەت ئۈزلۈكسىز ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ مۇستەھكەملىنىدۇ. بىز ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا ئۇرغۇپ چىققان ئېتىقاد، ئىشەنچ، قىزغىنلىق، قايناق ھېسسىياتنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى غايەت زور ئېنېرگىيەنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چاڭ يۈشۈەن ۋىلايەت، ئوبلاستلىق شۆبە يىغىن مەيدانىدا دوكلاتنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لېكسىيە دوكلاتى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، دەل جايىدا بولۇپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش، قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىش» توغرىسىدىكى تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى، بۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ئورۇنلار ۋە ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى كۆپ خىل بولغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن جىنشىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچكە ئېرىشىپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «قاتناش+ كەسىپ» «كاپىتال + كەسىپ» ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى باشقۇرۇشنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدە ئۆلچەمگە توغرىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ جيې مۇنداق قارىدى: دوكلات يىغىنى ناھايىتى ۋاقتىدا ئېچىلدى، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن شەكىل، ئۇسۇلدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، قومۇلنىڭ پارتىيە تارىخى بايلىقلىرى، قىزىل بازىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.

بىر نىيەتتە خەلقنى كۆزلەپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭيەن مۇنداق دېدى: دوكلات يىغىنى بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. پارتىيە ياچېيكىمىز ۋە بۆلۈمىمىزدىكى تېببىي خادىملار پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئاغرىقلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ مىڭچىڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز «يىپەك يولى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا يېڭى رايونى. يېشىل يېزا ئىگىلىك كىرېمنىي جىلغىسى»نىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى سانجىغا قويۇپ، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، غەربىي رايونغا يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىك يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى، كەسىپلەر ئېگىزلىكى، ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، باغچە رايونىنىڭ «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ھەمتۈرتكە لېكسىيەسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇاڭچاڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرى رېن يىرۇ غەيرىتى تولۇپ تاشقان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، <مەي تاغا دەرسخانىسى> قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل ۋە ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تور، تور سىرتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئاممىغا چوڭقۇر سىڭدۈرىمەن، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> ناملىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن».

قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز

پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل. پارتىيە تارىخىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېننى قانغا سىڭدۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ جىخەي مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مائارىپ سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دۈەن لياڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، روھىمىزنى، كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

«نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ناھىيەدە <جۇڭخۇا روھى. مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بايراق> تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مەن 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ناھايىتى پەخىرلەندىم.» خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەدىنەم روزىتوختى مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش ۋە پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق، مەن بىز تۇرۇۋاتقان گۈزەل دەۋرنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، ۋەتەننىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتىم. مەن ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، گۈزەل ئەتىنى يارىتىمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، جاڭ جىلى، شى شىن، ۋېي يۇڭگۈي، سۇ لۇپىڭ، گې يوۋجۈن، جاڭ يەنفاڭ، جاۋ شىيا، ۋاڭ شىڭرۇي، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر ما جۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.