تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى   چۈ چىڭشەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، چۈ چىڭشەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىستېمىلىق يىغىنچاقلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل تەشكىللەش، ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چۈشەندۈردى، ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى. دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئېنىق، ئەتراپلىق، چۈشەندۈرۈلۈشى تەلتۆكۈس بولۇپ، ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەرىگە ئىگە، ھەم تارىخىي چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسىغا، ھەم رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوچۇق دەرسى بولدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلىتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇش، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرگىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن، چۈ چىڭشەن يەنە ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى مەخسۇس تېمىسىدىكى لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.