جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى ئېلان قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بۈگۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.
پائالىيەت بەلگىسى پارتىيە گېربى، «100» «1921» «2021» دېگەن رەقەم ۋە نۇر سىزىقلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغان 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى جانلىق نامايان قىلىنغان. «100» رەقىمى بەلگىنىڭ ئاساسىي شەكلىنى ھاسىل قىلغان، «1» رەقىمى 100 گىرادۇسلۇق كۆرۈش بۇلۇڭى شەكلىدە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىلگىرىلەش يولىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پارتىيە گېربى بەلگىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 56 تال نۇر سىزىقى «100» رەقىمىنى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش نۇرىنىڭ جۇڭخۇا زېمىنىنى جۇلالاندۇرغانلىقى، كەلگۈسى يولنى يورۇتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گىرەلەشتۈرۈلگەن «1921» رەقىمى 100 يىل ئىلگىرىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، «2021» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى باشلىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىككى چەمبەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ خۇددى توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقان تارىخ چاقىدەك توسالغۇسىز ھالدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پائالىيەت بەلگىسىنى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇھىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى بۇيۇملىرىنى ياساشتا كەڭ كۆلەملىك ئىشلەتسە بولىدۇ.