تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈندىلىك ئۆگىنىشكە سىڭدۈرۈپ، دائىملىق تۇتۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتتى

كۈندىلىك ئۆگىنىشكە سىڭدۈرۈپ، دائىملىق تۇتۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

كۆپ سۇپىدىن پايدىلىنىش، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باغچىسى» قۇرۇش، تەشۋىقاتنى كەڭ قانات يايدۇرۇش... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۈندىلىك ئۆگىنىشكە سىڭدۈرۈپ، دائىملىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەستايىدىل تەشكىللەپ، بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى پۇختا ئۆگىنىش، ئۆزى تاللىغان ھەرىكەتنى كېڭەيتىپ ئۆگىنىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ، تۈرتكە بولۇپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھەر ھەپتىلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پىلانىنى تۈزۈشتىن باشقا، كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى يەنە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» «تىيانشان ئاۋانگارتلىرى» قاتارلىق ئۆگىنىش تەربىيەسى سۇپىلىرى ۋە «شىنجاڭ پارتىيە تارىخى» قاتارلىق قەرەللىك ژۇرنال، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك دەرسلىكى قاتارلىق تور بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخى كىتاب ئوقۇش يىغىنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆگىنىشنىڭ نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقى، ئەمەلىيەت سالمىقى، ھېسسىيات ھارارىتىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتىگەنلىك ئۆگىنىش بىلەن كەچلىك ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈش، كۈندىلىك ئۆگىنىش بىلەن ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، سەككىز سائەت ئىچىدە ئۆگىنىش بىلەن سەككىز سائەت سىرتىدىكى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇش، خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلدى.

ماناس ناھىيەسى «ئاقىل مەھەللە» تېلېۋىزىيە تېرمىنالىدىن پايدىلىنىپ، توردا ئۆگىنىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرى، سىياسىي نەزەرىيە، قىزىل كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرى قاتارلىق مەخسۇس سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىپ، توردا ئۆگىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى ھەر تەرەپلىمە، نۆل ئارىلىقتا ھەرۋاقىت ئۆگىنىشتىن بەھرىمەن قىلدى. «<ئاقىل مەھەللە> ئاچقان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس سەھىپىسى ئىنتايىن ئەمەلىي بولۇپ، مېنى ھەر ۋاقىت پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ماناس ناھىيەسىنىڭ ماناس بازىرى دۇڭگۇەن مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى گاۋ ليەندى.

تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق داۋلىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇلۇغچات ناھىيەلىك كۇتۇپخانا كۇتۇپخانا ئىچىدە مەخسۇس مەيدان تەسىس قىلىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باغچىسى» قۇردى ھەم مەخسۇس پوكەي تەسىس قىلىپ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنى تىزىپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ جايدا تېخىمۇ ياخشى ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەش، ئىنقىلابىي روھنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك كۇتۇپخانا يەنە ئالاقىدار كىتابلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرقايسى يېزا - كەنت مەدەنىيەت پونكىت(ئۆي)لىرىغا تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باغچىسى» قۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ «مىكرو بازا»سىنى بەرپا قىلىپ، «ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى ئوقۇيدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان» ئۆگىنىش كەيپىياتى ياراتتى.

«بۇ يەردە پارتىيە تارىخىغا ئائىت تۈرلۈك كىتابلارنى ئوقۇيالايمىز. ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن كوممۇنىستىك ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بالدۇرراق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇرتۇمغا، ئەتراپىمدىكىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى سۇلتان غەيرەت.

لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. خوشۇت ناھىيەسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە مول تۆھپىلىرى، ئۇلۇغ نەتىجىلىرى» توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى پۈتۈن ناھىيەنىڭ دائىملىق تەشۋىقات خىزمىتى ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك «ئالتۇن رەڭلىك يېزا - قىشلاق . قىزىل خوشۇت» لېكسىيە سۆزلەش باش ئەترىتى ۋە ئالتۇن توغراق لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتى، يۇلغۇن ساھىلى لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى، ئات - تۆگىلىك لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى قاتارلىق 17 لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ لېكسىيە سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ پارتىيە تارىخى مىكرو ھېكايىسىنى سۆزلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېيتىش، ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترىتىنىڭ «لېكسىيە سۆزلەش + ئەدەبىيات - سەنئەت» پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىشكە يېتەكلىدى.

لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ تاغارچى بازىرى خويورمودون كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نيۇ خۇەن مۇنداق دېدى: «مەن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> دېگەن كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېڭ لۇڭباۋ، يې شياۋرۇڭ، ياڭ پېڭ، خې خۇڭلياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.