تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، «14 - بەش يىل»دا شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.