تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەزداش چەمبەر ياخشى سىزىلدى ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى پېڭ (سولدىن 3 - كىشى) ئالىمجان غوجىئەخمەت (سولدىن 2 - كىشى) ئائىلىسىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە مۇزىكا چېلىپ ناخشا ئېيتماقتا. لى پېڭ بىلەن ئالىمجان غوجىئەخمەت ئىككىيلەن مۇزىكا ئىجادىيىتى سەۋەبىدىن تونۇشۇپ سىرداشلارغا ئايلاندى، نەچچە ئون يىللىق مۇزىكا ئىجادىيىتى سەپىرىدە ئىككىيلەن قول تۇتۇشۇپ ھەقىقىي ھېسسىيات ۋە ئىللىقلىققا تويۇنغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كوللېكتىپ كۈيىنى يازدى. (لى فېي فوتوسى)

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.» بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەردە كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش يولى كۆرسىتىپ بەردى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات - تەربىيەسى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزدى، ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

«ئۇششاق قەدەم ئېلىش، بەلنى چوڭ تولغاش، ئىككى ئادەم قايچىلىشىش، يېرىم زوڭزىيىش شەكلىدە كەينىگە يۆتكىلىپ مېڭىش...» 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكىدا، يەتتە ياشلىق مۇخسىنە قۇربان رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇنىڭ كەينىدە 100 دىن ئارتۇق بالا ئۇياقتىن - بۇياققا سەكرەپ، جۇشقۇنلۇق ھەم شوخلۇق بىلەن بېلىدىكى كىچىك دۇمباقنى چېلىۋاتاتتى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزدى.

<<بىز ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى» مۇخسىنەنىڭ سۆزلىرى تاتلىق شۇنداقلا قەتئىي ئىدى. بۇ مەكتەپتە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى مۇخسىنەگە ئوخشاش بەل دۇمباق چېلىشنى بىلىپلا قالماي، يەنە چۇنليەن يېزىش، قەغەز قىيما قىيىش، گۇجېڭ چېلىشنى بىلىدۇ... جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش بۇ مەكتەپنىڭ ئىدىيەسى بولۇپ، تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ تەربىيەلەپ، بالىلارنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چىن كۆڭلىدىن قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

18 يىلدىن بۇيان، ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئۇنىڭغائىسلاھات ئاۋانگارتى دەپ نام بېرىپ، ئۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى» دەپ ئاتىدى.

ناخشا پىلاستىنكىسى، كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئىزناك... ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچىسى چاۋياڭ مەھەللىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسىدا، 2000غا يېقىن «قىزىل ئەسلىمە» كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

«ھازىر كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى، ئىگىلىك تىكلىسە سىياسەت بار، مەكتەپتە ئوقۇسا ياردەم پۇلى بار، كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالار ئۈچۈن ئىنچىكە ئويلاشتى، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئېجىل - ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز، خۇشال - خۇرام ياشاۋاتىمىز. بىز نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نەپنىڭ كىمگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى چۈشىنىپ، چىن كۆڭلىمىزدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك>>. 62 ياشلىق مەھەللە ئاھالىسى ئەركىن قادىر دائىم بۇ يەرگە كېلىپ كونا بۇيۇملارنى كۆرۈپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ياد ئېتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلىدىغان، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق بەخت يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى ئارا ئايماق كەنتىگە كېلىپ تۇغقانلىرىنى يوقلىدى. ھەر مىللەت كادىرلار ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا ياخشى چارە - تەدبىرلەرنى كۆرسەتتى، تەرەققىيات ئۈستىدە پاراڭلاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسى توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىپ، تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش كۈيىنى ئورتاق يازدى. «مېنىڭ ياخشى تۇغقىنىم، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولغاچقا مەن بەك خاتىرجەم بولدۇم» دېدى كەنت ئاھالىسى ئاسىيەم ئىمىن خۇشال ھالدا تۇغقىنىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.

ماناس ناھىيەسىنىڭ ماناس بازىرى نەنچېڭ مەھەللىسىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 13 مىللەتتىن بولغان ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان مەنزىرىنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، «100 ئائىلىلىك زىياپەت»كە بىللە قاتنىشىدۇ...

«ھەر قېتىم چاغان - بايرام ئۆتكۈزگەندە، بىز خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمىز، كەيپىيات ناھايىتى ئىللىق ھەم قىزغىن بولىدۇ» دېدى مەھەللە ئاھالىسى مەلىكىزات نىياز.

بۇنىڭغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ھېكايىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەر كۈنى بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ.

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش باش تېمىسىنى باشتىن - ئاخىر مەھكەم ئىگىلەپ، 2016 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، مىليونلىغان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىغا ياردەم بېرىپ، ئامما بېجىرىلىشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ جىددىي بېجىرىشكە تېگىشلىك، ھازىر بېجىرگىلى بولىدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىپ بەردى، «كەنتتە تۇرۇش»تىن «ئائىلىلەردە تۇرۇش»قىچە، يەنە «قەلبكە ئورناش»قىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەممە جايدا تۇغقىنى بار بولدى، ناھىيەدە تۇغقىنى بار، شەھەردە تۇغقىنى بار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە تۇغقىنى بار، پايتەخت بېيجىڭدىمۇ تۇغقىنى بار بولدى.

ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست(شەھەر)» بەرپا قىلدى؛ 69 ئورۇنغا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون(ئورۇن)» دەپ نام بېرىلدى.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەر دائىم پورەكلەپ ئېچىلدى

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان قۇربان تۇلۇم قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشكەندىكى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى يوقلاش»نى ئويلىغان، كېيىن ماۋ جۇشىنىڭ ئىككى قېتىم قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، كىشىلەر سەمىمىي ھالدا ئۇنى «قۇربان تاغا» دەپ ئاتىغانىدى.

2017 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئىزچىل قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىگە ئورنىدى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىدى.

ئۈرۈمچى شىسەن سولياۋ زاۋۇتىدىن داپۇگوۋ مەھەللىسىگىچە بولغان شەھەر ئەتراپى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ئاممىۋى قاتناش شوپۇرى گۇ شياڭفېڭ ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لىنىيەسىگە ئايلاندۇردى؛ بىڭتۇەننىڭ ئايال خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭ بىلەن گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان مەمەتتۇرۇپ مۇساق خىزمەتتە، تۇرمۇشتا چوڭقۇر ئاچا - ئىنىلىك مېھرى ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى «بىر نان تاپسا تەڭ يېدى»، بىرلىكتە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىپ، قان - تەرى بىلەن ئەسلىدىكى قاقاس شورلۇق يەردە پۈتۈن شىنجاڭغا داڭلىق باي كەنت قۇردى...

ۋۇ دېڭيۈن، ھەنىپە ئالىماخۇن، جۇاڭ شىخۇا... بۇ ئىسىملارغا ئالاقىدار ھەربىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى تاغ - دەريالارنى تەسىرلەندۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلبىدىكى مەنىۋى كوردىناتقا ئايلاندى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار «ئىتتىپاقلىق» دېگەن سۆزنى ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەر دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.