تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، سانجى شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپ كەڭ كۆلەمدە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇش، دېكلاماتسىيە قىلىش، ماقالە يېزىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوقۇغۇچىلارنى كىتابنى ياخشى ئوقۇش، ياخشى كىتابنى ئوقۇشقا يېتەكلىدى. (ياڭ بىن فوتوسى)

«ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىمىزدىكى بالىلار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ كىچىك تەرجىمانلىرىغا ئايلاندى، ئۇلار ئاتا - ئانىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بىللە ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.» بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىيازنىڭ سۆزلىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجىلىرى ئىپادىلەندى.

يېزىلاردىكى يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ «كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش»، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئالىي مائارىپ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتقا يۈزلەندى... مائارىپ بۈگۈنگە مۇناسىۋەتلىك، تېخىمۇ مۇھىمى ئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، سېلىنما سالمىقىنى سىجىل، ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «ئوقۇيالايدىغان بولۇش»تىن «بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش»قىچە، مائارىپ ئىشلىرى تېخىمۇ ئادىل ھەم سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىدى.

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولدى

كۆك، سۇس سېرىق، سۇس يېشىل رەڭلەر ئاساسىي رەڭ قىلىنغان تام، يۇمىلاق ئەگمە دېرىزە، بالىلىق قىزىقىشىغا تولغان سىنىپلاردا زامانىۋى ئۈسكۈنە - جابدۇقلار مۇكەممەل بولۇپ، ئوماققىنە قىلىپ ياسالغان قول ھۈنەر ئەسەرلىرى كارىدورغا لىق ئېسىلغانىدى. سىنىپتىن بالىلارنىڭ شوخ ناخشا ئاۋازى ياڭراپ تۇراتتى.

بۇ چۆچەكلەردەك بېزەلگەن بالىلار شادلىق باغچىسى مەكىت ناھىيەسى يانتاق يېزىسىنىڭ مەركىزىي يەسلىسى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 600دىن ئارتۇق بالىنى سىغدۇرالايدۇ.

«ئۇيقۇدا سەزمەپتىمەن، ئېتىپتۇ تاڭ، كەلتۈرۈپتۇ كۈيچى قۇش ئەتراپنى چاڭ...» بەش ياشلىق رەئىسە قاسىمنىڭ يەسلىگە كىرگىنىگە ئىككى يىل بولغان بولۇپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدىكى قەدىمكى شېئىر ۋە بالىلار ناخشىسىنى ئۆگىنىپ بولدى، ئۇ ھەر كۈنى ئۆيگە قايتقاندا ئاتا - ئانىسىغا كىچىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ، يەسلىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بېرىدۇ.

بالىلار بىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى «كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش». پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. «بىرمۇ يەسلى ناچار بولماسلىق، بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» تەلىپى بويىچە، 2017 - يىلى 9 - ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ سېلىنغان سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق 4408 يېزا يەسلىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، رەئىسەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن 1 مىليون 176 مىڭ 200 بالىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىلا يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولدى.

يېزا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى بىر تەرەپتىن يېزىلاردىكى يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، بالىلار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە ئوقۇتۇشنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت ئورتاق تىلىنى چۈشىنەلەيدىغان ھەم سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئۆگىنىشكە ياخشى ئاساس سالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنىڭ، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ، خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ياكى يېقىن ئەتراپتا ئىشلەپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇردى.

«ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش تىزگىنلىنىپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ» بىرمۇ بالا چۈشۈرۈپ قويۇلمىدى

«يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىرمۇ بالىنىڭ چۈشۈپ قالماي مەكتەپكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈش ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش» دېدى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىكىم تۇرسۇن.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىمۇ چۈشۈپ قالماي مەكتەپكە بېرىشى شۇ جاينىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. «بىز ھەرقايسى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» ئابلىكىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتەپ نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان دۆلەتنىڭ مەبلەغ ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ھەربىر سىنىپ مەسئۇلى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرگە بىر ياردەم بېرىش - يۆلەش ئوبيېكتى بار بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى.

ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاش، نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىم يولى.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئائىلە قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى كۈچلەرگە چېتىلىدىغان ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بولۇپ قالدى.

ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنى بېكىتىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش، نازارەت قىلىپ ئۆلچەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى دەل جايىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون باشتىن - ئاخىر مائارىپنى مالىيە چىقىمىدىكى نۇقتىلىق ساھە سۈپىتىدە ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى. «13 - بەش يىل»دا جەمئىي 19 مىليارد 840 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇغۇچى سانى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىپلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ۋە يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈردى.

بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.9تىن يۇقىرى بولدى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇپ، 2020 - يىلى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۆزلىمە نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئالىي مائارىپ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتقا قەدەم قويدى

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، شىنجاڭ داشۆگە زور خۇش خەۋەر كەلدى − شىنجاڭ داشۆنىڭ «ئۆلكە - مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرىدىغان كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى» تەستىقلاندى. بۇ، شىنجاڭ داشۆنىڭ تۇنجى بولۇپ تەستىقلانغان ئۆلكە - مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قەشقەر داشۆ بۇ يىل مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېببىي ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قويۇپ، تېببىي شۆيۈەن قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پىلانلاشنى باشلىدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى يەنىمۇ ئاشتى. ئالىي مائارىپنى تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تېز ئالغا سىلجىتىلغاچقا، شىنجاڭ داشۆ دۆلەت بويىچە «قوش ئالدىنقى قاتار»دىكى داشۆ قاتارىغا كىردى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مۇستەقىل شۆيۈەنلەرنى يۆتكەپ تەسىس قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئالىي مائارىپ بايلىقى تېز سۈرئەتتە جەنۇبىي شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈر قۇرۇلمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى سىجىل كېڭەيتىلىپ، نۇقتىلىق پەنلەر، ئالدىنقى قاتاردىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرى ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىدا يېڭى يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى.

«بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا <شىنجاڭ داشۆنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىنى تاماملاش> تىلغا ئېلىندى، بىز يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىنى مەكتەپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى قىلىمىز.» شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ياۋ چياڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ داشۆ پەنلەر قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىدۇ، بولۇپمۇ ماگىستىر، دوكتوردىن ئىبارەت يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاسپىرانتلارنىڭ نىسبىتىنى تىرىشىپ %50كە يەتكۈزۈپ، مەكتەپنىڭ تەتقىقات تىپىدىكى داشۆگە ئۆزگىرىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

ئادىل ھەم سۈپەتلىك بولۇش يېڭى دەۋر مائارىپقا يۈكلىگەن يېڭى بۇرچ. ئاپتونوم رايونىمىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى يېڭى يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ، «يول خەرىتىسى»نى بېكىتىپ، «ۋەزىپەنامە»نى تۈزۈپ، «ۋاقىت جەدۋىلى»نى ياخشى سىزىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ يولغا قويۇپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئىللىق نۇرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.