تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى بۇ يىل 10 مىليون توننىلىق دەۋرگە قەدەم قويىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ تىيانشان پولات - تۆمۈرچىلىكىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئىلى پولات - تۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتا تەشكىللىنىشى شۇنداقلا شىركەت باش ئىشتابىنىڭ مەھسۇلاتنى 1 مىليون توننا ئاشۇرۇش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى 10 مىليون توننا دەرىجىلىك پولات كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

شىنجاڭ ئىچىدىكى پولات - تۆمۈر كەسپىنىڭ بايلىق تەقسىماتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش، رايون رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىچىدىكى پولات - تۆمۈر شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈش جۇڭگو باۋۋۇ پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمىتىگە ئايلاندى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى باش بولۇپ قۇرغان شىنجاڭ تىيانشان پولات - تۆمۈر بىرلەشمە چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىچىدىكى پولات - تۆمۈر شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىرىكتۈرۈش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پولات - تۆمۈر شىركىتى بىلەن ئىلى پولات - تۆمۈر شىركىتىنى بىرىكتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ لايىھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون توننا بولۇپ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى باش ئىشتابىنىڭ «بىر باش ئىشتاب، كۆپ بازا» بولۇشتەك ئورۇن بەلگىلىشى بويىچە، «ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم، ئاقىل ياسىمىچىلىق، ئەڭ يۇقىرى تەننەرخ، يېشىل تەرەققىيات» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېسىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئىلى پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئەسلىي گەۋدىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستلىق پولات - تۆمۈر زاۋۇتى بولۇپ، ئۇ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى لىنىيە ماتېرىياللىرى ئېسىل بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. قايتا تەشكىللەنگەن ئىككى پولات - تۆمۈر كارخانىسىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 3 مىليون توننىغا يېقىنلىشىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى دەرھال باشقۇرۇش كوللېكتىپىنى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، «بىر باش ئىشتاب، كۆپ بازا» مەشغۇلات ئەندىزىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، «بىر زاۋۇت بىر زاۋۇتنى ھۆددىگە ئېلىش، بىر بۆلۈم بىر بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش»تىن ئىبارەت ماسلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سىستېما ئىقتىدارىدىن باشلاپ قول سېلىپ، «100 كۈنلۈك پىلان»نى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قايتا تەشكىللەنگەن ئىككى كارخانا ۋە 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى باش ئىشتابىدا باسقۇچلارغا بۆلۈپ، خادىملارنى تىرەك قىلىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كۆچۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن قاپلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000دىن كۆپرەك ئالغا سىلجىتىش تۈرىنى يولغا قويدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق ئۈچ جاينىڭ ماسلىشىشىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈم 30 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بايلىققا بولغان تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، نىشانلىق بازار تېخىمۇ مەركەزلىشىپ، ئەشيا ئوبوروت خىراجىتى قاتارلىقلار كۆرۈنەرلىك ئازايدى.

بۇ يىل 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى باش ئىشتابى يەنە 7 مىليون 200 مىڭ توننىلىق مەھسۇلات مىقدارىنى نىشان قىلىپ، مەھسۇلاتنى بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون توننا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆمۈر بىلەن پولاتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، دومنا پېچتىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى ئۆستۈرۈش، مېتال تاۋلاش رىتىمىنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندىكى قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى باش ئىشتابى ھەم قايتا تەشكىللەنگەن ئىككى كارخانا جەمئىي ئىشلەپچىقارغان تۆمۈر، پولات، ماتېرىيال ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليون 152 مىڭ 100 توننا، 1 مىليون 212 مىڭ 400 توننا، 1 مىليون 138 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، ئۇدا ئىككى ئاي پايدا ئېلىندى، بۇ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈم ئېففېكتى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ 10 مىليون توننىلىق دەۋرگە قەدەم قويۇشى شىنجاڭ ئىچىدىكى پولات - تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ كىچىك ھەم تارقاق بولۇشتەك كەسىپ ئەندىزىسىنى ياخشىلاش، شىنجاڭ ئىچىدىكى بايلىقنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش رولىنى ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.