جىڭ:
بۇلۇت دەرسخانىسى كادىرلار، ئاممىنى ئۆيىدىن چىقمايلا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن خەۋەر قىلىدۇ: «1935 - يىلى 2 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى قىزىل 3 - جۈنتۇەن 12 - تۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى جۇڭ چىبىڭ لوۋشەنگۇەن ئۇرۇشىدا بەختكە قارشى يارىلانغان، ئۇنىڭ ئوڭ پاچىقىغا دۈشمەننىڭ ئوقى تەگكەندىن كېيىن يارىدار تۇرۇپمۇ جەڭ قىلغان...» 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 9 - ئەترىتىنىڭ ئەترەت تارىخ زالىدا، جىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقاتچىسى چىن نا تور رىياسەتچىسى بولۇپ، كامېرا ئالدىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى جانلىق تىل بىلەن بايان قىلدى.
يېقىندا، جىڭ ناھىيەسى بۇلۇت دەرسخانىسى تەسىس قىلىش ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، كادىرلار، ئامما ئۆيىدىن چىقمايلا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنەلەيدىغان ھەم ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ھەر ۋاقىت قايتىلاپ كۆرەلەيدىغان بولدى.
پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقاتچىلارنى تەشكىللەپ تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ لېكسىيە سۆزلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ھەم يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ «100 يىللىق پارتىيە تارىخى قىزىل ھېكايە يىغىنى» سەھىپىسىنى ئاچتى. بىر تەشۋىقاتچىغا بىر سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسى قوشۇلسا بىر كۆچمە دەرسخانا بولىدۇ، بىر قېتىملىق مىكرو دەرس، بىر بۆلەك قىسقا سىن بىلەن بىر قېتىملىق «توردا» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيە دەرسىنى باشلىغىلى بولىدۇ. جىڭ ناھىيەسى يەنە توردىكى، تور سىرتىدىكى خىزمەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن پارتىيە تارىخى ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ تەسىرلىك، جانلىق قىلدى.
«بىز قىسقا - قىسقا تەسىرلىك پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىنى قىسقا سىن، ئۈن قىلىپ ئىشلەپ، ۋىيشىن توپى، دىڭ دىڭ توپى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىغا تارقىتىپ، كۆپچىلىكنى ئۆيىدىن چىقمايلا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق». چىن نا مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە ئۆگىنىش ئارزۇسىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ تەپەككۇرى، ئويلىغانلىرى، ئېھتىياجى، ئۈمىدىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېھتىياجلىق دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەييارلىدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ئۆگىنىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولدى».
جىڭ ناھىيەسى جىڭ بازىرىنىڭ ئاھالىسى جياڭ شىنشەن مۇنداق دېدى: سىنىپتا ياكى يىغىن زالىدا ئولتۇرۇپ لېكسىيە ئاڭلىغانغا قارىغاندا، بۇ خىل بۇلۇت دەرسخانا شەكلى تېخىمۇ ياخشى ئىكەن، ۋاقىت، بوشلۇق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگەنگىلى بولىدىكەن.
نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسى بۇلۇت لېكسىيەسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، H5، قىسقا سىن، كارتون قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، بۇلۇت تېرمىنالىدىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ يوللار ئارقىلىق قىزىل ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، ئىنقىلابىي روھنى قايتا ئەسلەپ، بىرلىكتە تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.