تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاڭلاڭ، خوتەن بوستانلىقىدا ئەتلەسنىڭ ئۆزگىچە كۈيى ياڭرىماقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋلۇڭ، شۈ شېڭ، دۇڭ بوتىڭ

3 - ئاي، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدا دەل كۈزگى بۇغداي كۆكلەپ، تاللار نوتا چىقىرىدىغان مەزگىل. چۈشتىن كېيىن بولغان چاغ، بىر توپارەڭ خىش ئۆيدىن غاچۇر - غۇچۇر قىلغان ئاۋاز توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىز ئاۋازغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردۇق، ئالتە - يەتتە يىپەكچى ئۇستام قول - پۇتلىرىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، ياغاچتىن ياسالغان توقۇش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىپ، قىزىل، سېرىق، يېشىل، كۆك، ئاق، قارا قاتارلىق رەڭلەر بىلەن بويالغان نەچچە مىڭ تال مەشۇت يىپتىن ئۇزۇنلۇقى يەتتە مېتىر، كەڭلىكى 48 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئەتلەسلەرنى توقۇۋاتاتتى.

ئەتلەس شىنجاڭنىڭ خاس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق يىپەك توقۇمىچىلىق تارىخىغا ئىگە خوتەن بوستانلىقىدا بارلىققا كەلگەن. 2008 - يىلى، ئەتلەس توقۇش، بوياش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەتلەسنىڭ ئابستراكت ھەم رەڭدار گۈل نۇسخىلىرى كىيىم - كېچەك، باش كىيىم ھەم تۈرلۈك ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىدا بارغانسېرى كۆپ پەيدا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق كۆرۈنمە بەلگىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

توقۇمىچىلىق ھۈنەرخانىسىدا، بارلىق يىپەك ئۇستىلىرى خۇددى سەنئەت بۇيۇمىنى ئىجاد قىلغۇچىغا ئوخشاش، قولىدىكى ھەربىر تال مەشۇت يىپقا ئىنچىكىلىك بىلەن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتاتتى. بىر پارچە ئەتلەسنى توقۇپ پۈتتۈرۈشكە ئەڭ تېز بولغاندىمۇ بىر يېرىم كۈندىن ئىككى كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

ئالتۇنخان ئۇرايىم ئۆز جەمەتىدىكى 6 - ئەۋلاد يىپەك ئۇستىسى ئىكەن. ئۇ 12 يېشىدىن باشلاپ ھۈنەر ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 48 يىللىق توقۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن. بۇ خىل ئەنئەنىۋى توقۇش ھۈنەر - سەنئىتى بەك زېرىكىشلىكمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا، ئالتۇنخان قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈۋېتىپ مۇنداق دېدى: «قولدا توقۇلغان ئەتلەسنى توقۇشتا <سەۋرچانلىق>نى سىنايدىغان گەپ، رەڭگارەڭ مەشۇت يىپلارنىڭ ئاز - ئازدىن نەپىس نۇسخىلارغا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ھۇزۇر!»

ئەگەر قولدا ئەتلەس توقۇشنى يېقىملىق، لەرزان مېلودىيە دېسەك، ئۇنداقتا ماشىنىدا ئەتلەس توقۇشنى جۇشقۇن ھەم ياڭراق سىمفونىيە دېيىشكە بولىدۇ.

ئوخشاشلا جىيا يېزىسىدا، ئاق رەڭلىك پولات تاختىدىن ياسالغان بىر سېخ ئىچىدە، ئون نەچچە توقۇش ماشىنىسى بىردەممۇ توختىماي گۈرۈلدەپ تۇراتتى، قۇلاق پۇرۇپكىسى تاقىۋالغان تۆت - بەش ئىشچى ماشىنىغا يېقىنلا جايدا ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، كۆزلىرى بولسا توقۇش ماشىنىسىدا يۆتكىلىپ تۇرۇۋاتقان مەشۇت يىپلارغا تىكىلگەنىدى.

«بىر توقۇش ماشىنىسىدا ھەر كۈنى ئۈچتىن تۆت پارچە ئەتلەس تەييار مەھسۇلاتىنى پىششىقلىغىلى بولىدۇ، بىر ئىشچى ئاز دېگەندە بۇنداق ماشىنىدىن ئىككىنى باشقۇرالايدۇ» دېدى 34 ياشلىق گۈلنۇرى سەيدى. 2019 - يىلى، ئۇ ئېرى بىلەن بۇ ئىككى توقۇمىچىلىق سېخى، بىر بوياقچىلىق زاۋۇتىدىن تەركىب تاپقان ئەتلەس ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرغان ئىكەن.

مۇرەككەپ بولغان قولدا توقۇشقا سېلىشتۇرغاندا، ماشىنا بىلەن توقۇش خېلىلا ئاسان بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر يېرىم يىلغا يەتمەيلا پىشقان ئىشچىغا ئايلىنالايدىكەن. نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ كەنتكە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان ئورۇن گۈلنۇرىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپتۇ، بۇنىڭ بىلەن توقۇش ماشىنىسى 24 تىن 39 غا كۆپىيىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامرات ئائىلىلەردىن يەنە 20 ئىشچى قوبۇل قىلىپتۇ.

سېتىلىش باھاسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، ماشىنىدا توقۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدىكەن. گۈلنۇرى بىلەن ئېرى بازار ماركېتىڭى قىلمىسىمۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

گۈلنۇرى مۇنداق دېدى: «ماشىنا توختاپ قالمىسىلا، ئىشچىلار ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە مائاش ئالالايدۇ.» ئەتلەس شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

تېز، راۋان تاشيول، تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتىدىن پايدىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەتلەس يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرىگە سىڭىپ كىرمەكتە. ئەتلەس توقۇيدىغان زور مىقداردىكى مەشۇت يىپ جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن يۆتكەپ كېلىنىپ، پىششىقلىنىپ ئەتلەس تەييار مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوموبىل ياكى پويىز ئارقىلىق قەشقەر، ئۈرۈمچى ياكى تېخىمۇ يىراق جايلارغا يەتكۈزۈلۈپ سېتىلىدىكەن.

گۈلنۇرى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بىر قېتىم ۋوگزالغا بېرىپ بىر تۈركۈم خام ماتېرىيال ئەكېلىدىكەن. «بۇ يىل قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن زاكاز كەلدى، سېخلار ئىزچىل نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. ئېرىم يېقىندىن بۇيان ئىزچىل ھەرقايسى جايلارغا مال يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى» دېدى ئۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.