تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاشقا كۈچىدى

دۆربىلجىن سانائەت باغچە رايونى:

يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاشقا كۈچىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە ئىختىيارىي مۇخبىر ما شىنخۇي

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆربىلجىن (بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، لياۋياڭ) سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىنتيەنجۈن ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىگە بارغىنىمىزدا، سېخ ئىچى قايناق ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىگە چۆمگەنىدى.

«شېنياڭ، بېيجىڭدىكى خېرىدارلار زاكاز قىلغان ماللارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز. 1 - ئايدا شىنجاڭ سىرتىغا ساتقان مەھسۇلاتىمىز 700 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %200 ئاشتى. بۇ يىل بىز شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۈنىگە 500 توننا بۇغداينى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشنى باشلىدۇق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بازارلارنى ئاچىمىز» دېدى شىنجاڭ شىنتيەنجۈن ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جېڭ جۇڭ.

ھازىر، بۇ سانائەت باغچە رايونىدىكى دۆربىلجىن شىنخۇڭجى يەم - خەشەك چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ھازىر، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. دۆربىلجىن شىنخۇڭجى يەم - خەشەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ فۇشېڭ مۇنداق دېدى: «بىز كۆممىقوناق سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆممىقوناقنى ياپراقچىلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەم - خەشەك سېتىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدۇق».

دۆربىلجىن (بىڭتۇەن - يەرلىك، لياۋياڭ) سانائەت باغچە رايونى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان باغچە رايونى بولۇپ، ھازىر ماكانلاشقان كارخانىدىن 16سى بار، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە 5000دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى 1 مىليون موغا يېقىن ئاشلىق، كىچىك شىرنىلىك مېۋە، دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىش ۋە 100 مىڭ تۇياق كالا - قوي بېقىشقا تۈرتكە بولۇپ، بۇلتۇر ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى.

باغچە رايونىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى شىنجاڭ لۇڭخۇييۈەن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىمۇ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان قارىقات شەربىتى، مېۋە قىيامى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاخىرقى قېتىم تەڭشەشكە تەييارلانماقتا. شىنجاڭ لۇڭخۇييۈەن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى چاڭ مياۋ مۇنداق دېدى: «بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق مېۋە - كۆكتات پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئاساسلىقى قارىقات، جىغان قاتارلىق كىچىك شىرنىلىك مېۋىلەرنى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىدۇ، سائىتىگە 1.5 توننا يېڭى مېۋە پىششىقلاپ، 6000 بوتۇلكا ئەتراپىدا تەييار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش كېڭەيتىلىپ ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى، يەنە بىر تەرەپتىن مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىلدى، 3 - ئاي كىرىشى بىلەن سانائەت باغچە رايونى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى تەيخېفۇخۇا پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ پۇرچاق سۈتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىمى زېڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، شىركەت پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.