ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خې جياڭ، جەزىرە نېسىپبېك
بىرقانچە كۈنلەردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاغىياز قىشلىقىدىن ئەتىيازلىق ئوتلاققا كۆچتى (3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تارتىلغان). (لى ۋېنۋۇ فوتوسى)
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 9، ئېغىزدىن چىققان ھور قىراۋغا ئايلىناتتى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئاغىياز قىشلىقىدىن توۋلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سارقوبۇ يېزىسىنىڭ سۇغاق توقاي كەنتىدىكى چارۋىچى نۇركەلدى تالىپ قوتاننىڭ قاشاسىنى ئاچتى، 150 قوي قىستىلىشىپ چىقتى. نۇركەلدى بىرمۇ قوينىڭ قېپقالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئېتىغا مىنىپ قوي پادىسىنى ھەيدەپ ئەتىيازلىق ئوتلاققا قاراپ يولغا چىقتى.
قار تېخى ئېرىپ بولمىغان ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى بىرقانچە ناھىيەدە مىليونلىغان كالا - قوي كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈۋاتاتتى. يول يەنىلا ئەسلىدىكى ئاشۇ يول، لېكىن پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە يولغا چىققان، كىگىز ئۆي ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى لىق ئارتىلغان تۆگە كارۋىنىنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش تۇرمۇشىدا ئۈن - تىنسىز ئۆزگىرىش بولغانىدى.
ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ياسىغان چارۋا يولىدا نامايان بولغان يېڭى قىياپەت
«بالدۇرراق يولغا چىقايلى، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئاغىياز جىلغا ئېغىزىدىن چىقىپ كېتەلەيمىز» دېدى نۇركەلدى.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، نۇرغۇن چارۋىچى ئۆزى چارۋا باقمايدىغان بولدى، بەلكى چارۋىلىرىنى ۋاكالىتەن باقتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى، ئىگىلىك تىكلىشى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىدىغان بولدى. نۇركەلدى ماڭغاچ، بىر قوينىڭ ۋاكالىتەن بېقىش ھەققى 15 يۈەن، بىر يىلدا 100 قوينى ۋاكالىتەن باقسام 1500 يۈەن ئارتۇق تاپالايمەن، دەپ ھېسابات قىلدى، ئۇمۇ ۋاكالىتەن بېقىش قوشۇنىغا قاتنىشىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە بۇ يىل 500 مىڭ تۇياق چارۋا قىشلاقتىن ئەتىيازلىق ئوتلاققا كۆچۈرۈلىدۇ. ئاغىياز قىشلىقىدا 1 مىليون مودىن ئارتۇق تەبىئىي ئېگىزلىك ئوتلىقى بار بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى ئەڭ چوڭ قىشلاق ھېسابلىنىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ بېشىدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئالتە يېزا - بازار، مەيداندىكى 500 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق چارۋىچى چارۋىلىرىنى ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدۇ، ئىككىنچى يىلى 3 - ئاينىڭ بېشىدا ئاندىن ئەتىيازلىق ئوتلاققا كۆچىدۇ. ھازىر، بۇ يەردىكى 547 ئائىلىلىك چارۋىچى 220 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋىنى ھەيدەپ ئوتلاق كۆچمەكتە.
يولدا، ھەر قېتىم كالا - قويلىرىنى ھەيدەپ ئوتلاق كۆچۈۋاتقان چارۋىچىلارغا يولۇققاندا، نۇركەلدى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول بېرىدۇ.
ئاغىياز قىشلىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك پەرقى 1500 مېتىردىن ئاشىدۇ. بەزى چارۋىچىلار دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان جايدىن چارۋىلىرىنى ھەيدەپ تاغدىن چۈشىدۇ، تاغ يولى ئېگىز - پەس بولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ بالدۇر يولغا چىقىپ، ئېھتىيات بىلەن يول يۈرۈپ، تۈز ئاسفالت چارۋا يولىغا كەلگەندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ.
«چارۋا يولىنى چارۋىچىلار كۆپ يىللاردىن بېرى مېڭىپ شەكىللەندۈرگەن.» نۇركەلدى مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى چارۋا يولى توپا يول ئىدى، ئەتىياز پەسلىدە بەكلا پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، بەزى جايلارنىڭ ئەڭ تار يېرى، ئۈچ - تۆت مېتىرلا كېلەتتى، ئاسانلا تاش غۇلاپ چۈشۈش، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، تاغ سىيرىلىش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈزبېرەتتى.
2019 - يىلى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاغىياز قىشلىقىدىن جىلغا ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان 113 كىلومېتىر چارۋا يولىنى رېمونت قىلىپ، توپا يولنى قۇم - شېغىللىق يول ۋە ئاسفالت يولغا ئۆزگەرتتى، يول ياسىغاندا يەنە نۇرغۇن خەتەرلىك جايدىن ئەگىپ ئۆتتى، پەقەت ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان جايلاردا ياكى كۆۋرۈك سالدى، ياكى تاغقا سىم مۇداپىئە تورى ئورناتتى. ئىزچىل چارۋا بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان نۇركەلدى مىڭ يىللىق چارۋا يولىدا يۈزبەرگەن بۇنچە كۆپ ئۆزگىرىشنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇق!
ئوتلاق كۆچۈش يولىدا نامايان بولغان چارۋىچىلىقتىكى ئۆزگىرىش
3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن باشلاپ، قورغاس ناھىيەسىدىكى 124 مىڭ 800 تۇياق چارۋا مەخسۇس چارۋا يولى ئارقىلىق كۆپلەپ ئوتلاق كۆچۈشكە باشلىدى، ئەتىيازلىق ئوتلاقتىن يىراق جايدىكى بىر قىسىم چارۋىچىلار بەش - ئالتە كۈن ماڭاتتى. شىۋىرغان چىقىپ تۇرىدىغان يولدا، چارۋىچىلارغا ئەڭ زور ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرغىنى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئوتلاق كۆچۈش ئۈچۈن قۇرغان ئالتە ئۆتەڭ نۇقتىسى بولدى، بۇ ئۆتەڭ نۇقتىلىرى چارۋىچىلار ۋە چارۋىلارنى ھەقسىز يېمەك - ئىچمەك ۋە يەم - خەشەك، ئارام ئېلىش ئورنى ۋە داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى.
قورغاس ناھىيەسىنىڭ جامباس جىلغىسى ئوتلاق كۆچۈش قوماندانلىق ئىشتابى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇ گوزىگوۋ چارۋا يولىغا جايلاشقان بولۇپ، چىڭسىخوزا بازىرىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدۇ، 3000 قوينى يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بۇ، غۇلجا شەھىرى، قورغاس ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار ئوتلاق كۆچۈشتە چوقۇم ئۆتىدىغان يول.
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۆي سىرتىدا، چارچاپ كەتكەن 300دىن ئارتۇق قوي يەم - خەشەك يېگەندىن كېيىن قوتاندا ئارام ئېلىۋاتاتتى. ئۆي ئىچىدە، مەشتە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بولۇپ، قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرى كۆكدالا كەنتىدىكى چارۋىچى سېرىك ساتىبالدى ئىشتىھا بىلەن پولۇ يەۋاتاتتى، تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە يولغا چىقاتتى.
«ئىلگىرى ئوتلاق كۆچكەندە چارۋىچىلار ۋە چارۋىلار جاپا تارتاتتى، گوزىگوۋدىن ئۆتكەندە كالا - قويلار ئاپتوموبىللار بىلەن يول تالىشىپ قالاتتى، بىخەتەرلىك چوڭ مەسىلە ئىدى. ھازىر ھۆكۈمەت ئوتلاق كۆچۈش يولى ياسىدى، چارۋىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئازىيىپلا قالماي، يەنە جامباس جىلغىسىدىكى تەمىنلەش نۇقتىسىغا ئىلگىرىكىدىن تۆت - بەش سائەت بۇرۇن يېتىپ بارالايدىغان بولدۇق، بىزمۇ يول بويى ئارام ئالالايدىغان بولدۇق، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى!» دېدى سېرىك.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، نۇركەلدى قوي پادىسىنى ھەيدەپ 20 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈردى. بۇ يولدا، ئۇ پات - پات ئوتلاق كۆچۈش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئۇچرىتىپ قالاتتى. «ماشىنىلاشقان ئوتلاق كۆچۈشتە بىر قويغا 15 يۈەن ئېلىنىدۇ، مېنىڭ ئۆيۈم ئەتىيازلىق ئوتلاققا يېقىن، ئارتۇق پۇل خەجلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.» گەرچە شۇنداق دېسىمۇ، نۇركەلدى يەنىلا تۇغقىنىغا ئاپتوموبىل ھەيدىتىپ، خوتۇنى ۋە تۆللەش ئالدىدا تۇرغان ساغلىقلار، ئاجىز قوزىلارنى بىر كۈن بۇرۇن ئەتىيازلىق ئوتلاققا ئاپىرىپ قويغانىدى.
ئوتلاق كۆچۈش يولىدا، ئاتقا مىنىۋالغان ئاياللارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بولدى. «ئۇلار بىر بولسا ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدا ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپىدۇ، بىر بولسا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئوتلاق كۆچىدۇ، بىز چارۋىچىلارنىڭ بالا - چاقىلىرىمىزنى سۆرەپ ئوتلاق كۆچىدىغان كۈنلىرىمىز ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى» دېدى نۇركەلدى پەخىرلەنگەن ھالدا.
قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە، نۇركەلدى چارۋا يولىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ئېرقانات تاڭنىسنىڭ ئۆيىنى ئارام ئالىدىغان جاي قىلىپ تاللىدى. ئېرقانات ئاغىياز جىلغىسىدىكى 18 ئوتلاق چارلىغۇچىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ خىزمىتى يىل بويى چارۋىچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن سان بويىچە مال بېقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئوتلاقتىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئوتلاقتىكى چاشقان، ھاشارات زىيىنى ئۇچۇرىنى توپلاپ يوللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتلاق كۆچكەن چارۋىچىلارنى ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئىدى.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە 8 مىليون 450 مىڭ مو ئوتلاق بولۇپ، «تەبىئىي گۈزەل» بولسىمۇ، ئاسرىمىغاندا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يەنىلا ناھايىتى تەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش، قاشالاپ چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۈزەش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئوتلاقنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە توسۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئوتلاقلاردا بىيولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ يۈزبېرىش سانى ۋە كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتى.
«ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، ئوتلاقتا ئوت - چۆپ كۆپەيدى، ئېگىز ئۆسىدىغان بولدى، چارۋىچىلار تېخىمۇ كۆپ قىشلىق ئوت - چۆپ غەملىيەلەيدىغان بولدى، چارۋىلارنىڭ يەم - خەشىكى ياخشى بولسا، تەبىئىيلا ياخشى چوڭىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋايى ھايۋانلارمۇ كۆپەيدى.» ئېرقانات شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىدىكى ئۆزگىرىشتىن پەخىرلەندى.
ئەتىيازلىق ئوتلاقتا نامايان بولغان ھاياتىي كۈچ
ئىللىق باھار نۇرىغا چۆمۈلۈپ، يۇمشاق توپىدا بىخ چىقىرىۋاتقان ياپيېشىل ئوت - چۆپلەرنى كۆرۈپ، ھەتتا تۆللەش ئالدىدا تۇرغان ساغلىقلارمۇ ئويناقشىپ كەتتى.
تېكەس ناھىيەسىدىكى 724 ئائىلىلىك چارۋىچى كېچە - كۈندۈز دەم ئالماي، 120 مىڭ تۇياق چارۋىنى ھەيدەپ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ ئوتلاق كۆچۈشنى تاماملىدى. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تېكەس ناھىيەسىنىڭ قاراتوقاي بازىرىدىكى ئەتىيازلىق ئوتلاقتا، چارۋىچىلارغا قارىغاندا يېزا - بازارلىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئالدىراش ئىدى، ئۇلار چارۋىچىلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغان بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يەنە چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق تۆل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېڭىدىن تۇغۇلغان بىرنەچچە قوزا ناھايىتى ساغلام بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئورنىدىن تۇرالىدى، بۇ، چارۋىچىلارنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتتى.
«بۇ بىر تۈركۈم قوزىلار ساغلام چوڭ بولسا، نەسىللىك موزايغا تېگىشكىلى بولىدۇ، تاغ باغرىدىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان كېلىنلەرنىڭ بېقىشىغا بېرىمىز.» ئەمدىلا تۇغۇلغان قوزىلارنى كۆرگەن چارۋىچى ئايدېن تۆلەباي مۇنداق ھېسابات قىلدى: ھازىر بىر كالا باقساق، ئون قوي باققاندىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، نەسىللىك موزاي بىلەن يەرلىك نەسىللىك موزاي ئوتتۇرىسىدىكى باھا پەرقى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 2000 يۈەن، ياخشى يېتىلگەن بىر نەسىللىك ئىنەكنىڭ باھاسى ئىككى يەرلىك نەسىللىك ئىنەكنىڭ باھاسىغا تەڭ كېلىدۇ.
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە يول يۈرۈش ئارقىلىق قورغاس ناھىيەسىنىڭ داشىگوۋ يېزىسى، لۇسۇگۇڭ بازىرى، ساربۇلاق بازىرى قاتارلىق بەش يېزا - بازاردىكى 258 ئائىلىلىك چارۋىچى 70 مىڭ 543 تۇياق چارۋىنى ھەيدەپ ئارقا - ئارقىدىن ئەتىيازلىق ئوتلاققا يېتىپ كەلدى. قورغاس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار قويلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىللە، قويلارنىڭ قۇلىقىغا كىچىككىنە بىر ئۆزەكنى سېلىپ قويدى. بۇ ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىسىلا، بۇ قوينىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرى، يېگەن يېمى، ئۇرۇلغان ۋاكسىنا قاتارلىق بىر قاتار ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ.
100 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئەمدىلا ئىنىسىغا ياردەملىشىپ ئاغىياز جىلغىسىدىن چارۋىلىرىنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاشاجار بازىرى سىمتاس كەنتىدىكى ئەتىيازلىق ئوتلاققا كۆچۈرۈپ كەلگەن نۇركەلدى بەردىقۇلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتلاق كۆچۈش ئەمدى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئەمەس ئىدى.
نۇركەلدى ئىلگىرى سىمتاس كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، ھازىر ئۇ كەنتتىكى بېيىش «باشلامچىسى» بولۇپ قالدى.
«ئىككى يىل ئىلگىرىلا قوي پادىلىرىمنى ئىنىمنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلغان، خوتۇنۇم ئىككىمىز ئولتۇراقلىشىپ، بىر قىسىم كىچىك چارۋىنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇردۇق.» نۇركەلدى مۇنداق دېدى: «مەن ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم، باققان ئات، كالىلاردىن قىلغان كىرىمىم تاغدا چارۋا باققاندىكىدىن %30 كۆپ بولدى، ياز پەسلىدە، خوتۇنۇم ئىككىمىز چارۋىچىلار ئارامگاھى ۋە قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەنە 30 - 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز».
بۈگۈنكى كۈندە، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى تۆت پەسىلدە ئوتلاق كۆچۈشتىن ئىككى پەسىلدە ئوتلاق كۆچۈشكە ئۆزگىرىشنى تاللىدى، ياكى پۈتۈنلەي ئولتۇراقلاشتى، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى زور دەرىجىدە ئۆزگەردى. ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوتلاق كۆچۈش يوللىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، چارۋىچىلارغا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كېلىدۇ.