كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى:
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە ۋاكسىنا ئەملەش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ
نېمە ئۈچۈن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىككى ئوكۇل ئۇرۇلىدۇ؟ ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئانتىتېلا شەكىللىنىدۇ؟ 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې نا بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
نۆۋەتتە، يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولماقتا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئەملەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ - يوق؟ شيې نا مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە ۋاكسىنا ئەملەش.» دۆلىتىمىزدە يەنىلا يۇقۇمنىڭ كىرىش ۋە دائىرىلىك تارقىلىش خەۋپ - خەتىرى مەۋجۇت، ئەگەر كىشىلەرنىڭ تېنىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنمىسە، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، ۋاكسىنا ئەملىگەندە ھەم ئۆزىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى، ھەم باشقىلارنىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش ئىممۇنىتېت توسۇقىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.
شيې نا مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا بولۇپ، ئىممۇنىتېت تەرتىپىنىڭ ئىككى ئوكۇل بولۇشى، ۋاقىت ئارىلىقىنىڭ 21 كۈندىن ئارتۇق بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئىممۇنىتېت تەرتىپىنى خالىغانچە تەڭشەش ئىممۇنىتېتلىق ئىنكاس ئۈنۈمى ۋە ئىممۇنىتېتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئالدىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى كىلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىش تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 2 - قېتىملىق ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى ئەملەپ تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، بىرقەدەر ياخشى ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى شەكىللىنىدىكەن.
ۋاكسىنا ئەملەش جەريانىدا، ئەملەتكۈچىلەر تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى ھەم ئۇنى ماسلىشىپ ياخشى قىلىشى كېرەك: ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىغا ئالاقىدار بىلىملەر ھەم ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپىنى ئىگىلەش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەتكەندە ئالاقىدار كىنىشكا (كىملىك، پاسپورت قاتارلىق)لارنى ئېلىۋېلىش ھەم شۇ جاينىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، نەق مەيداندىكى ۋاكسىنا ئەملىگۈچىلەرگە ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش چەكلىنىدىغان ئەھۋال قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن ئەينەن تەمىنلەش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كېيىن 30 مىنۇت قېلىپ كۆزىتىش؛ ۋاكسىنا ئەملىگەن ئورۇننىڭ تېرىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، ۋاكسىنا ئەملىگەن ئورۇننى قول بىلەن تۇتۇشتىن ساقلىنىش؛ ئەگەر گۇمانىي ناچار تەسىر كۆرۈلسە، ۋاكسىنا ئەملىگۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
شيې نا مۇنداق ئەسكەرتتى: كىشىلەر توپىدا ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىنىشتىن بۇرۇن، قىسمەن كىشىلەر توپى ۋاكسىنا ئەملەتكەن تەقدىردىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېڭى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن، ۋاكسىنا ئىممۇنىتېتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىممۇنىتېت توسۇقى شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يەنىلا ئاسان تارقىلىدۇ. شۇڭا، ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا داۋاملىق ماسكا تاقاش، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇن، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇن قاتارلىق جايلاردا ماسكا تاقاش كېرەك؛ باشقا مۇداپىئە تەدبىرلىرى، مەسىلەن، قول تازىلىقى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاش قاتارلىقلارنىمۇ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.