تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تېخىمۇ كۆپ ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

مۇھىت خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمانمۇ بەخت دېمەكتۇر. ئاپتونوم رايونىمىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

3 - ئايدا، بارلىق شەيئى جانلىنىپ، قار - مۇزلار ئېرىدى. ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، توپ - توپ قۇشلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلسا، بەزىلىرى كۆلدە ئوينىشىپ، بىر پارچە ئىناق ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز گەۋدىلىك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر دەي ۋۇجۈن.

2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنىڭ باسقۇچلۇق نىشانىنى تاماملىدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە PM2.5نىڭ قويۇقلۇقى 2015 - يىلىدىكىدىن %17.6 تۆۋەنلەپ، ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى 2015 - يىلىدىكىدىن 2.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن شەھەر - بازارلاردىكى مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى يېرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى نىسبىتى % 92.4كە يەتتى، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردە قارا، سېسىق سۇنى تۈگىتىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

2000 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 21 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزدى، بۈگۈنكى كۈندە، قىش پەسلىدىمۇ، تارىم دەرياسىنىڭ قۇيرۇقىدىكى تېتىما كۆلىدە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە شەكىللىنىپ، ياۋا ئۆردەك، ئاق قوتان قاتارلىق سۇ قۇشلىرى توپ - توپ بولۇپ، كۆلدە ئوينىشىپ يۈرىدىغان بولدى، ئەتراپتىكى سۇلۇق يەر توغراق، قومۇش ۋە يۇلغۇنلار بىلەن قاپلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا تايىنىپ، بەش يىلدا جەمئىي 28 مىليون 375 مىڭ 600 مو يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلەندى، قۇمنى تىزگىنلىدى، 4 مىليون 922 مىڭ مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇردى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى %4.7تىن ئۆرلەپ ھازىرقى %5.02كە يەتتى، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كېلىپ، چېكىنىش يۈزلىنىشى تىزگىنلەندى.

ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، قۇرۇپ كەتكەن دەريا - ئېقىنلار قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى، قەدىمىي توغراقلار بىخ سۈرۈپ قايتىدىن كۆكەردى... ھەممىلا جايدا نامايان بولغان ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرە ھەر مىللەت ئاممىغا تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى. سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولماقتا.

يېشىل تەرەققىيات سىجىل تېزلىتىلدى

نۆۋەتتە، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا «كېرەكسىز گازنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاز قويۇپ بېرىش، كېرەكسىز سۇنى نۆل قويۇپ بېرىش، قاتتىق كېرەكسىز تاشلاندۇقنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىق» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىركەت ئېنېرگىيە، مۇھىت قوغداش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ يۇڭلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى زاۋۇت رايونىدا بارلىق سانائەت كېرەكسىز سۈيى ھەمدە تۇرمۇش يۇندىسى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قايتا ئىشلىتىلىدۇ.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى.

كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، سانائەت، يېقىلغۇ كۆمۈر، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ بۇلغىما مەنبەسى»نى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ئەلالاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېشىل باغچە رايونى قۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل زاۋۇت، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشى ۋە يېشىل مەھسۇلات ئېچىشىنى قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن تۆت تۈركۈم تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىققا قارىتىلغان يېشىل ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ساھەسى قاتارلىق سەككىز تەرەپتىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنى نۇقتىلىق قوللىدى.

نەنفېڭ رىخۇا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ يېشىل ئۆزگەرتىشنى قوللىغان كارخانىلارنىڭ بىرى، يېشىل تېخنىكا ئۆزگەرتىش ھەم مۇھىت قوغداش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، بۇ كارخانا «ئۈچ كېرەكسىز»نى نۆل قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ھەر يىلى يەنە كارخانىنىڭ كىرىمىنى 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيتتى.

ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى سالمىقى مىسلىسىز بولدى

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىمىز» دېدى دەي ۋۇجۈن.

«14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2021 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە «ھاۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، ئېكولوگىيەنى كۈچەيتىش، سۇنى تىزگىنلەش، تۇپراقنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى يىغىنىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ يېتەكلەش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە مەجبۇرلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. «يېقىنقى مەزگىلدە، بىز دۆلەت چىقارغان كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار ھۆججەتكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىرىنسىپ جەھەتتە قويۇپ بېرىش بوشلۇقى يوق جايلارنى ئالدى بىلەن چوققا قىممەتكە يەتكۈزىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز بۇرچىن ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى قاتارلىق دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى بەش ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى ۋە قورغاس ناھىيەسىدىن ئىبارەت «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» بويىچە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. «بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەلىرى ۋە <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> بويىچە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرىنى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق پائال ئىلتىماس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا نۆل ھالەتنى بۆسۈپ تاشلاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى.

شىنجاڭدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە 203 دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت قاتارىغا كىرگەن بىردىنبىر كانچىلىق كارخانىسى − پەيزاۋات ناھىيەسى تۇڭخۇي كانچىلىقى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ «سېمونت ۋە ھاك تاش بىلەن قاتۇرۇپ تولدۇرۇش» تېخنىكىسىنى رەڭلىك مېتال كانىدا قوللانغان كارخانا بولۇپ، كان داشقاللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. تۇڭخۇي كانچىلىقىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جىنبو مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، شىركىتىمىز بىر قاتار ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېنېرگىيە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مەركىزىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

«بىز پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىت بۇلغىشى ئاز بولغان يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، سۇ تېجەش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى جابدۇقلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەم سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى لايىھەلەش، بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.